مۇتەخەسسىس تون زۋان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 3-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي قاتلىمىنى شەرھىيلىگەن

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» 27-نويابىر كۈنى يەنە ئىككى نەپەر گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتىنى ئاڭلاپ چىققان. 3-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى گوللاندىيەلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسى دوكتور تون زۋان بولۇپ، ئۇ ئامېستېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقاتى بويىچە پېنسىيەگە چىققان دوتسېنتى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ساھەدە ئېلان قىلغان بىر قانچە مۇھىم كىتابلىرى بار ئىكەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ئاساسلىق سۆز تېمىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇغا بېرىلگەن تەبىر ھەققىدە بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇنى تېخىمۇ كەڭ تارىخ ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ «كەڭ كۆلەملىك، تەشكىللىك، سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلىش ۋە يوقىتىش جەريانى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىتى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان» ۋە «دۆلەت جىنايىتى» دەپ ئاتىلىدىغان جەريان ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

تون زۋان ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئادەتتە 3 قاتلىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈچ قاتلام ئادەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بەلگىلەيدىغان ۋە قوزغىتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئاندىن بۇ پىلاننىڭ جەريانلىرىنى تەپسىلىي پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلەر ۋە ئاخىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ رەزىل جەريانلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان تۆۋەن قاتلامدىكى يەرلىك ۋە رايونلۇق ئەمەلدارلار، قوماندانلار، ئەسكەرلەر ۋە باشقىلاردىن تەركەب تاپىدۇ. بىر-بىرىگە باغلانغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئوخشىمىغان فونكىتسيەلىرىنى ئورۇندايدۇ.»

تون زۋان سۆزىدە يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر كېچىدىلا پەيدا بولمايدىغانلىقى، يەنى ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۇرۇپپىغا بولغان كوللېكتىپ ئۆچمەنلىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقى، بۇ ئۆچمەنلىكنىڭ دۆلەت رەھبەرلىكى ۋە نوپۇسنىڭ بەلگىلىك بىر قىسمىدا ئوخشاش مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بايقاشتا مۇددىئانى ئىسپاتلاشتىن بەكرەك يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەرىكەتلەر ۋە ئۇنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن 3 قاتلىمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، نىيەتنى ئىسپاتلاش ئىنتايىن قېيىن بولۇپ، ئادەتتە ئۇنى ناھايىتى ئاسانلا ئىنكار قىلغىلى بولىدىكەن.

تون زۋان ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نۇقۇل بىر خىللا ئالاھىدىلىكى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ نۇرغۇن شەكىللىرى، پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ۋە بۇنىڭغا ئەينى چاغدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئۆرنەك بېرىپ، مۇنداق دېگەن:

«مەىسلەن، نوپۇس قۇرۇلۇشى نىشانلىق گۇرۇپپىلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىر يولى بولغان. مەسىلەن، پولشادا يۈز بەرگەندەك ئەينى چاغدا نۇرغۇن پولشالىقلار ۋە يەھۇدىيلار پولشانىڭ غەربىدىكى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، ئۇلارنىڭ ئورنىغا گېرمانلار يۆتكەپ كېلىنگەن. گېرمانلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى، يەر-جايلىرىنى تارتىۋالغان. ئەمما يەنە بىر باشقا مىسالغا قارىسىڭىز، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە توپلانغانلىقى، ھوقۇقىدىن، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىسىز. يەنى بۇ ئوخشىمىغان سىياسەتلەر ئادەتتە داۋاملىق بىللە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدىغان نىشانلارنىڭ بىرىكمىسى ھەققىدە ئوچۇق پىكىر يوق. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ھەرگىزمۇ ھەيران قالماسلىقىڭىز كېرەك.»

تون زۋان ئەپەندى بۇنى چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا قارايدىغان بولساق، ئەينى چاغدا ناتسېستلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان 16 دۆلەتتىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىسمەتلىرى بىر-بىرىدىن ئىنتايىن پەرقلىق. ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە سىياسەتلىرى ناھايىتى پەرقلىق بولغان. ئادەتتە كىشىلەر يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، پەقەت زەھەرلىك گاز ئۆيلىرىنىلا ئېسىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ ئۇلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكنىڭ پەقەتلا بىر تۈرى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا، بەزىلىرى ئۆيلىرىگە يېقىن جايلاردا، ئۆز يۇرتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان زىيانكەشلىك ۋاستىلىرىنى كۆرگەندە ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك.»

