ئۇيغۇر سوتى باش سوتچىسى جېفرىي نايس: ئۇلار ئۆز ئارزۇسىغا نومۇسسىزلىق ئارقىلىق ئېرىشەلمەيدۇ

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2021.12.14
ئۇيغۇر سوتى باش سوتچىسى جېفرىي نايس: ئۇلار ئۆز ئارزۇسىغا نومۇسسىزلىق ئارقىلىق ئېرىشەلمەيدۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف ئەپەندى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس(Sir Geoffrey Nice) ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى. 2021-يىلى 13-دېكابىر.
Photo: RFA

ئالىم سېيتوف:

سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە بۈگۈن ئۇيغۇر سوتى خىتاينى مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئ‍ۆتكۈزىۋاتىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقاردى. بۇ ھۆكۈمنىڭ يېشىىمى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

جېفرېي نايس:

شۇنىسى ئېنىقكى، ئەگەر مۇشۇنداق بىر ھۆكۈم ھۆكۈمەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېت، كارخانا ۋە ساياھەت شىركەتلىرىگە ئوخشاش ئورۇنلار ۋە شۇنداقلا خىتاي بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە نىمە ئىش قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىغا پايدىسى بولسا بۇ بىر ياخشى بولغان ئىش ھىسابلىنىدۇ. بۇ ھۆكۈمنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتا قالتىس ئىش بولغان بولىدۇ، لىكىن شۇ نەتىجە چىققاندىمۇ، بىزنىڭ سوتنىڭ نەتىجىسىدىن دەپ ئ‍ېتىراپ قىلىنىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ ھۆكۈم سەۋەبلىك ئىشلارنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى دەرھال بىلەلمەيدىغانلىقىمىز ئىنىق. يۇقارقى بايانلار يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان نەتىجىلەر. ئەمدى سۇئالىڭىزغا قايتىپ كەلسەك، باشتىن تارتىپ سۆزلىسەك، ئىسپاتقا تايانغان ھالدا (خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى) خەلىقئارا جەمئىيەتكە ئىنىق بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر رىئاللىق بۇ سوتنى ئ‍ىچىشتكى قوزغاتقۇچ كۈچ بولغان. شۇڭا بىز بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان بولدۇق، خۇلاسە كالام.

ئالىم سېيتوف:

ئۇيغۇر سوتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ مەيدانىنى قوغداش ۋە شۇنداقلا ئۆزنىڭ بايانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئىسپات شۇكى، لىكىن ھازىرغا قەدەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ كەلدى. خىتاي سىز ۋە بۇ سوتقا چەكلەش جازاسى ئېلان قىلىدى شۇنداقلا سىزگە شەخسى ھۇجۇم قىلىپ، سىزنى جاسۇس دەپ ئاتىدى. سىزىنىڭ ئ‍ىنكاسىڭىز قانداق؟

جېفرېي نايس:

ئۇلار (خىتاي)نىڭ بۇ يولنى تاللىغىنى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. (بۇ تېىمىد) بۇنىڭدىن باشقا ئارتۇق دەيدىغان گېپىم يوق. مەن ئەنسىرەپ كەتمىدىم. (خىتاينىڭ بۇ دېگەنلىرى ئۇيغۇر سوتى بىلەن) مۇناسىۋەتسىز. لىكىن ئۇلار (خىتاي) ئۆزلىرىنى تەنقىدلىگەن شەخىس، تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرگە قارىتا ئوچۇق بولۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر خىل يولنى ئەزەلدىنلا نەزەرگە ئالمىغانلىقى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. چۇنكى، ئەگەر ئۇلار (خىتاي) شۇنداق قىلغان بولسا، بولۇپمۇ بىز ھۆكۈمدە چۈشەندۈرگەندەك باشقا بەزى چوڭ دۆلەتلەرگە ئ‍وخشاش ئوچۇق بولماسلىقنى ئەمەس بەلكى ئۈلگە بولۇپ ئوچۇق بولۇشنى تاللاىغان بولسا، ئۇلار (خىتاي) دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى جايغا ئايلاندۇرىدىغانغا ئۈلگە بولغان بولاتتى. شۇڭا ئۇلار (خىتاي) نىڭ بىز ۋە مەن توغرىسىدا دېگەنلىرىگە پەرۋايىم پەلەك.

