قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھۆكۈمىنى قارشى ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-12-13
Share
«ئىرقىي قىرغىچىلىق» ھۆكۈمى خىتايغا بېسىم، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانۇنىي ئاساس ياراتتى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس(Sir Geoffrey Nice) ئەپەندى سوت ھۆكۈمىنى جاكارلىماقتا. 2021-يىلى 9-دېكابىر، لوندون.
Photo: RFA

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خەلقئارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا لوندوندا ئۆتكەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ نۆۋەتتىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ھەققىدە ئىنكاسلار داۋام قىلماقتا. بۇنىڭغا مەزكۇر سوتنىڭ 3-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىڭ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن ھۆكۈمنىڭ چىقارغانلىقى سەۋەب بولماقتا. بۇ ھۆكۈم رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا چەكلەكلىك بولسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇلماقتا.

شۇلارنىڭ بىرى «سېنتىر ئاسىيا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئا ق ش شىنجاڭدىكى تەقىبلەشلەر مۇناسىۋىتى بىلەن خ خ ج غا قارشى يېڭى ئېمبارگولار ئېلان قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ بەزى بىرلەشمىلىرى ۋەكىللىرىگە ھەمدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋە رايوننىڭ ھازىرقى رەئىسى ئەركىن تۇنىيازغا قارشى جازا ئېلان قىلغانىكەن. شۆھرەت زاكىر ۋە ئەركىن تۇنىياز ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىبلەش ھەرىكىتىنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، مىليوندىن ئوشۇق يەرلىك ئاھالىنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ماقالىدا خىتاينىڭ بارغانسېرى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بۇنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

لوندوندا ئۆتكەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 3-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ يەكۈنى ھەققىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نېمە دەيدۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رىزا سەمەدى ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 3-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى يەكۈنىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق خۇرسەن قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مۇقەددەس ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرگە قارىتا خىتاي ئىستېلاچىلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ بولمايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار ئاساسىدا چىقىرىلغان ئادالەتلىك ھۆكۈم بولدى. مەن بۇ ھۆكۈمنى خىتاينىڭ جىناىي قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆرمەسكە سېلىۋاتقان، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى دەپ مىللىي ھەم قېرىنداشلىق پەزىلىتىگە خىيانەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قارىتا ئادىل بىر يولنى تاللاپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە دەۋەت قىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمەن».

قازاقىستان ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا تونۇلغان ئەدلىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى بىرى، ئەدلىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك شايمەردان شەرىپوف ئەپەندى مەزكۇر سوت يەكۈنىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مۇستەقىل مەرتىۋىگە ئېگە، ھېچ بىر دۆلەت ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەركىبىگە كىرمەيدىغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەقسەتلەرنى كۆزلەيدىغان، يىرىك قانۇنشۇناسلاردىن تەركىب تاپقان ئورگان. بۇ سوت تۇراقلىق جايدا قانۇنىي رەۋىشتە ئېتىراپ قىلىنغان، ھەم ئۇنىڭ خىزمىتى چەكلەنمىگەن. بۇ بىرىنچىدىن. ئىككىنچىدىن، بۇ سوت ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي ئەتكەن سوت ئۈلگىلىرى ۋە نەمۇنىلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى ئۈنۈملۈك ۋە پەيدىن-پەي پايدىلىنىش ئارقىلىق سوتنىڭ ئىش جەريانىنى ھەرتەرەپلىمە تەتقىق قىلدى. خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى توغرىلىق پۇقرالارنىڭ گۇۋاھلىرىنى ئوچۇق تىڭشاپ، ئىسپات-دەلىللەرنى قوبۇل قىلدى. بۇلارنى ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇناسىپ باھالاپ، ئاقىۋەتتە نەتىجىلىك يەكۈن چىقاردى. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي كوممۇنىستىك سىستېمىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۇيغۇرىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئېگە ئۇيغۇرلارغا قارشى سىستېمىلىق گېنوتسىد(قىرغىنچىلىق) يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئەيىبلەش ئارقىلىق ھۆكۈم چىقاردى. ئۈچىنچىدىن، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغاندەك، دۇنيا مىقياسىدا ئىلگىرى بولۇپ كۆرمىگەن ھادىسە ئورۇن ئالدى. خىتاينىڭ بۇ سوتنىڭ يەكۈنىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى، مەلۇم دەرىجىدە قورقۇتۇش ۋە پوپوزا قىلىش ھەرىكەتلىرى سۆزسىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭغا ئەكسى ئىنكاسىنى تۇغدۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. تۆتىنچىدىن، بۇ سوتنىڭ قارارى رەسمىي بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدىن باشلاپ باشقىمۇ تەشكىلاتلارنىڭ، گااگا خەلقئارا سوتى ئوخشاش باشقىمۇ خەلقئارا دەرىجىدىكى ئىناۋەتلىك ئەدلىيە سىستېمىلىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى لازىم. بەشىنچىدىن، ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئىنسانىيەت قەدرىيەتلىرىنىڭ بىردىن-بىر ئامىلى بولۇپ كېلىۋاتقان ئادىمىيلىقنى ئويغىتىش، ئادالەتسىزلىككە سەۋرلىك قىلماسلىققا چاقىرىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت يۈز بەردى».

