د ئۇ ق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىدىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلۈپ خەلقارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى. د ئۇ ق مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە يەنە لوندۇندا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن د ئۇ ق ۋە «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لىرىغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى توپلاش ھەمدە سوتنىڭ چىقىملىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم يىغىش سەپەرۋەرلىكىنى قوزغىماقتا ئىكەن.
8-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى ئاكتىپ قوللاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا، 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ بۇ يىل 12-ئايدا سوت تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ئاخىرقى قارار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، سوتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن بارلىق ۋەتەنداشلىرىدىن يەنە بىر قېتىم پىداكارلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-قېتىملىق سوتنى خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى 1-سوتتىن كېيىنلا باشلانغان بولۇپ، ئۇلار شۇندىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەردىكى گۇۋاھچىلاردىن دەلىل-ئىسپات توپلاش ئىشلىرىنى جىددىي قانات يايدۇرۇپ كەلگەن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە تۇنجى قېتىملىق سوتتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق بىئارام بولۇپلا قالماي، بۇ سوتنى بۇزۇش، شاھىدلارغا تەھدىت سېلىش، ئۇيغۇر سوتىنى قارىلاش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، 2-قېتىملىق سوتنىڭ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن جاۋاپ قايتۇرىدىغان بىر سوت بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىراق، 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىمۇ زور ئىقتىسادىي چىقىم تەلەپ قىلىدىكەن. سوت زالىنى ئىجارىگە ئېلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىدىغان گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يول كىراسى، ياتىقى، يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ياردىمىگە باغلىق ئىكەن. بۇ خۇسۇستا توختالغان بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى شاھىدلاردىن ئاكتىپلىق بىلەن ماتېرىيال تەمىنلەشنى تەلەب قىلغاندىن سىرت، سوتنىڭ چىقىمى ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خالىسانە ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قۇرۇلۇشى، گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى ئۈستىدىن قارار چىقىرىشى مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەت تارىخىدىكى زور ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، مەزكۇر سوتنىڭ ئاخىرقى قارارىنىڭ ئۇيغۇرلار يولۇقىۋاتقان پاجىئەلەرگە ھازىرغا قەدەر سۈكۈت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تونۇشىغا ئاساس ۋە تۈرتكە بولىدىكەن.