ئالىم سېيتوف:

خىتاي بۇ سوتنى يالغان سوت دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرگە بۇ سوت ئويۇنىنىڭ ئاقىسىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى غەرب كۈچلىرى بار دېيىش بىلەن بىرگە، شاھىتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى «خىتاينى قارىلاش ئ‍ۈچۈن توقۇلما ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى. سىزىنىڭ بۇ شۇنداق ئ‍ەھۋالمۇ؟س

جېفرېي نايس:

ئۇلار (خىتاي) ئۇنداق دېسە ئۆزىنىڭ ئشى. لىكىن ئۇلار (خىتاي) ئۆزلىرىنىڭ شۇ دېگەنلىرىنى مەلۇم ئىسپات بىلەن دەلىلىمىسە، بۇنداق گەپلىرىگە قارىتا ئارتۇق گەپ قىلىشىمىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ھىچقانداق ئىسپات بىلەن دەلىلىگىنى يوق. مەن ئ‍ىلگىرى دېگەنلىرىمىنى يەنە بىر تەكرارلاپ ئۆتەي، ئۇلار (خىتاي) ئوچۇق بولۇپ، مەنىلىك ئالاقە ئېلىپ بارماسلىقىنىڭ ئۆزىلا بىر ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش. دۇنيا (خەلقى) (ئۇيغۇر دىيارىدا) نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىز ئۇلار (خىتاي)غا دېدۇق. خىتاينىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا بولۇشى ئۇزۇننى ئويلىغاندا پايدىلىق بىر ئىش.

ئالىم سېيتوف:

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى توغرىلىق ھۆكۈم ئېلان قىلمىدى، ئەمما ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتىدۇدېگەن ھۆكۈمنى چىقاردى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى بولسا، مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتمۇ دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىشى سوتنىڭ ئىشى دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ. سىزنىڭچە، بۈگۈنكى ھۆكۈم، يەنى ئۇيغۇر سوتىنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھۆكۈمى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىيلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا قايىل قىلارمۇ؟

جېفرېي نايس:

(بۇ ھۆكۈم) ئ‍ۇلار (ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى)نىڭ بۇ (خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى)نى نىمە بولسا شۇنداق دەپ تونۇپ يېتىشىغا ياردەم قىلىشى مۇمكىن. بۈگۈن پارلامىتن زالىدا كۆپ پارلامېنت ئەزالىرى ئولتۇرۇپتۇ، ئۇلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۇلار بۇ ھۆكۈمدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تەشنا. سوئالىڭىزنىڭ دەسلەپكى قىسمىغا جاۋاب بېرىش توغرا كەلسە، ھۆكۈمەت ھۆكۈمنى پەقەت سوتچى چىقارسىلا قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ دەيدۇ. ئەمما بۇلار ھەرقانداق سوتچىنىڭ بۇنداق ھۆكۈم چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ. «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» بويىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» گە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارار چىقىمىغىچە، ھېچقانداق بىر سىستېمىدا ئۇنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ چىقماقچى بولىدىغان سوتچى بولمايدۇ. ئۇلار ھەرگىز بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ، دەپ قارايمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ھۆكۈمنى پەقەت سوتچىلا چىقىرالايدۇ دېگەن تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن قاچىدۇ.

ئالىم سېيتوف:

150دىن ئارتۇق دۆلەت «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» نى ئىمزا قويغان ۋە ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقنى توسۇش ۋە توختىتىشتا قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بار. بۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، سىزنىڭچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟

جېفرېي نايس:

دېمەك، بىزنى قىزىقتۇرىدىغان تەرىپى شۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ھەم باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە جازا ئىلان قىلىشىتەك بەزى ئىشلارنى قىلدى، ئەمما ئۇ (ئامىرىكا) ئۆزنىڭ «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» بۇرچى بويىچە ئىش قىلىغانلىقىنى ئېيتقىنى يوق.

دېمەك، بۇنداق بىر ئەھۋالدا «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» بۇرچى دېگەن نېمە؟ بۇ ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا باغلىق. بۇنداق بىر قارارغا نىسبەتەن ھۆكۈمەت چوقۇم ئۆز خەلقىگە شۇ قارارغا ئاساسەن نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلالمايۋاتقانلىقى، ۋەياكى نېمىشقا بۇنىڭدىن ئاز قىلمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىشى كېرەك. قارارىنىڭ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش بۇرچىغا ئاساسەن بولغان بىر ئورۇنلۇق ئىنكاس ئىكەنلىكىنى دېيىشى كېرەك. شۇڭا مەلۇم بىر ھۆكۈمەتنىڭ قوللىنىدىغان مۇمكىن بولغان چارىلىرى، ئۇلار [ئ‍امېرىكا ھۆكۈمىتى] ئاللىقاچان قوللانغان جازالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

