ئانالىزچىلار: «ئۇيغۇر سوتى» كىشىلىك ھوقۇق تۈزۈلمىسى ۋە ئىنسانلىق ۋىجدانىنى ئۆلچەيدىغان تارازىدۇر

0:00 / 0:00

ئىشەنچلىك خەلقئارا سوت بولمىغان ئەھۋالدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى نېمىگە ھېساب؟ مانا بۇ «ئۇيغۇر سوتى» دۇنياغا قويغان سوئالدۇر.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنى 13-سىنتەبىر ئاخىرلاشتى. بۇ سوت خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق جىنايەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسەتتى. «دۆلەت مەجلىسى ئارامگاھى» (The Hill) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا سوت بۇ جىنايەتنى سۈرۈشتۈرەلمىگەن ۋە دېلونى قوبۇل قىلالمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇر سوتى كىشىلىك ھوقۇق تۈزۈلمىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سىنايدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالغان.

بۇ ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشى جېففېرى نايىس بىرلىشىپ ئاچقان بۇ سوت، قانۇن مۇتەخەسىسلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر يەرگە كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتلىرىنى رەسمىي توپلىغان ۋە ئۇنى باھالاش باسقۇچىغا ئۆتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەتتا خەلقئارا سوتمۇ «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ ئىجرائات كۈچى يوقلۇقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇننىڭمۇ چەكلەش كۈچى بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ كۆزلەۋاتقىنى نوپۇزلۇق قانۇن مۇتەخەسىسلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەلىللەپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەسىر پەيدا قىلىش. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن «بۇ سوتنىڭ ئىجرائات كۈچى يوق» دەپ كۆرەڭلىسە، بىر ياقتىن ئۇنىڭ خىتاي دىپلوماتىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى «قانۇنسىز سوت، يالغانچىلىق ماشىنىسى» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ھامىد سابى «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ ئاخىرقى كۈنىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ سوتتىكى گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن ئىسپاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ سوتنى قارىلاش ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن خىلمۇ خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلغانىدى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەسىرى ئادالەتكە تەشنا ئىنسانلارغا بېرىلگەن چاقىرىق بولۇپ، كۆپ قۇتۇبلىشىۋاتقان يەر شارىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەدەك كۈچلۈك مۇستەبىت دۆلەتلەر ئادالەتنى يەكلەۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇقنى چەكلەۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، خەلق سوتى خاراكتېرىنى ئالغان بۇنداق سوتلارنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئىكەن.

ئىلگىرى سوتلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، «ئۇيغۇر سوتى» كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مەجلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن جەھەتتىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىغا ھەمدە غەربتىكى كۆپلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. شۇڭا «ئۇيغۇر سوتى» خەلقئارا سەھنىدە خىتايغا تۇنجى بولۇپ ئاشكارا قارشى چىققان بىر سوت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە سازاۋەر بولغان.

ئامېرىكا رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سىكوت ھارولد ئەپەندى «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ رولى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «باشتا شۇنى دېيىش كېرەككى، بۇ سوتقا قاتناشقانلانىڭ كۆپىنچىسى قانۇن مۇتەخەسىسلىرى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىرى ئىلگىرى خەلقئارا سوتچى سالاھىيىتى بىلەن ئىنسانىىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارنى سوتلاشقا قاتناشقان، مەسىلەن يۇگۇسلاۋىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مىلوشىۋېچنى سوتلىغان. خىتاي دائىم ئامېرىكانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا زەربە بېرىدۇ دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇنى ئېتىراپ قىلدى، خىتاي بۇنى ئامېرىكا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دەپ جاكارلىدى. ئەگەر ‹ئۇيغۇر سوتى› بۇ جىنايەتنى مۇستەقىل تەكشۈرۈپ باھالىسا، خىتاينىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەكشۈرۈپ چىققان نەتىجىسى ئامېرىكا ياكى باشقا ھەر قانداق دۆلەتتىن مۇستەقىل بولىدۇ».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇد خانىم خىتاينىڭ جىنايىتىنى قانۇن جەھەتتىن دەلىللەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي، رۇسىيە، كۇبا، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى كونترول قىلىۋالغان بۇ ۋەزىيەتتە، «ئۇيغۇر سوتى» خەلقئارا قانۇننى قوغدىماقتا ئىكەن. «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنسا، بۇ خەلقئارا سوت، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە ئۆز قەدىمىنى توغرىلىۋېلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. ئەگەر خەلقئارا قانۇننى ئالىقاچان توپلانغان جىنايى پاكىتلارغا تەتبىقلاپ، «ئۇيغۇر رايونىدا دۇنيا بويىچە ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ ئېغىر جىنايەت سادىر بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئېلان قىلغان تەقدىردە، خىتاينىڭ رەزىللىكى پاش بولۇپلا قالماي، خەلقئارا سوت قاتارلىق ئورگانلارغىمۇ بېسىم بولىدىكەن.

رەھىمە مەھمۇت خانىم «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توپلاش ۋە ئۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ھەقىقىي پاكىتلىرى بىلەن ئاشكارىلاش رولىنى ئوينىغانلىقىنى، ئاخىرقى قارار چىققان تەقدىردە ئۇنىڭ كۈچلۈك قانۇنىي نوپۇزغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سكوت ھارولد ئەپەندىمۇ «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ بۇ خىل ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىپ قويۇشى يېتەرلىك بولسۇن-بولمىسۇن، بۇ سوت ئۇ قارارنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى مۇستەقىل ئىسپاتلايدۇ. خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقىنى دائىم ئاقلايدۇ ياكى ئۇنى نورمال كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ‹ئۇيغۇر سوتى› ئوچۇق سوت بولغاچقا، ھەممە ئادەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان لاگېر شاھىدلىرىنى كۆرىدۇ، ئاڭلايدۇ ۋە ئۆزى يەكۈن چىقىرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ قىممىتى يۇقىرى، بۇ سوت دۇنياغا باشلامچى بىر ئۈلگە بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ».

ئۇيغۇر سوتى يەنە ئۆزىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلقئارا قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىدىكەن. «ئۇيغۇر سوتى» پۈتۈن دۇنياغا خىتاينىڭ ھەرگىز ئۆزى تەشۋىق قىلغاندەك «يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشقا تۆھپە قوشۇۋاتقان دۆلەت» ئەمەس، بەلكى بارغانسېرى ئۆكتەملىشىۋاتقان رەزىل ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى كارغا كەلمەس قىلىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.

رەھىمە مەھمۇد خانىم «ئۇيغۇر سوتى» غا باشتىن-ئاخىر قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بىر پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يىل ئاخىرىدىكى نەتىجىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «‹ئۇيغۇر سوتى› تايانغان ئاساس 1948-يىل ماقۇللانغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› بولۇپ، ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانلىق تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تراگېدىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ھېچقانداق ئوچۇق سوت ئاچماستىن، خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويسا، كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەرنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ‹ئۇيغۇر سوتى› دىن دەرس ئېلىشى كېرەك، بولمىسا خەلقئارا ئورگانلار مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قولىغا قالىدىغان خەتەر كېلىپ چىقىدۇ.