7-ئىيۇل جۈمە كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت زۇرىخ شەھەرلىك قىزىل كىرست جەمئىيىتى، ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بۇ پائالىيەت جەريانىدا، تۇتقۇندىكى ئەدىب، شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ قىزى ئايقانات بىلەن كۈيئوغلى ئۆتكۈر سەھنىلەردە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنى ئويناپ، شىۋېتسارىيە خەلقىگە ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىنى كۆرسەتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت زۇرىخنىڭ تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق «زۇرىخ فېستىۋالى» غا توغرا كەلگەن. بۇ فېستىۋالغا يەرلىك شىۋېتسارىيەلىكلەر بىلەن بىللە دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن كەلگەن يۈز مىڭلىغان ساياھەتچىلەرمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، زۇرىخ ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا تۈرلۈك مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتى زۇرىخ تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ۋىنتەرتخۇردا ئۆتكۈزۈلدى. فېستىۋالغا قاتناشقۇچى يەرلىكلەر ۋە ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، رىياسەتچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. ئۇلار بۇ نومۇرلارنىڭ شىۋېتسارىيەدىن تولىمۇ ئۇزاقتا بولغان قەدىمىي يىپەك يولى بويىدىكى بىر جۇغراپىيەدىن كەلگەنلىكى، شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر خەلقنىڭ مىللىي ئۇسسۇلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىدا، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى بىلەن ئۆز ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تولىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىشتى.

بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرمۇ قاتناشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاش پۇرسىتىگە بۇ يەردە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان شىۋېتسارىيەلىك تەتقىقاتچى، «خىتاي قارا تاشلىق كىتابى» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى چارلىس ساراسېن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى تەسىراتى ۋە ھاياجىنىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى:
«ئۇسسۇللار تولىمۇ ئېسىل ۋە لەرزان، مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل ئۆزئارا ئاجايىپ ماسلاشقان بولۇپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ كىيىنىشى ۋە ئۇسسۇل رىتىمى كىشىنى قانچىلىك ھاياجانلاندۇرسا، رەڭدارلىقى كۆزلەرنى قاماشتۇرىدۇ» دېدى.
چارلېس ساراسېن ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ بۇندىن بۇرۇن نەچچە قېتىم خىتايغا بارغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ بۈگۈن شىۋېتسارىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ لەززەتلىك يېمەكلىكلىرى ۋە سەنئىتى بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشۇش ئىمكانىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى:
«مەن يىللاردىن بېرى تىبەتلىك دوستلىرىم ۋە تىبەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى جامائىتى بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىۋاتىمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇلتۇر ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر نەچچە كىتابنى ئوقۇدۇم، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى، تۈرمىلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ چۆچۈدۈم. ئۇ يەردە، يەنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقىنى دەل خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. بۇ شۇنداق دېيىشكە تامامەن بولىدۇ».
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن رۇتىھ خانىممۇ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «فېستىۋالىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ قېتىلىشى بىلەن تولىمۇ رەڭدار تۈسكە كىردى. بۇ يەردە ئۇسسۇل ئوينىغان بۇ ياشلار تولىمۇ جاسارەتلىك ئىكەن، ئۇلار كىشىلەرگە دادىللىق ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە كىملىكىنى تونۇشتۇردى. مەن ئويلايمەنكى، ھەرقانداق بىر ئۇسسۇلنىڭ ئارقىسىغا شۇ ئۇسسۇلنى ئىجات قىلغان خەلقنىڭ ھەم ئۇسسۇل ئوينىغۇچىنىڭ ھېكايىسى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر ئۇسسۇلنىڭ ئۆزىگە خاس بىر مەنىسى ھەم ئېيتىمى بولىدۇ!»

پائالىيەت جەريانىدا ئايقانات بىلەن ئۆتكۈر تاماشىبىنلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئارقا-ئارقىدىن ئالتە مەيدان ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئوينىدى. ئۇلار ئاخىرىدا يەرلىك شىۋېتسارىيەلىكلەرنىمۇ ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىپ، مەيداننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
پائالىيەتكە شىۋېتسارىيەنىڭ يەرلىك مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇخبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى: «مەن بۈگۈن بۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتىم، بۇرۇن گېزىتتىكى خەۋەرلەردىن ئوقۇغىنىمدا، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەبلەر ياكى ئافغانلارغا ئوخشاپ كەتسە كېرەك، دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم، مانا بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى بار بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش بولۇپلا قالماستىن ئەمەس، بەلكى دۇنيا مەدەنىيىتىگە قىلىنغان بىر زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. دۇنيا رەڭدارلىقى بىلەن گۈزەل، بۇنداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ياشاشقا ھەقلىق، شۇنداقلا دۇنيانىڭ بۇنداق ئېسىل بىر مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىش مەجبۇرىيىتى بار. مەن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىپ كۆرۈشكە، ھەتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلەشكە بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ئالدىدا سۆز بېرىمەن.»
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا تۇتقۇندىكى شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ قىزى ئايقانات ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«بىز شىۋېتسارىيەدە كەلگەندىن بۇيان قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق پائالىيىتى بولدى، ئوخشىمىغان شەھەرلەردە بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇق. مېنىڭ ھېس قىلغىنىم، خەلق ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى تونۇيدىغانلار، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخى بار بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىكەن.»
ئايقاناتنىڭ يولدىشى ئۆتكۈرمۇ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەتمۇ مەنچە بولغاندا ناھايىتى غەلىبىلىك بولدى، تاماشىبىنلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، بۇ ئۇسسۇل قەيەرنىڭ ئۇسسۇلى، سىلەر كىم، بۇ كىيىملەر قايسى مىللەتنىڭ كىيىمى، دەپ سوراشتى. بىز بۇ يەردە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: ‹بىز ئۇيغۇر، بۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلى› دەپ تونۇشتۇردۇق، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇشتۇر. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تۆھپە قوشۇشتۇر!»