خىتاي جان-جەھلى بىلەن قارىلاۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

لوندون شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 4 كۈن داۋاملاشقان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشتى. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى، BBC رادىيو-تېلېۋىزىيەسى، ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيەسى ۋە شۇنىڭدەك باشقا نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا بىردەك خەۋەر قىلىندى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسدە ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سوفى رىچاردسوننىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گەرچە قانۇنىي جەھەتتىن جازا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇنداق بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر يول ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر ئاممىۋى مۇنازىرە پايدىلىق، يەنە كېلىپ ئۇ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، تەسەللىي تېپىشىغا پايدىلىق. دوكلاتلارمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. ئۇندىن باشقا مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ھەقىقىي قانۇنىي جازا ھوقۇقىغا ئىگە سوت بويىچە جازالاشنىڭ يولىنى ئىزدەشتىكى بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر يول دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.»

دەرۋەقە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىكى بىر-بىرىدىن مۇھىم شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەر تەرەپلىمىلىك زىيانكەشلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان سۈپەتتە ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى چۈشۈرۈش، ئەيىبلەش، قارىلاش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن. خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى 5-ئىيۇن كۈنىدىكى باياناتىدا «ئاتالمىش ​​‹ئۇيغۇر سوتى› قانۇنلۇق ھەم ئىشەنچلىك ئەمەس. بۇ پەقەت بىر قانچە شەخسنىڭ ‹شىنجاڭ› دىن پايدىلىنىپ خىتاينى كونترول قىلىشتىكى ئاخىرقى مەقسىتى بىلەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ھەرىكىتى،» دېگەن.

7-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» تىۋىتتېردىكى ھېسابىدىن بىر ۋىدىيو تارقىتىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى ھاقارەتلىگەن. ۋىدىيودا بېيجىڭدىكى «خىتاي ۋە يەر شارىلىشىش مەركىزى» ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋىكتور گاۋ زىيارەت قىلىنغان. ئۇ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى «قانۇنسز سوت» دەپ ئەيىبلەپ: «بۇ دېگەن كىنگورو سوتى، ئۇنىڭ سوت دەپ ئاتىلىدىغان ھېچقانداق قانۇنىيلىقى ۋە سالاھىيىتى يوق. ئۇلار خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇشتىن پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،» دەپ جار سالغان.

سوفى رىچاردسون خانىم بولسا «خىتاينىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس،» دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ سوت كوللېگىيەسى ھېچقاچان ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي جازا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە رەسمىي سوتلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ باققىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ پاكىتنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىپ، بار كۈچى بىلەن ئۇلارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئەھمىيەت بەرسە، ئۇ ھالدا خىتاي ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتمەي تۇرۇپ لاگېرلارغا قامالغانلارنى قويۇۋېتىشى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە دەل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە، يەنى 6-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 39-قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى» نى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىغىنىدا قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان ۋە باشقا جايلاردىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋەكىللەرنى ئەكەلگەن. مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىشكەن بۇ «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر» ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىپ خىتاينىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ياخشى سىياسەتلىرى، ئاكتىپ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە كۈچلۈك قوللاش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئىگىلىك تىكلەپ، نەتىجە قازانغانلىقى» دىن ئىبارەت «ھېكايە» لىرىنى ئاڭلاتقان.

ئەسلىدە لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ئۆزىنى قوغدايدىغان ھەرقانداق ئىسپاتى بولسا ئەۋەتىشكە دەۋەت قىلغان. بىراق ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سوتقا قاتنىشىپ ئۆزىنى قوغداش ئورنىغا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاساسسىز ھالدا قارىلاپ ھۇجۇم قىلىشى خەلقئارانىڭ دىققەت قوزغىدى.

سوفى رىچادرسون خانىم بولسا بۇ ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىستېمىسى ئىچىدە قاپسىلىپ قېلىشى، دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن تەشۋىقاتنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى داۋاملىق بىر خىل كىشىلەر بولىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى سىز بىلەن بىزدەك كىشىلەرنى قايىل قىلىش ئەمەس، ئۇلار پەقەت خىتاي ئىچىدىكى كىشىلەرگە قانداق ئويلىشى كېرەكلىكىنى ئەسلىتىۋاتىدۇ، خالاس. نىمىشقا خىتاي جىددىي ئادەملەر بىلەن مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەقىقىي مۇنازىرە قىلمايدۇ؟ خىتاي ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نيۇ-يوركتا 18 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئېچىلغان يىغىن ئالدىدا ھەممە دۆلەتلەرنى يىغىنغا قاتناشماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاخىرى بولماي ئۆزى يىغىنغا قاتنىشىپ تۇتامى يوق باياناتلارنى بەردى. مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆز سىستېمىسى ئىچىدە قاپسىلىپ قالدى.»

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئاخىرىقى دوكلاتىنى بۇ يىل 12-ئايدا ئېلان قىلىشنى پىلانلىماقتا. گەرچە ئۇنىڭ قانۇنىي مەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىشى ۋە ھەرىكەتكە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىنلىكى كۈتۈلمەكتە. مەزكۇر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىمۇ ئاخىرىقى دوكلاتلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر، خەلقئارالىق ئورگانلار، سودا شىركەتلىرى، سەنئەت ساھەسى، داۋالاش ۋە مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە ھەر بىر شەخسنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇئامىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.