«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئاخىرقى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، خىتاي تىپىرلىماقتا

0:00 / 0:00

2021-يىلى ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلگەن 3 قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن كېيىن، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئاخىرقى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر سوتنىڭ ئاساسلىق ئەرزدارى بولغان د ئۇ ق نىڭ بىر بۆلۈك رەھبەرلىرىمۇ ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىنلا نەقمەيداندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسى 4-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا مۇلاھىزە» ناملىق بىر پروگرامما ئىشلىگەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، پەرھات مۇھەممىدى، زۇبەيرە شەمشىدىن، قۇرۇلتاي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى، قۇرۇلتاي تەشۋىقات كومىتېتىنڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر قاتارلىقلار بۇ پروگراممىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر سوتى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئەگەر بۇ قېتىمقى سوتتىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەققىدە بىر ھۆكۈم چىقىپ قالغان تەقدىردە، خىتاينىڭ بۇ «قارا داغ» دىن ئاسان قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم بولسا، بۇ سوتنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق جېنىغا تەگكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى توختىماي قارىلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. د ئۇ ق قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىدە، 3 قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە جاۋابكارلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، ئۈچىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۈچ قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا 70 تىن ئارتۇق گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بەرگەن، 30 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى 10 مىڭ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 500 دىن ئارتۇق شاھىدنىڭ قانچە 10 مىڭ بەتتىن ئارتۇق يازما بايانلىرىنى تەتقىق قىلىپ سوتقا تاپشۇرغان.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئاخىرىقى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لوندۇنغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قۇرۇشتىكى تۈپ مەقسەدنىڭ خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىسپاتلاش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە ھازىرقى قەدەر سوتنى تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھۆكۈمىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

9-دېكابىردىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى خىتاي ھاكىميىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. 6-دېكابىر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ساختا سوت مەھكىمىسى گۇناھ ئارتىش مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەسىرلىك بىر يالغانچىلىق ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ خەلقئارا تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئېغىر ھاقارەت، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك،» دېگەن.

خىتاي مەركىزى ئاگانېتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «ئامېرىكا تەشكىللىگەن ئاتالمىش دېموكراتىيە ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى ئۇنسۇرلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ساختا ‹ئۇيغۇر ئالاھىدە سوت كوللېگىيەسى› 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاتالمىش جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ 6-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ‹ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر ئالاھىدە سوت كوللېگىيەسى ھەرگىزمۇ بىر ئەدلىيە ئورگىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ جۇڭگوغا قارشى ئامېرىكا، غەرب كۈچلىرى ياساپ چىققان ساختا بىر سوت كوللېگىيەسى، ئاتالمىش ھۆكۈم ئېلان قىلىش ھەرىكەتلىرىمۇ ئەسلا ئەدلىيە پائالىيەتلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇمۇ جۇڭگوغا قارشى ئامېرىكا، غەرب كۈچلىرى لايىھەلەپ چىققان بىر مەيدان دىرامما› دەپ كۆرسەتتى.»

خىتاي مەركىزى ئاگانېتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ دەۋاگەرى دولقۇن ئەيسا ۋە لاگىر شاھىدى گۈلباھار مەھمۇتجان (گۈلباھار خاتىۋاجى) لارنىمۇ ئەيىبلەپ شۇلارنى تىلغا ئالغان: «ئاتالمىش گۇۋاھچى دولقۇن ئەيسا، گۈلباھار مەھمۇتجان دېگەنلەر ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن جىنايەتچى ئۇنسۇرلاردۇر. ئۇلار بۆلگۈنچىلىك مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن زوراۋانلىق پەيدا قىلىپ، ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتۈپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ئاپەتكە ئايلانغان. ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنىڭ، ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ ھېسابى يوق.»

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە توختالغاندا: «يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا بۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ئولتۇرالماي قەلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر سوتىغا قارشى سۆزلىگەنسېرى، دۇنيا بۇ سوتنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋاتىدۇ،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.