مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز شېئىرىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ھامىي» گېزىتى تەقرىز ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇشى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەقرىزدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئەنئەنىنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 11-ئەسىردە قەلەمگە ئېلىنغان شېئىرىي پەلسەپە رىسالىسى- «قۇتئادغۇ بىلىگ» كە ئوخشاش ئەسەرلەرگە تۇتىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

تەقرىزدە يەنە، 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىملارغا دۇچ كەلگەنلىكى، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا تاشلانغانلىقى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش قىسقارتىلغانلىقى بايان قىلىندى.

تەقرىزدە مۇنداق دېيىلدى: «رايوندىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەر يازغۇچىلار، ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن باشقا، 30 دىن ئارتۇق شائىرنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى. بۇ ئارىلىقتا، مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش يولىغا ئاتلاندى.»

تەقرىزدە يەنە، تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پەرھات تۇرسۇن، ھازىر كانادادا ياشايدىغان ئەخمەتجان ئوسمان ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان ئابىدە ئابباس نەسرىن، 2018-يىلى يۇرتى خوتەندە ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى غوجىمۇھەممدە مۇھەممەد قاتارلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بېرىلدى.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە شائىر پەرھات تۇرسۇننىڭ 2018-يىلى يانۋاردىن بۇيان لاگېرغا قامالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.