ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە تۆت كۈن داۋاملاشقان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا لاگېر شاھىتلىرى، تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 5-ئىيۇن كۈنىدىكى بىر گورۇپپا تەتقىقاتچىلارنىڭ «شىنجاڭدىكى دۆلەت زوراۋانلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئانالىز» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتى مۇتەخەسسىلەرنىڭ ۋە كوللېگىيەنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
مانچېستېر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى داۋىد توبىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بۇ تەتقىقات گورۇپپىسى بەش تەتقىقاتچىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن ھەر خىل سىياسەتلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختالغان. خېلېنا كېننىدې خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە زامانىۋى قۇللۇق ساھەسىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مېرفىي خانىم «مەجبۇرىي ئەمگەك» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايىن تام ئەپەندى «بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر رەيچىل ھاررىس خانىم «قىيىن-قىستاق ۋە لاگېرلاردىكى جىنسىي زوراۋانلىق» دېگەن تېمىدا، ئەنگىلىيە نيۇ-كەسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جوئاننې سىمىس-فىنلىي خانىم «دىنىي يوسۇنلار ۋە ئەنئەنىۋى مىراسلارنى يوقىتىش» ۋە يەنە «مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي دوكلات سۇندى.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەرخىل تىمىدىكى ئەتراپىلىق ئانالىزلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان «شىنجاڭدىكى دۆلەت زوراۋانلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئانالىز» ناملىق دوكلات خىتاي كومپارتىيەسىنڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشپ رايوندا سىسىتېمىلىق ھالدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. دوكلاتتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتى باستۇرۇش ئوبيېىكتى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
داۋىد توبىن ئەپەندى باشتا بۇ دوكلاتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ئەنگىلىيەدىكى بەش تەتقىقاتچىنىڭ ئوخشىمىغان تېمىلاردىكى تەتقىقاتلىرىدىن تەركىپ تاپقان. بىز ھەممىمىز ئاشۇ رايوننىڭ مۇتەخەسىسىلىرى، ئۇ رايوننى ياخشى بىلىمىز. ھەم يەنە نۇرغۇن ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىنمۇ پايدىلاندۇق. بىز ئۇزۇندىن بۇيان تارتىشىلىپ كېلىۋاتقان تېمىلار ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارىمىز. مەسىلەن، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش. مەن زىيارەت قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىرلا بالىسى بار ئىكەن، ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلدار بولغاندا مەجبۇرىي چۈشۈرىۋىتلگەن، خىزىمىتىدىنمۇ ھەيدەلگەن. ساقچىخانىدىن ئۆزىنڭ «ئاشقۇن» ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر ۋاراق ئىسپاتنى ئەكىلەلمىگەن بولغاچقا، ‹جىنايىتى› ئىسپاتلىنىشتىن بۇرۇن ‹جىنايەتچى› قاتارىدا بىر تەرەپ قېلىنغان».
لاۋرا مېرفىي خانىم خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىسىتېمىلىق «مەجبۇرىي ئەمگەك» سىياسىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلىشىدىكى توسالغۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، يەرلىرىنى ھۆكۈمەتكە تەۋە دەپ قولىغا ئازغىنا ئىجارە پۇلى بېرىپ قويۇپ، ئۇلارنى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتكەن. يىزا كادىرلىرى ئۆيمۇ-ئۆي كېرىپ ئۇلارنى ئۆلكىلىرىدىكى باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان. مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىغا يانداش يېتىم بالىلار مەكتەپلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. بېقىشسىز قالغان ۋە ياشنىپ قالغان ئاتا-ئانىلارنى ساناتورىيەگە يىغقان. بارلىق مەكتەپلەردە بالىلارغا پەقەت خىتاي تىلىدا خىتاي ئىدېئولوگىيەسى ئاساس قىلىنغان مائارىپ سىستېمىلاشتۇرۇلغان».
رايىن تام ئەپەندى «بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش» سىياسىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ‹يېتىم-يېسىر بالىلار مەكتىپى› گە دىققەت قىلدى، ئەمما ‹ياتاقلىق مەكتەپ› كە ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن ئايرېۋىتىلگەن بالىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. 77 پىرسەنىت مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇرلار. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر بالىلارغا خىتاي تىلىدا دەرس بېرىلىدۇ. يەنە بىر مەجبۇرىي سىياسەت بولسا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش. خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى خىتايلارنى كۆپ بالىلىق بولۇشقا تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى كۆپ بالىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا سولايدۇ».
