ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان تورى بولغان «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 25-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بېيجىڭدا مەخسۇس «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار» دېگەن تېمىدا توققۇزىنچى قېتىملىق ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئاچقان.
مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا خىتاي دائىرىلىرى ئەنگىلىيەدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى «قانۇنسىز ئورۇن»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «تېررورلۇق تەشكىلات»، لاگېر شاھىتلىرىنى «ئارتىسلار» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇلار «شىنجاڭ» دا «ئىرقى قىرغىنچىلىق»، «مەجبۇرىي ئەمگەك» دېگەنلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدە جار سالغان. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە ئەنگىلىيەدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى» دەپ ئاتىغان.
ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 4-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر «گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس يىغىن ئېچىپ ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نى ‹قانۇنسىز ئورۇن› دەپ ھۇجۇم قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدىن قاتتىق چۆچۈۋاتقانلىقنى كۆرسىتىدۇ،» دەپ قاراشماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشىياڭ يىغىندا مۇنداق دېگەن: «ئىگىلىشىمىزچە، ئەنگلىيە بىلەن غەربنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ‹شەرقىي تۈركىستان› تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ قۇرغان ئاتالمىش ئەنگلىيە «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى» يېقىن كەلگۈسىدە نومۇسسىزلارچە مەۋجۇت بولمىغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› مەسىلىسى ھەققىدە ‹گۇۋاھلىق ئاڭلاش› يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇلار ئاتالمىش ‹گۇۋاھلىق› لار ئارقىلىق شىنجاڭغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بەلگە قويماقچىكەن. بۇ خەلقئارا قانۇن ۋە تەرتىپكە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ ھەقىقىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا قىلىنغان ھاقارەت، ھەتتا بۇ شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىغا قىلىنغان ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك. بىز بۇ ئىغۋاگەرچىلىكنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە رەت قىلىمىز!»
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىمجان ئابدۇرەھىم، خوتەن ۋىلايەتلىك تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۆرىگۈل ئاسىم ۋە خوتەن ناھىيەلىك «تەربىيەلەش مەركىزى» دە تەربىيىلىنىپ چىققان ئابلىكىم داۋۇت قاتارلىقلار «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بەرگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ يالغانلىقىنى، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىشقان.
مەزكۇر يىغىندا مېھرىگۈل تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت، سايراگۈل ساۋۇتباي، گۈلباھار جىلىلوۋا قاتارلىق بارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، لاگېر ئىچىدىكى قىيىن-قىستاقلار، باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرىنى رەت قىلغان. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەلقئارادا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر يىغىندا ئاساسلىق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ھۇجۇم قىلىنغاندىن باشقا يەنە شەخسلەرگىمۇ قاتتىق ھۇجۇم قىلىنغان. ھۇجۇم قىلىنغان شەخسلەرنىڭ قاتارىدا لاگېر شاھىتلىرىدىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ داڭلىق مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرمۇ بار ئىكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي يەنە كونا ناخشىسىنى تەكرارلاپتۇ، ‹تېرورچى› دېگىنى ھېچ يېڭىلىق ئەمەس. ئانام ھەققىدىكى گېپى راست بولسا، مەن نېمىشقا ئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى خەۋەرلەردىن ئاڭلايمەن؟ خىتاي مېنى يالغانچىغا چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۆزى يالغانچىلىقتىن، كاززاپلىقتىن ۋاز كېچىشى كېرەك.»
شۈ گۈيشىياڭ ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئەنگلىيە مۇستەقىل تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى ئاسىيا شۆبىسى مۇخبىرىنىڭ «بۇ ‹سوت› گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، سىلەر يەنە مۇشۇنداق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچامسىلەر؟» دېگەن سۇئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بۇ ئاتالمىش ‹سوت› نىڭ كېيىنكى ھەرىكىتىگە قارايمىز. ئەگەر ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇشۇنداق ‹ئويۇن› ئوينىسا، بىزمۇ مۇشۇنداق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىمىز ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 17-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى، ئېتنىك تازىلاش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تېمىسىدىكى قانۇن لايىھەسىگە قارشى بېلەت تاشلىغان ئىدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 4-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزمەكچى بولغان «گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى» ۋە مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا بولغان ئىنكاسى ھەققىدە پىروگراممىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا تەپسىلىي مەلۇمات بىرىمىز.