لوندوندا «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىل-ئەدەبىياتىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئەيىبلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى پىنگېۋىن نەشرىياتىدا «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتاب يورۇق كۆرگەن.

1-نويابىر كۈنى ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتاب 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە رەسمىي سېتىلىشقا باشلانغان.

مەزكۇر كىتاب لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، مۇراسىمغا پېنگۋېن نەشرىياتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئەنگلىيەلىك ئەدەبىياتچىلار، شائىرلار، مۇخبىرلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «پائالىيەتتە ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن جانلىق ئۆرنەكلەر سۇنۇلدى. كىتابنى نەشر قىلغان نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى داۋىد كامپبېل (David Campbell) ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. مەن بۇ كىتابنىڭ نەشرگە تەييارلىنىش جەريانى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە›ئۇيغۇر شېئىرلىرى› ناملىق كىتابنى نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدىم. مەن 2021-يىلى پىنگېۋىن نەشرىياتىدىن كەلگەن بۇ كىتابنى تەييارلاش توغرىسىدىكى تەكلىپنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن 3 يىل ئەمگەك سەرپ قىلىپ، بۇ كىتابنى يورۇققا چىقاردىم.»

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 1-نويابىر، لوندون.
«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 1-نويابىر، لوندون. (RFA/Erkin Tarim)

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابقا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان شېئىرلىرىدىن ئۆرنەكلەر كىرگۈزۈلگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن نەشرگە تەييارلىغان بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى داستانلىرىدىن تارتىپ، مەسىلەن ئوغۇزخان داستانى، ئالىپ ئەرتۇڭا داستانى شۇنىڭدەك بۇددىزم، مانى دىنى دەۋرى، مۇسۇلمانلىقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى دەۋرلەر، قاراخانىيلار، چاغاتاي ئەدەبىياتى مەزگىلى، 19--20ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە 2016-يىلىدىن كېيىن جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن».

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى. 2023-يىلى 1-نويابىر، لوندون.
«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى. 2023-يىلى 1-نويابىر، لوندون. (RFA/Erkin Tarim)

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئەزىز ئەيسا ئىنگلىز تىلىدا تەييارلىغان كىتابنى تونۇتۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئامېرىكا، ياۋرو ۋە دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدە ياخشى بىلىنمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن. 2023-يىلى 1-نويابىر، لوندون.
«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن. 2023-يىلى 1-نويابىر، لوندون. (Erkin Tarim)

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان لوندوندا ئۇيغۇر مۇزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور راچال خاررىس(راچەل ھاررىس) خانىم بۇ پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ئاخشام تۇنجى قېتىم ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى بۇ كىتابنى تونۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. بۇ كىتابنىڭ دۇنيادا باشقا مەسىلىلەرنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە نەشر قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ باي شېئىرلىرىنى شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھازىر تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن».

لوندوندىكى پىنگۋىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتاب 272 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھازىر تور ئارقىلىقمۇ سېتىشقا باشلانغان.