رەيچىل ھاررىس خانىم كوللېگىيەدە گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى نەقل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ: «قىيىن-قىستاق ۋە لاگېرلاردىكى جىنسىي زوراۋانلىق» نىڭ ئىنسان قىلىپدىن چىققان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاي ھاكىمىيىتى تەشكىللىك، سىسىتېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئېتنىك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان دۆلەت زوراۋانلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. لاگېر ئىچىدىكى ‹باسقۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق قىيناش›، لاگېر ئېچىدە ۋە سىرتىدا ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ناھايىتى مەقسەتلىك، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان. جىنسىي زوراۋانلىق ئاشۇ ئايالنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىق بولماستىن، بەلكى پۈتۈن مىللەتكە ھۇجۇم قىلغانلىق. ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ئاياللىرىنى خورلاش ئارقىلىق پۈتۈن مىللەتنىڭ پىسخولوگىيەسىنى بۇزۇش مەقسەت قىلىنغان. ئاياللارنىڭ بەدەن سالامەتلىكىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش بىر مللەتكە ئېچىلغان ئۇرۇشتىكى بىر تاكتىكادۇر».
جوئاننې سىمىس-فىنلىي خانىمنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرنى ئېچىپ تاشلىغان بولغاچقا، بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنگلىيەنىڭ پارلامېنىت ئەزالىرى ۋە كوللېگىيەنىڭ رەئىسى جففېرىي نايس بىلەن بىر قاتاردا ئۇنىڭغا جازا ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ كوللېگىيەنىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە ناھايىتى مۇھىم بىر تېمىدا دوكلات بەرگەن. فىنلىي خانىمنىڭ دوكلاتىنىڭ تېمىسى «دىنىي يوسۇنلار ۋە ئەنئەنىۋى مىراسلارنى يوقىتىش» ۋە يەنە «مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى».
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «دىنىي زاتلار ياكى دىنغا ماھىل كىشىلەرنى چوشقا گۆشى يېگۈزۈش، ھاراق ئېچكۈزۈش ئارقىلىق جازالىغان. قول-پۇتىنى پات-پات يۇيۇشمۇ ‹ئاشقۇنلۇق› دەپ قارالغان. بىز قەشقەردە كوچىلاردا كېچىك بالىلار ۋە ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىلا كۆردۇق. ياش، ئوتتۇرا-ياش كىشىلەر ئاساسەن يوق ئىدى. مېنىڭچە ئۇلار لاگېرغا سولانغان. لاگېر سىرتىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر لاگېرغا سولىنىشتىن قورقۇپ، ئۆزىنى ‹خىتاي دۆلىتىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان› قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىكەن. مەن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ‹ئىچى بوشالغان› بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنڭ يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقنى ھېس قىلىشقان. مەن بۇ خىل ئەھۋالنى ‹كىملىكنىڭ ۋەيران قىلىنىشى› دەپ ئاتىدىم. ئۇيغۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى ئۇيغۇرلاردىن پۈتۈنلەي ئېلىۋېلىنغان. ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن ھايات. توغرا، ئۇلارنى توپلۇق شەكىلدە ئۆلتۈرمىدى. ئەمما بىز كەڭ كۆلەملىك ‹كىملىك ئۆلتۈرۈلۈش› نى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز پەقەت ‹ئۆز كىملىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان بۈىر توپ جانلىق تەن› دۇر. دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتى بولغان ئۇيغۇرلار سىستېمىلق، پىلانلىق ھالدا ئۆزىنڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قالدۇرۇشتىن مەھرۇم قىلىنماقتا».
ھەر بىر تەتقىقاتچىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن كوللېگىيەنىڭ ئادۋوكاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسىلىرى ئۇلاردىن دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلار ھەققىدە ناھايىتى ئىنچىكە سۇئاللارنى سورىغان، تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرى توپلىغان دەلىل-ئسپاتلارغا ئاساسەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپلارنى بېرىشكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتلگەن ئاساسلىق بايقاشلار تۆۋەندىكىچە:
ئۇيغۇر رايونىدىكى دۆلەت زوراۋانلىقى 2014-يىلىدىن باشلاپ كۈچەيگەن.
دۆلەتنىڭ رەسمىي يولغا قويغان «شىنجاڭ سىياسىتى» - «تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش».
كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش، تىلى ۋە دىنىنى چەكلەش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە قىيناش قاتارلىق بىر يۈرۈش سىسىتېمىلىق ھەم ئۆز-ئارا گىرەلەشكەن تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.
ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا سىستېمىلاشقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي نوپۇس يۆتكەش ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائلىسىدىن ئايرىپ، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشى 2017-يىلىدىن كېيىن تېز سۈرئەت بىلەن ئاشقان.
مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش، كۆپ بالىلىق بولغان ئاياللارنى لاگېرغا سولاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىق، تۈرلۈك جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرى لاگېردىكى دائىملىق قىيىناش ۋە جازالاشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ قالغان.
دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۇتۇلۇش مۇددىتىنڭ ئۇزىرىشىدىكى قانۇنلۇق ئۆلچەمگە ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، بۇ «دىننى سوتسىيالىزىملاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش» دېگەن بىر قاتار چارە-تەدبىرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان «ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش» دېگەنلىك ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش، ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە ياشىغان كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنى خىتاي ئىدېئولوگىيەسى بويىچە «قايتا تەربىيەلەش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.