داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى- «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈش ۋە پاكىت توپلاش ئارقىلىق، 9-دىكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ئاخىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. مەزكۇر سوتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 63 بەتلىك ھۆكۈمنامىنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆكۈمنامىدە ئۈچ قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يېغىنىدا توپلانغان بارلىق ئىسپاتلار مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاساسەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق يۈرگۈزگەن باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلاشنىڭ ئاساسلىرى بىرمۇ-بىر كۆرسىتىلگەن.
سوت ئاخىرىدا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى سىر جېففرېي نايس ئاخىرىقى ھۆكۈمنامىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئاتالمىش «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» نىشانى بىلەن «تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق نوپۇسىنى ئۇزاق مۇددەت قىسقارتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قەستەن، سىستېمىلىق ۋە بىر گەۋدىلەشكەن سىياسەتكە يۈرگۈزگەن» لىكىنى، بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا دەل چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز ئېلان قىلغان 28 بەتلىك «ھامىلەدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» گە ئائىت رەسمىي ھۆججەتلىرىدىكى مەزمۇنلار ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پىلانلىرى ئاشكارىلىغان ئىدى. دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت ئىككى رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 2015-يىلىدىن باشلاپ تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلەپ ماڭغانلىقى، 2020-يىلىغا كەلگەندە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى نۆل بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» قۇرۇلغاندا ئەنگىلىيە «سىكاي خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە: «بىز پەقەت بارلىق پاكىتلارغا قاراپ چىقىپ، قانۇنلارغا تەدبىقلايمىز، شۇنداقلا نېمىلەرنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىغا قارار قىلىمىز،» دېگەن ئىدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىكولاس ۋىچ ئەپەندى مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ھەققىدە رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ سوت كوللېگىيەسى بىر ئاممىۋى كوللېگىيە، ئۇنىڭ ھېچقانداق سودا ۋە ياكى سىياسىي پائالىيەتچىلىك خاراكتېرى يوق. ئۇ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئادۋوكاتلار ۋە جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان. بىز پەقەت پاكىتقا ئاساسلىنىمىز. بىز جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن ياكى ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىگە قارار قىلىشتا، قىياس-پەرەزلەرگە ئەمەس، پەقەت دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىمىز.»
«ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ئۈستىدىن خەلقئارا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان. سوتقا نەق مەيداندىن قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سوتنىڭ ھۆكۈمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن بولدى. بىز دۇنيادا ئادالەتنىڭ بارلىقىغا يەنە بىر قېتىم ئىشەندۇق. بۇ ھۆكۈمدىن كېيىن ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىغا سەۋەب قالمىدى، ئەمدى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىنسانىيەتنىڭ زىممىسىگە چۈشتى.»
«ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 9-دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «شىنجاڭدىكى ئاتالمىش مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق پۈتۈنلەي رەزىل گەپ،» دېگەن.
نيۇ-كاستېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جوئاننې فىنلېي-سىمىس خانىم ئا ب س (ABC) خەۋەر تورىغا بەرگەن زىيارىتىدە، بۇ ھۆكۈمنىڭ ھەرقايسىي دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يەنىلا ۋاقىت بار. ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قول تىقىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا يەنىلا پۇرسەت بار.»
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ھۆكۈمىنى «قايغۇلۇق خوشخەۋەر» دەپ ئىپادىلىگەن. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان بەتلەرنىڭ ئاستىغا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار يىللاردىن بىرى ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى چاپلىغان. ئۇلار يازمىلىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ساق-سالامەت كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى بالدۇرراق توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى بىلدۈرۈشكەن.