گېرمانىيەلىك تۈرك ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئون كۈنلۈك زىيارىتى (3) -تۇرپان

0:00 / 0:00

ئەنەس كاپلى (Enes Kaplı) ۋە سىنان چوبان (Sinan Çoban) قاتارلىق گېرمانىيەلىك تۆت ياش ئۈرۈمچىدىكى سەپىرىنى ساق سالامەت تۈگەتكەندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى پويىز بىلەن سەپىرىنىڭ كېيىنكى بېكىتى بولغان تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققان.

ئۇلار تۇرپان بېكەتكە كەلگەندىن كېيىن ئوخشاشلا قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن. ئەنەس بۇ ھەقتە توختىلىپ، چېگرادىن كىرگەندىن بۇيان ھەر كۈنى، ھەر يەردە ناھايىتى كۆپ تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكەن بولغاچقا، ئەگەر بىرەر يەردە تەكشۈرۈلمەي قالسا غەلىتە تۇيۇلىدىغان ھالغا كەلگەن.

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ساقچى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان پۇقراچە كىيىنگەن بىر قانچە ساقچى ئۇلار تۇرپانغا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە چۈشۈپ نازارەت قىلىشقا باشلىغان.

ئۇلار پويىز ئىستانسىدىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن تاكسى توسۇپ تۇرپان شەھەر مەركىزىگە بارماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تاكسى شوپۇرى باشتا ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلغان، كېيىن ئارىلىقتا بىر تېلېفون قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جىمىپ كەتكەن ۋە لام-جىم دېمەستىن ئۇلارنى مەنزىلگە يەتكۈزۈپ قويۇپ، ناھايىتى سوغۇقلا خوشلىشىپ كېتىپ قالغان.

ئەنەس شەھەر مەركىزىگە كىرىش يولىدا بىنورمال بىر مەنزىرىنى كۆرگەن. ئۇ چاندۇرماستىن، دوستلىرىغا بۇ يەردىكى قۇملۇق مەنزىرىسىنىڭ ناھايىتى گۈزەللىكىنى، ئۆزىنىڭ يولدا يۈگۈرۈۋاتقان ھالىتىنى رەسىمگە تارتىپ قويۇشنى ئېيتىپ ماشىنىدىن چۈشكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلىدە يولنىڭ ھەر ئىككى قاسنىقىدىكى بىپايان چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. چۆللۈكتىكى ئېتىزلىقلاردا ئىشلەۋاتقان كىشىلەر ئاساسەن ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تانكا ۋە ساقچىلار بار ئىكەن. ئەنەس ۋە دوستلىرى ئۇلارنى ساقچىلار لاگېردىن يالاپ ئېلىپ كېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ، پەرەز قىلىشقان.

ئۇلار شوپۇرغا چاندۇرماستىن، ئۆزئارا كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ ماشىنىغا چىقىشقان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن. ئەنەس زىيارىتىمىز جەريانىدا قايتىدىن ئاشۇ مەنزىرىنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، قۇملۇق-توپىلاردا ئىشلەۋاتقان مىڭلارچە كىشىنى كۆرۈپ، خۇددى ئۆز ئاكا- ئىنىسىنىڭ بىپايان چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇللۇققا سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولۇپ، كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن غەش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇلار تۇرپان شەھەر مەركىزىگە كىرگەندىن كېيىن، تاكسى شوپۇرى ناھايىتى سوغۇقلا خوشلىشىپ كېتىپ قالغان. ئەنەس تاكسىدىن چۈشۈپلا، ئۆتكەن يىلى كەلگەندە كۆرگەن كېچىك بازارنىڭ يوقلۇقىنى، ئۈزۈم ۋە باشقا يېمەك-ئىچمەك ساتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ غايىب بولغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئۇ ھەتتا «مەن ئۆتكەن يىلى بۇ بازاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلاشقانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار تۇتۇلۇپ كەتكەنمىدۇ» دەپ گۇمانلىنىپ، ئەتراپقا ئەستايىدىل قاراپ چىققان. ئۆتكەن يىلى ئۆزىنى بۇ بازارغا ئەكىلىپ قويغان تاكسى شوپۇرىنىڭ يىراقتىن ئۆزىگە قول پۇلاڭلاتقانلىقىنى كۆرۈپ، «ھە، بۇ كىشى ساق بولغان بولسا، دېمەك باشقا بىر سەۋەب بىلەن بازار تاقالغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ كۆڭلى جايىغا چۈشكەن.

