«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-09-13
Share
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. 2021-يىلى 13-سېنتەبىر. لوندون، ئەنگلىيە.
Social Media

ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋە شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 13-سېنتەبىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ۋە مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان ئىدۇق. تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، 4 كۈن داۋاملاشقان مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا 27 نەپەر مۇتەخەسسىس ۋە سەككىز نەپەر گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بەردى.

11-، 12-سېنتەبىر كۈنلىرى گۇۋاھلىق بەرگەن مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ سابىق خىزمەتچىسى، «شىنجاڭنى بويسۇندۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى كىرىستىيان تايلور، رائۇل ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يوناھ، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيسېن رۇسىر، يېڭىدىن نەشىردىن چىققان «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابىنىڭ ئاپتورى ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى جېففرېي كەين، ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلىر قاتارلىق ھەر ساھە كىشىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ناھايتى مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇت دوختۇرى بولغان بىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان تۇغۇت كونترولى نەتىجىسىدە 7 ئايلىقتىن يۇقىرى ھامىلىنىڭمۇ رەھىمسىزلەرچە ئېلىۋېتىلىگەنلىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرى، يىغىن ئەھلىنى قاتتىق ئېچىندۇردى.

لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاق شاھىتلار لاگېردا يۈرگۈزۈلىۋاتقان قىيىن-قىستاقلارنى ناھايىتى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.

يېغىننىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى گۇۋاھلىقلار ۋە سۇئال-جاۋابلار ناھايىتى جىددى بولدى. غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم لاگېردا 15 ئاي ياتقان قازاقىستانلىق لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى لاگېردا قىز-ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر جىنسىي خورلۇقلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. خىتاينىڭ قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىس ئېتان گۇتمان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگان ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە توختالدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئەپەندى بۇ قېتىممۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئادۋوكاتلار، مۇتەخەسسىسلەر، يىغىن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئادرىيان زېنىزنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدە ئىنچىكە سۇئاللارنى سوراشتى. جېففىرىي نايىس ئەپەندى مەزكۇر يىغىننىڭ كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلارغا تايىنىدىغان مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

يېغىن جەريانىدا ئادۋوكاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر يىغىن باشقۇرغۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە گۇۋاھچىلاردىن تەرەپسىز ھالدا ناھايىتى مۇھىم سۇئاللارنى سوراشتى. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە بېرىلگەن ئىسپاتلار CNN قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق ئاخبارات قاناللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ 10-سېنتەبىر كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تور ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى «خىتاينىڭ نامىنى سېسىتىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەن. ھەتتا باش ئەلچى جېڭ زېگۇاڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ھامىد سابى 12-سېنتەبىر خىتاي باش ئەلچىسىگە ئوچۇق خەت يازغان. ئۇ خېتىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى خىتايغا قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىكەنلىكى، خىتاي تەرەپنىڭ 13-سېنتەبىرگىچە ئېچىلىدىغان مەزكۇر سوتقا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ۋە ئىسپاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى تەرەپتىن ھېچكىم سوت كوللېگىيەسىنىڭ يېغىنىغا قاتناشمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇنمۇ بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى غەربنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلىرى قۇرغان «قانۇنسىز سوت مەھكىمىسى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەزكۇر يىغىنغا نەق مەيداندىن قاتناشقان بولۇپ، يىغىن ئەھۋالى ھەققىدە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم رەسمىي شەكىلدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر سوتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ھۆكۈمىدىن قانچىلىك ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خادىملىرى گۇۋاھچىلار تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىدىكەن. يىغىنغا قاتناشقان گۇۋاھچىلار ئەگەر كەم قالغان ماتېرىياللىرى بولسا قايتا تولۇقلاپ ئەۋەتىپ بەرسە، گۇۋاھلىق بېرىشنى خالايدىغانلار بولسا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىر توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئىكەن.

رادىيومىز «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەتلىرى ۋە قارارلىرى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بارلىق گۇۋاھچىلارنىڭ يازما گۇۋاھلىقى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىننىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يۇتۇب قانىلىدا ساقلانغان.

مەزكۇر يىغىننىڭ رادىيومىز تەرىپىدىن ئۇلاپ تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشىمۇ رادىيومىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا تارقىتىلدى ۋە ساقلاندى. قىزىققۇچىلار بۇ سۇپىدىن يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق ئىسپاتلار ھەققىدە ھەر ۋاقىت مەلۇماتقا ئېرىشەلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت