ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا بىر مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغانىدى. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دەپ ئاتالغان بۇ كوللېگىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاشنى باشلىغان.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دەپ ئاتالغان بۇ كوللېگىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىكولاس ۋىچ ئەپەندى خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى پەقەت پاكىت ئارقىلىقلا بېكىتىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «مەقسىتىمىز ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىش. شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى بىز پەقەت پاكىتقا تايىنىمىز».
ئەنگلىيە دۆلەتلىك خەۋەر تېلېۋىزىيىسى بولغان ITV تېلېۋىزىيەسى مۇستەقىل سوت كوللېگىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان كۈنى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولانغان، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىر ئايدىن ئارتۇق كۆزەتكەن ITV تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى ئېمما مېرفىي خانىم ئۆزىنىڭ تۋىتتىر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە رەت قىلىدۇ. بۇ ئاياللار يەنىلا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغان، ئۇلار ئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ. بۇ مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىغا تېگىشلىك مەسىلىدۇر».
ئېمما مېرفىي بۇ تەپسىلىي خەۋەر ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئەنگلىيەدىن بۇيەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ناھايىتى كۆپ دوكلاتلارنى كۆرگەن بولساممۇ زىيارەت جەريانىدا يەنىلا قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. مەن زىيارەت قىلغان كىشىلەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن يوقاپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قانداق خانىۋەيران قىلغانلىقىنى بىر بىرلەپ سۆزلىدى. ھەتتا خىتايدىن شۇنچە ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار راستىنىلا كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئىشىنىمەنكى كۆرۈرمەنلەرمۇ چوقۇم ھەيران قالىدۇ».
ئەنگلىيەدە خەۋەر تېلېۋىزوردا قويۇلغان كۈنى پەقەت ئەنگلىيەدىلا ئەمەس ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور دولقۇن پەيدا قىلدى. تىۋىتتىردا تارقالغان خەۋەرنىڭ ئاستىغا نەچچە سائەتنىڭ ئىچىدىلا نەچچە يۈزمىڭدىن ئارتۇق تورداشلار «بۇلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى دەۋردە يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىش تەس»، دېگەندەك ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈشكەن.
ئېمما مېرفىي خانىم ئۆزى ئىشلىگەن خەۋەرنىڭ تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولۇشىنى، ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ گۇۋاھلىقلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. : «كوللېگىيە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە قانچە كۆپ گۇۋاھلىق توپلىيالىسا شۇنچە ياخشى. بۇ ئاشۇ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ جاسارەتلىك كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ زۇلۇمنى ئاڭلىتىشقا باغلىق. كوللېگىيەنىڭ قانۇنى خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولسۇن ياكى بولمىسۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەرىجىسىگە يېتىپ بارغانلىقى ئېنىق. گۇۋاھلىقلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بەك رەزىل. پۈتۈن دۇنيا بۇنى بىلىشى كېرەك. كوللېگىيەنىڭ ئىزدەۋاتقىنى دەل مۇشۇنداق ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىنى توپلاپ ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىش».
ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت خانىم ئېمما مېرفىي خانىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى. نۇرسىمانگۈل خانىمنىڭ دادىسى، ئانىسى، ئاكىسى ۋە ئىنىسى بولۇپ، ئائىلىسىدىن تۆت كىشىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. نۇرسىمانگۈل خانىم ITV تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن زىيارىتىدە «ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانامنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا بۇ دۇنيا ماڭا جەھەننەم بولدى.» دېگەن.
نۇرسىمانگۈل خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «2017-يىلدىن بىرى ئائىلىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار نۇرغۇن. خىتاينىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتۇش سىياسىتى خىلى بۇرۇن باشلانغان ئىكەن، سەۋرىمىز قالمىدى. خەلقئارا ئورگانلار، دېموكراتىك دۆلەتلەر رەسمىي بىر ئۈنۈملۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بولمىسا بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئېشىپ بارىدۇ».
ئېمما مېرفىي خانىم ITV تېلېۋىزىيەسى نامىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىتى ۋە پوزىتسىيەسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېلخەت ئەۋەتكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى ئىشلار ئىشخانىسىدىن كىرىستىن بەيكىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جاۋابىنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن بولۇپ، ئېلخەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىر قانچە قېتىم ئېيتقىنىدەك: ‹خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ›.
بىز خىتاي كومپارتىيەسىنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز. بۇ باستۇرۇش بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يامان غەرەزلىرى ئۇنىڭ چېگراسىدا توختاپ قالمىغان. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، جۈملىدىن ھۆكۈمەتنىڭ پاسپورتنى يېڭىلاشنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئۈچىنچى دۆلەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ مۇسۇلمان مىللەت توپىغا تەۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قېلىۋاتىمىز.
بىز بارلىق ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىز بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىشنى ئەيىبلەشكە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قېلىشقا چاقىردۇق».
ئاخىرىدا نىكولاس ۋىچ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى قانۇن ئارقىلىق خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ كوللېگىيەنىڭ ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر ئاممىۋى كوللېگىيە بولۇپ، خىتايغا قارشى ھېچقانداق تەدبىر قوللىنالمايدۇ. توپلىغان ئىسپاتلار، ئەيىبلەشلەر خەلقئارالىق قانۇنىي ئورگانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ قارار چىقىرىلسا، باشقا ھەرقانداق بىر ئورگان-شەخس، شىركەت-كارخانىلار بۇ قارارنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە قارار چىقىرىشتا ئىشلىتەلەيدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئەيىبلەشلەرگە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىشتۇر».
0:00 / 0:00