سىنان ۋە دوستلىرى ئۈزۈمى مەشھۇر بولغان تۇرپاندا ئۇيغۇرلاردىن ئۈزۈم ئېلىش ئۈچۈن ئەتراپنى ئايلانغان. ئەمما ئۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي بولۇپ، تۇرپاندەك قەدىمىي ئۇيغۇر شەھىرىدە ئۈزۈم ساتقان بىرەر ئۇيغۇرنى كۆرەلمىگەنلىكىدىن ناھايىتى ھەيران قالغان.

تۇرپاننىڭ تۇيۇق يېزىسىدىكى مەسچىت. 2024-يىلى 25-ماي، تۇرپان
تۇرپاننىڭ تۇيۇق يېزىسىدىكى مەسچىت. 2024-يىلى 25-ماي، تۇرپان (Enes Kaplı/Sinan Çoban)

ئۇلار تۇرپان شەھەر مەركىزىنى بىرەر قۇر كۆرگەندىن كېيىن، پىلانى بويىچە تۇيۇق يېزىسىنى زىيارەت قىلغان. سىناننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت مەلۇماتلار ئىچىدە تۇرپان ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۇنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتقان. يەنى مەشھۇر ئەسھابۇلكەھف مازارى جايلاشقان تۇيۇق يېزىسىدا يېشىل مۇنارلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەسچىتلەرنى چۆرىدەپ ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئۇيغۇرلارنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان.

سىنان تۇيۇق يېزىسىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولغان، ھەتتا غەزەپلەنگەن: «تۇيۇق يېزىسىغا بارغىنىمىزدا تاشلىنىپ قالغان بىر كەنتنى كۆردۇق. كوچا-كويلاردا، ئۆيلەردە ئادەم يوق ئىدى. مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن توختىماي ‹بۇ ئۆيلەردە، بۇ مەھەللىدە ياشىغان كىشىلەر نەگە كەتتى، › دەپ سورايتتىم. بۇ كۆرگەنلىرىم، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئېسىمگە سالدى. ئىنستېگرام، يۇتۇبلاردىن كۆرگەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە پەقەت ئوخشىمايتتى. ئەسلىدە ئىسلامىي تۈسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بۇ ماكاننىڭ ھازىرقى مەنزىرىسى بەكلا غەلىتە ئىدى. مەن دوستلىرىمغىمۇ دېگەنتىم. مەخسۇس تۇيۇق كەنتى ھەققىدە ئالاھىدە بىر ۋىدىيو ئىشلىمەكچى بولغان. لېكىن كۆرگىنىم پەقەت سەھنە كىيىملىرى شەكلىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، ئۇياقتىن-بۇياققا يۈرگەن ساياھەتچىلەر، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يۈرگەن فوتوگرافچىلار… يەنى پۈتۈن كەنت خۇددى بىر فىلىم ئىشلىنىۋاتقان سەھنىگە ئوخشايتتى. ئۇ يېزا پەقەت ساياھەتچىلەرنىڭ ‹قەدىمىي شەھەر خاتىرە رەسىمى› گە چۈشىدىغان يەرگە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ. ئىنستېگرامدىكى مۇشۇ تۈردىكى ۋىدىيولارغا قارىسىڭىز بەك پەيزى كۆرۈنىدۇ، شۇنداققۇ؟ !»

