ئۇيغۇرلار شىۋېتسارىيەدە ئانا تىلى بايرىمىنى تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

«ئانا تىل-ئادەم دۇنياغا كۆز ئېچىپ، تۇنجى قېتىم سۆز قىلغان تىلى، سەن ئارقىلىق 12 مۇقامنى توۋلىدىم، سەن ئارقىلىق تارىخىمىزنى، كىملىكىمىزنى بىلدىم، ئەي ئانا تىل سەن مېنىڭ ۋەتىنىمسەن، كىملىكىمسەن!».

بۇ جاراڭلىق سادا، 23-فېۋرال شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندە ئۆتكۈزۈلگەن ئانا تىل بايرىمى كۈنىدە بۇ دۆلەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى خانىمنىڭ ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغان شېئىرى ئىدى.

ھەر يىلى 21-فېۋرال «ب د ت مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەت كومىتېتى» تەرىپىدىن بېكىتىلىپ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» سۈپىتىدە دۇنيا مىقياسىدا تەبرىكلىنىدىغان بىر كۈندۇر. بۇ، 1999-يىلى «ب د ت مائارىپ ۋە پەن مەدەنىيەت كومىتېتى» تەرىپىدىن دۇنيا ئانا تىل كۈنى دەپ بېكىتىلگەن ۋە 2000-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي تەبرىكلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ كۈندە دۇنيادىكى تىلى، مەدەنىيىتى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ تىلىنى قوغداش مەسىلىسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ب د ت تەرىپىدىن ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ.

23-فېۋرال، ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار يەنە بىر يەرگە جەم بولۇپ بۇ كۈننى تەبرىكلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

پائالىيەت ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلىنىپ، ئارقىدىن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇلدى. ئارقىدىنلا بۇ دۆلەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپچىلىككە ئۆزلىرى تەييارلىغان ئانا تىل ھەققىدىكى بىر شېئىرنى تەقدىم قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىكرامنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇمۇ: «مىللىي كىملىكنىڭ بەلگىسى بولغان-ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ ئۆزگىچە كىملىكى ۋە تارىخى بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتە ياخشى قوغدىلىشى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنىڭ ئىپادىسى» دەپ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

شىۋېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، بالىلار ئۇيغۇرچە ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن شېئىرلارنى ئوقۇش، تېپىشماق تېپىش، ھەر بىر بالا ئۆز ئائىلىسى بىلەن سۆزلۈكلەرنى تېپىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بالىلاردىن ئېلتەرىش نىمشېھىتنىڭ «ئالدىدا» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى. شىۋېتسارىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئېلتەرىشنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا راۋان شېئىر ئوقۇشى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن زالنى گۈلدۈراس ئالقىش ساداسىغا چۆمدۈرگەن ئىدى.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە يېڭى ئەۋلادلارنى ئانا تىلىدا تەربىيەلەپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە.

ئەندىلى قاراخان يەنە، مۇھاجىرەتتە ئانا تىلىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەر يىلى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلەپ، بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان پەرزەنتلەرنى، ئاتا-ئانىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ پەرزەنتلەرگە ئەدەپ-ئەخلاق، مىللىي كىملىك، ئۆرپ-ئادەت تەربىيەسىنى بېرىشنى داۋام قىلماقتا. شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى بۇ پائالىيەتكە لەززەتلىك ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تەييارلاپ كەلگەن بولۇپ، بالىلارنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيەسى، ئويۇنلىرى، بالىلارنىڭ تەييارلاپ كەلگەن ئېتۇتلىرى، سۆز ئويۇنلىرى بىلەن بۇ پائالىيەت باشتىن ئاخىرى ناھايىتى جانلىق ۋە خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.