دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» جىددىي يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە يىغىندا بەزى مۇھىم قارارلار ماقۇللاندى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى رىياسەتچىلىق قىلغان بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. تور يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھازىر خەلقئارادا مۇھىم ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ 2020-يىلى 9-ئايدا ئەنگىلىيەدە قۇرۇلغان مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى سوتى باشلىنىش ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سوتنىڭ جەريانىغا ماسلىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىننى ئۆتكۈزۈشتىكى ئىككىنچى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ۋولفسبۇرگ شەھرىدىكى مەركىزىي بىناسى ئالدىدا ۋە مەزكۇر شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى شۆبە شىركەتلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، 6-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا ئولىمپىك كۈنى. مەزكۇر يىغىندا بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى 23-ئىيۇن كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدىكى ئولىمپىك ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
تور ئارقىلىق چاقىرىلغان يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 50 تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى. 2 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا يۇقۇرىقى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاندى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجسىدە خىتاينىڭ خەلقئارادا قېيىن ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، شۇڭا بۇ پەيتنىڭ چەت ئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىش زامانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە لوندوندا مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى سوتىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 2020-يىلى 26-مارت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇلغانىدى. مەزكۇر مۇنبەر ھەر ئايدا ئىزچىل ھالدا يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا ۋە ئورتاق قارارلارنى ماقۇللىماقتا.