مەلۇم بولۇشىچە، تۇيۇق تارىختا تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بۇددىزم مەدەنىيىتى ۋە مىڭئۆي تام رەسىملىرىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان مۇھىم جاي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا مەشھۇر بولغان «ئەسھابۇلكەھف» مازارى جايلاشقان جايدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۇيۇق مازارى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مەشھۇر مازارلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇلار تۇيۇق كەنتىدىكى مەسچىت ۋە مازارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەتراپنى ئايلىنىپ چىققان. سىنان كۆرگەنلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردىكى قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ ئالدىغا باردۇق. لېكىن مەسچىتلەر تاقاق ئىدى. تاشلىنىپ قالغىلى ئۇزۇن بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، خارابىلىككە ئايلانغانىدى. بارلىق مەسچىتلەردىكى ئىسلامىي خەتلەر ۋە بەلگىلەر پۈتۈنلەي بۇزۇۋېتىلگەنىدى. ئۇنىڭدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بىرەر تال ئىسلامىي بەلگىنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى. بىز چوڭ يولدىن چىقىپ، ئارقا كوچىلارغا كىرىپ باقتۇق. ئۇ كوچىلاردىمۇ تاشلىنىپ قالغان ئۆيلەر بار ئىدى، بىز ئىچىگە كىردۇق. بۇرۇن ئادەملەر ياشىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئۆيلەردە ھازىر ھېچكىم يوق ئىدى. بۇ يەردىكى ئادەملەر نەدە؟ ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆيلەرنىڭ يېنىدا بىر مازارلىقنى كۆردۇق. يىراقتا بىر ساقچى ماشىنىسى توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. بىز كىرىشكە رۇخسەت قىلىنامدۇ-قىلىنمامدۇ، بىلمەيتتۇق. لېكىن نېمە بولسا بولسۇن دەپ كىرىۋەردۇق. مازارلىق بەكلا خانىۋەيران ئىدى. بەزى قەبرىلەر ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. بىز بۇ يەردە ئازراق قۇرئان ئوقۇشنى قارار قىلدۇق. چۈنكى ئاخىرقى قېتىم بۇ يەردە قايسى ۋاقىتتا قۇرئان ئوقۇلدى، بۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. ھەتتا ‹بۇ يەردە ياتقانلار ئۈچۈن كىم ئاخىرقى قېتىم دۇئا قىلغاندۇ› دېيىشتۇق. بىزنىڭ ئاشۇ قېتىملىق مازار زىيارىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈلنى بەك غەش قىلىدىغان بىر كەچۈرمىش بولغان ئىدى.»

ئۇلار يەنە تۇيۇق كەنتىدە تارىخىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ئۆرۈلۈپ كەتكەن خارابىلىكلەردە تېلېفونلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، نەق مەيدان قىلىۋاتقان «تور چولپانلىرى» نى كۆپ ئۇچراتقان.

ئەنەس ۋىدىيوسىنى تارتقان بىر مەسچىتنىڭ ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بەردى: «مەسچىت رەسمىي بىر ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. كۆرۈنۈشى بەكلا ۋەيرانە، يەنى بىرى تاش ئاتسا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەكلا تۇراتتى. ھەتتا ئىچىدىن شۇنداق سېسىق پۇراق كېلەتتى. سىناننىڭ دېگىنىدەك، مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا خىتاي ئاياللار يېرىم-يالىڭاچ كىيىملەر بىلەن ھەر خىل شەكىلدە رەسىمگە چۈشۈۋاتاتتى. يەنى قىزلىرىنىڭ ئار-نومۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، دۆلەت قۇرغان بىر خەلقنىڭ يۇرتىدا، بۈگۈن ئوچۇق-ئاشكارا نومۇسسىزلىق قىلىنىۋاتاتتى. »

ئۇلار تۇيۇق يېزىسىدىكى زىيارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تۇرپان شەھەر مەركىزىگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققان. ئۇلار تۇيۇق كەنتىدىن بىر قانچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يول بويىدا ھەربىي ماشىنىلار، تانكىلار ۋە ھەربىي تىك ئۇچارلار بىلەن ساياھەت قىلغىلى بولىدىغان بىر ساياھەت ئورنىنى كۆرگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ھەربىي كىيىم كىيگەن خادىملار ساياھەتچىلەرنى ھەربىي ماشىنىلار، تانكىلار ۋە ھەربىي تىك ئۇچارلار بىلەن ئەتراپتىكى قۇملۇقنى ئايلاندۇرۇپ ساياھەت قىلدۇرىدىكەن.

