خاگىتا رېيكو خانىمنىڭ ئۇيغۇر رىشتىسى ۋە ئۇنىڭ «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» ناملىق كىتابى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.01.18
yaponche-kitab ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا شەھىرىدىكى «شىيۇكوشا» نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» (ئوتتۇرىدا) ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
Photo: RFA

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا شەھىرىدىكى «شىيۇكوشا» نەشرىياتى «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» ناملىق بىر ياپونچە كىتابنى نەشر قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، «شىيۇكوشا» نەشرىياتى ئەدەبىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىدىغان نەشرىيات بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلارنىمۇ نەشر قىلىشقا باشلىغان ئىكەن

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى خاگىتا رېيكو خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، شېئىرىيىتى، تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىگە زور ئىشتىياق باغلىغان، شۇنداقلا بۇ ساھەدە ئىزچىل ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بىرقانچە يىللىق تەتقىقاتى ۋە ئەجرى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» ناملىق بۇ كىتاب ئۆتكەن يىلى 8-دېكابىر كۈنى ياپون تىلىدا يورۇق كۆرگەن.

«ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» ناملىق بۇ كىتاب جەمئىي 6 بابتىن تەشكىل تاپقان. خاگىتا رېيكو خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتابتا ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخى تەپسىلىي شەرھلەنگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدىكى بەدىئىي ئۈلگىلەر، نەزەرىيەۋى ئۇقۇملار ۋە ئىجادىيەت ئېقىملىرى مۇلاھىزە قىلىنغان. «ئازۇما ئاياكو» دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇس بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى خاگىتا رېيكو خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى. ئۇ، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» ناملىق كىتابنى يېزىشىغا ئىلھام ۋە تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

 «كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ياپونىيەدە كۈنلۈك تۈزۈمدە ئىشلىيەلمىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پىشقەدەملەر 2020-يىلى توكيودا NPO JU يەنى ‹ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى فوندى› نى قۇرغان ئىدى. شۇ مەزگىللەردە مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم. مەن ئالىيجاناب خىسلەت، ئېسىل پەزىلەت ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە ياشاۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇ ۋاقىتلاردا بىر ياش ماڭا مەن 2009-يىلى ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹ئىز› ناملىق رومانىنى ئوقۇغانلىقى ۋە ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ياپونىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئادەتتە ياپون تىلىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدۇ، ھەم ياپونچە كىتابلارنى ياخشى ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇلار ئىلمىي ماقالىلىرىنى پۈتۈنلەي ياپونچە يازىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ياش ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئانا يۇرتىدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر تارىخى ياكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئوقۇش ئىمكانى بولمىغان. شۇڭا بىر ئۇيغۇر دوستۇم ماڭا مەن تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان بىر ئەينەك بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى› نى يېزىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن ھازىر ياپونىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ياپونىيەدە چوڭ بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز تارىخى ۋە ئەدەبىياتىنى توغرا تەرەپتىن بىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. »

ياپونىيەدە ياشاۋاتقان پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، پەلسەپە تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. مۇختەرجان ئابدۇراخمان، خاگىتا رېيكو خانىمنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە شېئىرىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەدىكى ساناقلىق تەتقىقاتچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى؛ بۇ خانىمنىڭ ئېسىل خاراكتېرىگە ۋە تولىمۇ كەمتەر پەزىلەتكە ئىگە بىر ئىلىم ئادىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» ناملىق بۇ كىتابنىڭ ياپونىيەدە نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاگىتا رېيكو خانىمغا بولغان ھۆرمىتىنى ۋە چەكسىز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابتا ئاپتورنىڭ بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنى شەرھلىشى، تولىمۇ قىممەتلىك ئىكەن.

خاگىتا رېيكو خانىم ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە توكيو چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوردۇچە، ئەرەبچە، پارسچە ۋە تۈركچە كەسىپلىرىدە ئوقۇپ 1983-يىلى ئەدەبىيات كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1988-ۋە 1989-يىللىرى پاكىستاننىڭ كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوردۇ ۋە پارس كىلاسسىك شېئىرىيىتى بويىچە ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە باشلاپ، 1994-يىلدىن 1995-يىلغىچە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىنچە ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتى تەتقىقاتى بويىچە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدەنگەن ۋە بىلىم ئالغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى ئۆگەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەل، قوشاق ۋە رۇبائىيلىرىغا ئالاھىدە قىزىققان خاگىتا رېيكو خانىم، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزگىلىدە يەنە چاغاتاي تۈرك تىلىنىمۇ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئۇ ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2009-يىلى ئابدۇرېھىم ئوتكۈرنىڭ «ئىز» رومانىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى «قەھرىمانلارنىڭ كۆز ياشلىرى: ئويغان ئۇيغۇر» دېگەن نامدا نەشر قىلدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 2014-يىلى «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى: يىپەك يولىدا ياڭرىغان مۇھەببەت ناخشىلىرى»، 2016-يىلى «جەڭگىۋار شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى»، 2019-يىلى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە 2016-يىلى «غەزەپلەنگەن ئۇيغۇر روھى»، 2021-يىلى «ئۇيغۇر زېمىنىدىكى مايترىيا ئېتىقادى» ناملىق كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.

مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئەپەندى، مەزكۇر كىتابنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بىرى، كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ شېئىرىيەتتە قانداق ئىپادىلەنگەنلىكى ۋە قانداق ئىزچىللىقنى ساقلىغانلىقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، بۇ خىل شېئىرىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمۇ خاگىتا رېيكو خانىمنىڭ «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرى، تەسىراتى ۋە بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى

خاگىتا رېيكو خانىم، مەزكۇر كىتابىنىڭ خاتىمە قىسمىدا خىتاينىڭ 2016-يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى زور تۇتقۇنى جەريانىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىنى مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزگەن. ئۇ، مۇنۇ قۇرلار بىلەن ئۆز ھېس-تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن: «پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ھازىر بەلكىم تۈرمىدە بۇ شېئىرنى ئاۋازلىق ئوقۇۋاتقاندۇ-ھە! بۇ شېئىر گويا شائىرنىڭ روھى دۇنياسىنى تۈرمىدىن سىرتقا ئاشكارا قىلغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا يىللار بويىچە ھاياتىي كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. »

مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئەپەندى ئاخىرىدا ئاپتور خاگىتا رېيكو خانىمنىڭ كىتابنىڭ خاتىمە قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزەرلىرى توغرىلىق ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، خاگىتا رېيكو خانىم ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنى تەتقىق قىلماقچىمەن. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى تولىمۇ قىزىقارلىق بىر تېما. ئۇنىڭدىن باشقا مەن يەنە مەن قىزىقىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئېسىل شېئىرلىرىنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىشنى خالايمەن. مەسىلەن، ھازىر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلاردىن پەرھات تۇرسۇن، ئادىلجان تۇنىياز، ئابدۇرېشىت ئېلى، گۈلنىسا ئىمىن، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىيلەرنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلاش پىلانىم بار.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.