تون زۋان ئەپەندى گۇۋاھلىقىدا توختالغان يەنە بىر مۇھىم نوقتا بولسا، زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ، يەنى زىيانكەشلىك قىلغۇچى رېجىمنىڭ ئەسلا نىيەت-مەقسىتىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقى ۋە ئۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرىغىچە يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغانلىقى بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دېدى:

«ئادەتتە جىنايەتچى ھاكىمىيەت ئامالنىڭ بارىچە ئاۋام ئالدىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، شۇنداقلا تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇنى پەردازلايدۇ. يالغانچىلىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئالدايدۇ. مەسىلەن، ئەينى چاغدا گوللاندىيە يەھۇدىيلىرى يۆتكەپ ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت شىمالغا گېرمان ساقچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىشلىگىلى ماڭغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن. ھېچقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى-ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئوسسىۋىتس، سوبىبور قاتارلىق جازا لاگېرلىرىغا يېتىپ بارغاندا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى، جۈملىدىن نىشانغا ئېلىنغان توپلۇقنى ئالداش، يۈز بەرگەن ھەممە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەن.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دېگەن: «توپلۇقنى ئالداشنىڭ باشقا سەۋەبلىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، ئۇلارنى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىپ بولۇشتىن ئىبارەت. مانا شۇ سەۋەبتىن يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە ھېكايە توقۇش زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى رېجىم تەرىپىدىن دائىم قوللىنىلغان بىر ئۇسۇل. يەنە بىر جەھەتتىن قارىغان ۋاقتىڭىزدا، بۇ ھەم زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىشەندۈرۈشنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەسلىكى ئۈچۈنمۇ قوللىنىلغان بولۇشى مۇمكىن.»

ئۇ بۇ سۆزىگە چۈشەنچە بېرىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدىن ئورۇن ئالغان كىشىلەرنىڭ ئادەتتە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر پۈتۈن سىستېملىق جەرياننى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنى «ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىمەن» دەپ قارىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق بىر جىنايەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنىڭغا مىسال بەرگەندە، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدا ئىشلىتىلگەن زەھەرلىك گاز ئۆيلىرىنى ياسىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە ياساۋاتقانلىقىنى بىلمىگەندەك، ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەربىي، ئەسكەر، ساقچىلارنىڭمۇ پەقەت ئۆز خىزمىتىنى بىجا كەلتۈرۈشتىن باشقا، يۈز بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋىرى بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇڭا ئۇ بۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نوقۇل بىر خىل تۈرى، بىرلا خىل ئۇسۇلى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت مەلۇم بىر توپلۇقنى جىسمانىي جەھەتتىن ئۆلتۈرگەندىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىپ قالماي، بەلكى كۈندىلىك زۇلۇم، كۈندىلىك ئايرىمىچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا زىيانكەشلىك ۋاستىلىرىنىمۇ بۇ سىستېما ئىچىدە ئويلاشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تون زۋان ئەپەندى يىغىندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياقلاشقان كوللېكتىپ ئۆچمەنلىك ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ بەلگىلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ شەرھىيلەپ ئۆتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«خىتايلار تارىختىن بۇيان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ‹ياۋايىلار› دەپ ئاتىغان. ئۇلار بۇ كىشىلەر گۇمان بىلەن قارىلىشى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا يوقىتىلىشى كېرەك، دېگەن كۆز قاراشتا بولۇپ كەلگەن. بۇ خىتايدا چەت ئەللىكلەر ھەققىدە ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان كۆز قاراش. شۇڭا سىز بۈگۈنكى خىتاي مىللەتچىلىكىگە قارىغان ۋاقتىڭىزدىمۇ، ئىرقچىلىقنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايسىز. خىتايلار تارىخىتا غەربكە يۈرۈش قىلغاندا موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، قازاقلار، تىبەتلەر بىلەن قارشىلاشقان. بۇ كىشىلەرنى خىتايلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ياۋايىلار دەپ قاراش تولىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەن بۇ تولىمۇ قەدىمىي بىر كۆز قاراشنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇلار دائىم خىتايلار تەرىپىدىن ‹خەتەرلىك ياتلار› دەپ قارالغان.»

تون زۋان ئەپەندى سۆزىدە خۇددى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭمۇ ياۋرۇپادا مىڭ يىلدىن ئوشۇق تارىخى بارلىقىدىن مىسال بېرىپ، ھاكىمىيەت ۋە خەلق تەرىپىدىن ئوخشاش قوللاشقا ئېرىشكەن بۇ كوللېكتىپ ئۆچمەنلىكنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياقلىشىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

سىلەر يۇقىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلق مۇتەخەسسسى تون زۋان ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر سوت كولللېگىيەسى» گە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتىڭلار. بىز كېيىنكى پروگراممىزدا بۇ ئىسپات يىغىنىدىن داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.