«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئادۋوكاتى ھامىد سابى: «خىتاينىڭ بېسىملىرى بىزنىڭ قارارلىرىمىزغا تەسىر قىلالمايدۇ»

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 10-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 4-ئىيۇندىن7-ئىيۇنغىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئادوۋكات جېففىرىي نايس ئىلگىرى سابىق يۇگۇسلاۋىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن كېيىنچە سابىق سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان سلوبودان مىلوشېۋىچنى بالقان ئۇرۇشىدا پەيدا قىلغان پاجىئەلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان داڭلىق سابىق سوتچى بولۇپ، ئۇ شۇندىن بېرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىلىرى ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتلەر مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىلەشكەن كىشى ئىدى. بۇ سەۋەبلىك بۇ ساھەدىكى كىشىلەر ئۇنى «جىففىرىي نايس ئەپەندى زۇلۇمنى بىر قاراپلا بايقايدۇ» دەپمۇ تەرىپلەيدىكەن. ئۇ يەنە روھىنگا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شىمالىي كورىيەدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.

ئۇ بۇ قىتىم «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە باشچىلىق قىلىپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاشنى باشلىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە ياتىدىغان ياكى ياتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنە 25-ماي كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە قاراتمىلىق ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى غەربنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلىرى قۇرغان «قانۇنسىز سوت مەھكىمىسى» دەپ تەسۋىرلىگەن.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ھېچبىر ماددىي پايدا ئالمايدىغان يەتتىدىن ئارتۇق ئادۋوكات ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بىر سوت كوللېگىيەسى ئىكەن. مەزكۇر سوت كوللىگېيەسى ھېچقانداق بىر دۆلەت، تەشكىلاتقا باغلىق بولمىغان مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئەمەسلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ھامىد سابى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› دائىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. خىتاي بىزگە جازا ئېلان قىلدى، تېلېفۇنلىرىمز قالايمىقان ئۇچۇر، ئېلخەتلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇمچىلىرى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقانلارنىڭ سىياقىدا بىزنىڭ بېتىمىزگە ھۇجۇم قىلدى. بىز ئىزچىل خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىزنىڭ ئاخىرقى قارارىمزغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› تەرەپسىزلىكىنى ساقلايدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارلىرىمىزغا تەسىر قىلىشىغا يول قويمايمىز. بۇ بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ناھايىتى مۇھىم سىگىنالىمىز.»

ھامىد سابى ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالتە-يەتتە پارچە خەت يازدىم، يەنە يېزىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نى ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلارنىڭ پىكىرىنىمۇ ھۆرمەت قىلىمىز. ئۇلار لاگېرلارنى ‹تەربىيەلەش مەركىزى›، بۇ يەرگە كىشىلەر ئۆزلىرى خالاپ بارىدۇ، دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە بىزنى ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىنى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئاشۇ رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇلار لاگېرلاردا قىيىن-قىستاق، تاجاۋۇزلۇق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ئىشلار يوق، دەيدۇ، ئۇنداقتا، نېمىشقا 2017-يىلىدىن بۇيان شۇنچە كۆپ لاگېرلار قۇرۇلىدۇ ۋە مىليونلىغان ئىنسانلار ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ؟ جەمئىيەتنى تەربىيەلەيدىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەر نېمىشقا قايتا تەربىيەلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ ؟ بۇ يەردە نۇرغۇن ئېنىق بولمىغان سۇئاللار بار. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقانلىرى راست بولسا، بىز ئۇلارنى كۆپ قېتىم مەدەنىي بىر شەكىلدە ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نى ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى قوغداشقا چاقىردۇق. ئۇلار زادى نېمىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ؟ بۇ خىتاينىڭ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ نېگىزى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەنسىرەيدىغان يېرى بولمىسا، ئىشىكلىرىنى ئاچسۇن، نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى كىشىلەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن.»

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇلار توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىدىكەن.

ھامىد سابى ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ياردەم قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىشىنى، ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى ۋە بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىشى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.

گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا نەق مەيدان قاتناشماقچى بولغانلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىگە كېرىپ ئالدىن تىزىملىتالايدىكەن. تىزىملىتىش بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېغىن 4 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئىككى مەيدان جەمئىي 8 مەيدان ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يىغىدا گۇۋاھلىق بېرىدىغان شاھىتلارنىڭ لاگېردا يۈز بەرگەن باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قېلىش قاتارلىق تېمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى يېزىلغان، ئەمما كىملەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ھامىد سابى ئەپەندى ئاخىرىدا گۇۋاھچىلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئەڭ مۇھىم كىشىلەر ئاشۇ گۇۋاھچىلار. ئۇلار بەك جەسۇر. چۈنكى خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر بىسىمغا شۇلار ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۆزلىرى قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان. ئۇلار يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا چىقىپ سۆزلەپ، بىزنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە جۈرئەت قىلدى. ئەسلىدە تەقدىرلەشكە تېگىشلىك كىشىلەر ئاشۇلاردۇر. ئۇلار ھەقىقىي قەھرىمانلار.»