سىنان، بۇ غەلىتە ساياھەت ئورنىنى كۆرۈپ قاتتىق بىئارام بولغان: «راستىنى ئېيتقاندا، بۇ ناھايىتى غەلىتە بىر فىلىمغا ئوخشايتتى. بۇ ئورۇن بىلەن بىز نەچچە سائەت بۇرۇن كۆرۈپ كەلگەن تۇيۇق كەنتىنىڭ ئارىلىقى ئۇنچە ئۇزاق ئەمەس. خىتايلار رېئاللىقتا ياشىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆزى ياسىۋالغان ساختا بىر دۇنياسى بار ئىكەن. مەن مۇشۇنداق ھېس قىلدىم. يەنى ئۇ يەردە بىر باستۇرۇشنىڭ بارلىقى شۇنچىلىك ئېنىق، لېكىن ئۇ خىتايلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھېچ كارى يوق ئىكەن.»

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يول بويىدىكى ئاشۇنداق غەلىتە مەنزىرىلەرنى كۆرگەچ يولىنى داۋام قىلغان. كۈنمۇ خىلى كەچ بولۇپ قالغان بولۇپ، قاراڭغۇلۇقتا كېتىۋاتقاندا، چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىراقتىن چىراغلىرى يېنىق تۇرغان بىنالار كۆرۈنگەن. ئۇلار باشتا بۇ يەردە ئاھالىلىك بىناسى بار ئوخشايدۇ دەپ قىزىقىشىپ قاراشقان. ئۇلار ئىنچىكىلەپ قارىغاندىن كېيىن سىم توسۇقلار بىلەن ئورالغان ئېگىز تاملارنى، تامنىڭ تۆت بولۇڭىغا ئېگىز قىلىپ سېلىنغان قاراۋۇل ئۆيىنى، ئېگىز تامنىڭ ئالدىدا تۇرغان تانكىلارنى كۆرگەن. ئەتراپ قاراڭغۇ ھەم ئارىلىق خىلى يىراق بولغاچقا، ئۇلار ئاشۇ قورشالغان تامنىڭ ئىچىدە قانچە بىنانىڭ بارلىقى توغرىلىق ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىدى. تەخمىنەن بەش قەۋەتلىك بىنادىن ئۈچ-تۆتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەنەسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى خىلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولغاچقا، بۇ ئورۇننى لاگېر دەپ جەزملەشتۈرگەن. ئۇ تاكسى شوپۇرىغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن كۆز ئىشارىتى بىلەن دوستلىرىنى ئاۋاز چىقارماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇلار كېيىن بۇ ئورۇننى گۇگىل خەرىتىسىدىن تەكشۈرگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، گۇگىلدا ئاشۇ ئورۇننى كۆرسىتىدىغان نۇقتىغا «ياش تالانتلىقلار بىناسى» (Youth Talent Apartment) دەپ يېزىلغان ئىكەن. سىنان بۇ ئورۇننىڭ ئاشۇ ھەربىي ماشىنا، تانكا، تىك ئۇچارلار بىلەن ساياھەت قىلىش ئورنىغا ماڭىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە نەچچە كىلومېتىرلا يىراقتا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئۇلار تۇرپاندىكى بۇ بىر كېچىنى ئېغىر خىياللار بىلەن ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 26-ماي كۈنى ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ئاقسۇدا يەنە قانداق ئىشلارغا ئۇچرايدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بولغاي.