ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ھەققىدىكى بېسىم يەنىمۇ كۈچەيدى

0:00 / 0:00

ئەنگىلىيەدىكى مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» نىڭ 9-دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتلەردىن بىتەرەپ ۋە پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قارار چىقىرىشى بولغاچقا، خەلقئارانىڭ زور دىققىتىگە ئېرىشتى. ھازىرغىچە بۇ ھەقتە سۈكۈت قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارالىق ئورگانلار ئۈستىدىكى بېسىم يەنىمۇ ئاشتى.

10-دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقىرىقىدەك چاقىرىقلار يەنىمۇ كۈچەيدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئەمدى ھېچكىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكالىق NBA ۋاسكىتبول چولپىنى ئەنەس كانتەر بولسا CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز سۆزلىشىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، دېكتاتور بىر دۆلەتتە ئولىمپىك ئۆتكۈزمەكچى بولۇشى نومۇستۇر. مەن بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى، دۆلەتلەرنى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى ئاۋاز چىقىرىشقا ۋە مۇسابىقىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشكە چاقىرىمەن.»

ئۇ سۆزى داۋامىدا يەنە ئولىمپىكنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللاشتىن چېكىنىشكە چاقىردى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلار تەرىپىدىن ئېـتىراپ قىلىنىشى ۋە مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەكۈنى چىقىرىشى، بۇ مەسىلىدە دۇنيانىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇشىغا بولغان تەقەززالىقنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. نۇرغۇنلىغان تونۇلغان كىشىلەر خەلقئارانىڭ ئەمدى بۇ مەسىلىدە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىككە باھانىسى قالمىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىنمۇ 9-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ماقالىسىدە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتچىسى ئېلى ۋىيسەلنىڭ 1986-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا قىلغان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادىغا سالغان:

«بىز چوقۇم تەرەپ تۇتۇشىمىز لازىم. سۈكۈت قىلىش زۇلۇم قىلغۇچىنى ئىلھاملاندۇرىدۇكى، ھەرگىزمۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا پايدىلىق بولمايدۇ. شۇڭا بىز بەزىدە چوقۇم مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشىمىز كېرەك.»

جوش روگىن خۇددى ئېلى ۋېيسەل دېگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىمۇ كىشىلەرنىڭ تەرەپ تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ماقالىسىدا NBA چولپىنى ئەنەس كانتەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىگەنلىكتىن ھازىر ھەم NBA نىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەگەر NBA ئۇنىڭ بىلەن توختامنامىسىنى ئۇزارتمىسا، ئۇنىڭ ھەتتا پات يېقىندا ئىشسىز قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاينىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشنىڭ بەدىلى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەنەسنىڭ ھەرىكىتى ھەممىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلامدۇق-يوق دېگەنگە قارار چىقىرىشقا قىستىماقتا. ئۇ تەرىپىنى تاللاپ بولدى. ئەمدى قالغانلىرىمىز قانداق قىلىمىز؟» دەپ سوئال قويغان.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە پايدا-مەنپەئەت بەدىلىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇۋاتقان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىمۇ قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇلارغا جامائەت ئارقىلىق بېسىم پەيدا قىلىشىمىز، كېرەك دېدى.