پايلاقچىلىق قىلىۋېتىپ ھىدايەت يولىنى تاپقان سېكرېتار ياسىن تۇرسۇن 7 يىللىق كېسىلگەن

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 2010‏-يىللاردا كۈچىيىپ داۋام قىلغان دىنىي ساھەگە قارىتا تەقىب ۋە نازارەتلەر جەريانىدا، بىر قىسىم كەنت كادىرلىرى سىياسىي ئىدىيە ۋە مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە جامائەتنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ كىشىلەر 2017‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. دەلىللىنىشىچە، ئەنە شۇلاردىن بىرى، پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى سابىق كەنت سېكرېتارى ياسىن تۇرسۇندۇر.

قەشقەر پەيزىۋاتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن زېرىكىشلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەن بىر قىسىم كەنت كادىرلىرى ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن قاتناشقان بەزى مەخپىي ۋە بەزى ئاشكارا دىنىي پائالىيەتلەردە ئۆزلىرى كۈتمىگەن بىر ھاياجانلىق سەھنە بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار بۇ سورۇنلاردىكى تەرتىپ-ئىنتىزام ۋە مېھرى-مۇھەببەتتىن تەسىرلەنگەن بولسا، خاتىپلارنىڭ جاراڭلىق نۇتقى - دۇنيا، ئىنسان ۋە ھايات ھەققىدىكى مەنتىقلىق ئىزاھاتلىرى-ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە قايىللىق پەيدا قىلغان. نەتىجىدە بۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقىدا سوۋۇش پەيدا بولغان؛ ھەتتا بەزىلىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ھىدايەت يولىنى تاللىغان. مەزكۇر خادىمنىڭ مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىچە، پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسى تېرىم كەنتىنىڭ سېكرېتارى ياسىن تۇرسۇن، ئۆزى پايلاقچىلىق قىلىۋاتقان دىنىي سورۇندىكى تەبلىغلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئادەتتە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كەنت ۋە يېزىنىڭ كەيپى-ساپالىق زىياپەت سورۇنلىرىدىن يىراقلاشقان.

ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ ئايال-بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى مەمنۇن قىلغان بولسىمۇ، دائىرىلىرىدە بىئارامچىلىق پەيدا قىلغان. دائىرىلەر ياسىن تۇرسۇننى بىرقانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇ تۇتقان يېڭى ھايات يولىدىن يانمىغان.

ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا دەسلەپتە يېتەرلىك سەۋەب تاپالمىغان تېرىم يېزىلىق پارتكوم، 2017‏-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ھاراق ۋە تاماكىنى تاشلىغانلىقى، دىنىي سورۇنلاردا ھاراق-تاماكا چەكلەنگەن تەبلىغلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلىقى ۋە توسمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ ئاۋۋال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، ئارقىدىن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ تەكشۈرۈلۈشتىن كېيىن، ئۇ 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 2‏-كەنتتە كونا كادىرلاردىن بىرىمۇ قالمىغانلىقى، ئىلگىرىكى 10 نەپەر كادىرنىڭ ھەممىسىدىنلا «مەسىلە» چىقىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تېرىمنىڭ 5 ‏-كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆز كەنتىدىن ئىككى نەپەر «ئىككى يۈزلىمىچى» چىققانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ، سابىق سېكرېتار ياسىن تۇرسۇن ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ھاراق-شارابقا يېقىن كەلمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار «يامان ئادەتلەر» نى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2017‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياسىن تۇرسۇن ئۈستىدىن سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغان ۋە يەتتە يىللىق كېسىم ئېلان قىلىنغان. تېرىم يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى، ياسىن تۇرسۇننىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىشىگە ھاراق ئىچمەسلىك تەۋسىيە قىلىنغان تەبلىغ سورۇنىغا 4-5 قېتىم قاتناشقانلىقىنىڭ پاكىت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خادىمنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ياسىن تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى ئىلگىرىكى كەيپى-ساپالىق ھاياتى سەۋەبلىك ئەسلىدە بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ھىدايەت يولىغا ماڭغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە مەسىلىسى تۈزەلگەن. نۆۋەتتىكى يەتتە يىللىق قاماق جازاسى ئۇنى ئائىلىسىدىن جىسمانىي جەھەتتىن ئايرىۋەتكەن بولسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتىن ئۇنىڭ ئائىلىۋى بېغىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.