ئ‍ەمما ئويلاپ بېقىڭ، بىز ئامىرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ ئورنىدا بولغان بولساق، بىز سەمىمىي ھالدا ئۆز-ئ‍ۆزىمىزدىن «ھېچبولمىغاندا بۇ بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دەپ سورىغان بولار ئىدۇق، بۇ سۇئالىنىڭ جاۋابى بولسا چوقۇم ئۇلار (بىلىنىكن قاتارلىقلار) قويغان جازالاردىن كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق جازا قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغۇچىلارغا، بۇنىڭغا جاۋابكار بولغۇچىلارغا ئەمەلىي تەسىر كۆرسەتكۈدەك بىر نەرسە بولۇشى كېرەك. بىرەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جازالارنى قانداق قوللىنىشى ھەققىدە مەن مەسلىھەت كۆرسەتمەيمەن. بۇنداق قىلىش ئارتۇقچە بولۇپ قالىدۇ، بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس. لېكىن پەقەت جازا بېرىپ قويۇپلا «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» نى تىلغا ئالماسلىق يېتەرلىك ئەمەس.

ئالىم سېيتوف:

خىتايمۇ «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» نىڭ ئىمزالىغۇچىسى. شۇڭا قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىرغىنىچىلىقنى توختىتىش توغرىسدا نىمە دەيسىز؟

جېفرىي نايس:

خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان تەكلىپىم شۇكى: ئۇلار (خىتاي) ھازىرقى زور كۈچى بىلەن ئىرىشەلەيدىغانلىرىنى بۇ ناچار ئىشلارنى قىلىشى ئارقىلىق ئىرىشىشى زۆرۆر ئەمەس. مەن ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسىنى ۋە دۇنيا بويىچە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى چۈشىنەلەيمەن ۋە ھۆرمەت قىلىمەن. ھەرقانداق كۈچلۈك دۆلەتنىڭ مۇنداق ئارزۇسى بولغان، مەسىلەن كۈچلۈك مەركەزلەشكەن ئىمپېرىيە بولغان كىچىك ئارىلىمىزمۇ (ئەنگىلىيەگە قارىتىلغان) شۇنداق بولغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ شۇنداق بولغان، ئەلۋەتتە. بۇنداق ئارزۇ بولۇشنىڭ ھېچ خاتا يېرى يوق.

بىراق، ئۇلار ئاممىنىڭ نەزىرىدە ئۆز ئارزۇسىغا نومۇسسىزلىق ئارقىلىق ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا تىنچ ۋە مەقسەتلىك بولغان بىر ھاكىمىيەتكە كاپالەتلىك قىلىشىغا راستتىنلا شۇنداق ئىشلارنى قىلىشى زۆرۈرمۇ؟ بەلكىم ئۇنداق ئەمەس، دەپ پەرەز قىلىمەن. ئۇلار ئويلىشىشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، ھېچبولمىغاندا باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنى خالىسا، ئۆزىنىڭ خەلقىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

ئالىم سېيتوف:

كەلگۈسىدە خەلقئارا جىنايىي ئىشلار سوتى ۋە ياكى خەلقئارا ئەدلىيە سوتى خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار بولغان خىتاي دائىرىلىرىنى سوتقا تارتسا، ئۇيغۇر سوتى شۇلارنى سىلەر توپلىۋالغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تەمىنلەمسىلەر؟ گۇۋاھلىق بېرىشنى خالامسىلەر؟

جېفرىي نايس:

ئەلۋەتتە، بىز دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە تەييارمىز. بىز ئاللىقاچان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆزىنىڭ دوكلاتىنى تەييارلاش بىلەن بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ مېڭىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز ۋە بىز ئ‍ۇلارغا ماتېرىياللىرىمىزدىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى ئېيتتۇق. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردىم قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە، بىزدە بار دەلىل-ئىسپات، بىز توپلىۋالغان بارچە دەلىل-ئىسپاتلار ھەممىسى ئوچۇق-ئاشكارا. پۈتكۈل ئارخىپىمىزنى بەلكىم ئاممىغا ئېلان قىلىشىمىز مۇمكىن.

بۇ كىچىك ئىش ئەمەس، شۇنداقلا بۇنىڭغا مەلۇم مەبلەغ كېتىدۇ. مەبلىغىمىز يوق، ئەلۋەتتە، شۇڭا بىزدە يۈزمىڭلىغان بەتلىك ماتېرىياللارنى ئارخىپلاشتۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئەمما بىزنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى باشقىلار ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ قويۇش نىيىتىمىز بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.