خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ئېغىر دەرىجىدە خاراب قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت-سەنئەت دۇردانىلىرى ۋە بايلىقلىرىنى قوغداش ھەم ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك ياش ئەۋلادلارنى ئۇيغۇر روھىي بىلەن تەربىيەلەشنى تەخىرسىز ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا. شۇ سەۋەبتىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ مېھنەت سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە، يېقىنقى يىللاردا مۇھاجىرەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن توردا تەسىس قىلغان سەنئەت كۇرسلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۈنۈم كۆرسىتىپ، دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىش تالانتى بىلەن، جۈملىدىن ماي بوياق رەسىملىرى ئارقىلىق جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياۋروپادىكى رەسىم سەنئىتى ساھەسىدە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز تور دۇنياسىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى ئوزۇق ۋە كۈچ بولۇپ، ئۆز ئەجىر-مېھنىتىنى سىڭدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرىدۇر.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2021-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا «تالانتلىقلار باغچىسى» نامىدا توردا رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىش كۇرسى تەسىس قىلغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر رەسىم ھەۋەسكارلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ رەسىم كۇرسى بۇ يىل 5-يىلىغا قەدەم باسقان. مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر روھىي بىلەن تەربىيەلەش تولىمۇ مۇھىم. ئۇ سۆزىدە، ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىش ئوقۇتۇشىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى مۇھىم، دەپ قارىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 11-يانۋار كۈنى توردا تەسىس قىلىنغان «تالانتلىقلار باغچىسى» نىڭ 7-قېتىملىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى تولىمۇ قاينام-تاشقىنلىق ۋە يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر رەسىم ھەۋەسكارلىرى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە توردا بۇ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەر خىل ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەن. لاتۋىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئاينۇرە خانىمنىڭ ئىككى قىزى بۇ رەسىم كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەسىم كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىنكى ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە ئۆز تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ھەر كەسىپ ۋە ھەر ساھەدىن «تالانتلىقلار باغچىسى» غا ئوخشاش بۇ تۈردىكى كۇرسلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرۋايىت ھاپىز خانىم زىيارەت داۋامىدا يەنە، مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەربىيەلىنىشىگە سەل قارىماسلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئەت دۇنياسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقاندا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكانت مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ دۇتار چېلىش ماھارىتى ۋە ناخشا ئېيتىش تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يارىلانغان قەلبىگە ئۈمىد ۋە مەدەت بېغىشلاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ توردا دۇتار چېلىشنى ئۆگىتىش كۇرسى تەسىس قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مۇختەر ئابدۇكېرىم جانبازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلىغان. ئۇنىڭ سەنئەت كەسپىي جەھەتتە مۇنتىزىم تەربىيەلىنىشى ۋە بۇ ساھەدىكى ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشى ئۇنىڭ مۇزىكا ۋە سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.
دەرۋەقە، ئىككى يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ توردا تەسىس قىلغان دۇتار ئۆگىتىش كۇرسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ۋە سەنئەتكە تەلپۈنگەن كىشىلەر ياقتۇرۇپ قاتنىشىدىغان تور كۇرسىغا ئايلانغان. ئامېرىكادىن قىزى بىلەن بىرلىكتە مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىنىڭ توردا تەسىس قىلغان دۇتار كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان دۇتار ھەۋەسكارلىرىدىن بىرى بۇ كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىنكى تەسىراتى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر سەنئىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ مۇزىكا سەنئىتى ئۇيغۇر روھىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى نامايان قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بولۇپ، دۇتار ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك ئۇيغۇر سازىدۇر.

مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ يەنە، يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە قەلبىنى ئېغىر زېدىلەپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇتار ئۆگىتىشنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆز مېھنەتلىرىنى سىڭدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەمەلىي خىزمەتلىرىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئىجابىي ئۈنۈملەرنى كۆرسەتمەكتە.