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە خەلقئارا مۇتەخەسسىس، دوكتور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا باشلىق چوڭ دۇنيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى، شۇ جەرىياندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

ئالىمجان تىلىۋالدى مۇنداق دېدى: «ئەڭ مۇھىمى، دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەبلىك بولىدىغىنى ئېنىق. ئۆزىمىزنىڭ قان-قېرىنداشلىرىمىز بولسۇن، گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىمىز بولسۇن، ئادالەتلىك سوتقا موھتاج ئىدى. ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار خەلقئاراغا ئايان بولۇپ، تېگىشلىك خۇلاسىلىرى چىقىرىلدى، دەپ ئويلايمەن. ئانا دىيارىمىزدا پىكىر ئەركىنلىكى، ئائىلىگە، شەخسىي ھاياتقا ھۆرمەت قىلىش، ئەركىن نىكاھ قىلىش ھوقۇقلىرىمىز چەكلەنگەنلىكى سىر ئەمەس. كېلەچەكتە بۇ ئىشلار بارا-بارا تەرەققىي ئېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

ئالىمجان تىلىۋالدى سىياسىي تەقىب قۇربانلىرىنىڭ تىزىمىنى ئېلىپ، ئۇلارنى خاتىرىلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى، چوڭ مەملىكەتلەرنىڭ، ئىناۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلغان خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىناىي قىلمىشلىرى ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن بىر يەكۈن چىقىرىلىۋاتقان پەيتتە قازاقىستان بۇنىڭغا قانداق مەۋقەدە تۇرۇۋاتىدۇ؟

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالىي مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ قارار، ئەلۋەتتە، پۈتۈن دۇنياغا تەسىر قىلىدۇ. شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرگە، يەنى قازاقىستانغا تەسىر قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بىزنىڭ رەھبەرلەر خەلقئارا پرىنسىپلارنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر. ئەمما، مېنىڭ كۆز قارىشىمچە، قازاقىستاننىڭ يېقىن مەزگىلدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يا خىتايغا تۇتقان سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنىڭغا مۇھىم سەۋەبلەر بار».

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازاقىستاندا كۆپلىگەن ھەر خىل ساھە مەھكىمىلىرىنىڭ چوڭ كرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىشىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن چوڭ مەبلەغنىڭ لازىم بولۇپ، بۇ مەبلەغنى پەقەت خىتاينىڭ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا بۇ سوت يەكۈنىگە تۈركىي دۆلەتلەر لىدېرى تۈركىيە قوشۇلغان تەقدىردە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پوزىتسىيەسىنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە ۋە لوندون سوت يەكۈنىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتى، دۇنيا ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى بويىچە قاراشلىرى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن «ئاخباراتنامە» ماقالىسىدە ئېلان قىلىنىپ، ئاھالە ئارىسىدا داۋاملىق تارقىتىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت