«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ چىقارغان ئاخىرىقى ھۈكۈمى تۈركىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

0:00 / 0:00

9-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا» دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ بۇ جىنايەتلەرگە بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، تۈركىيەدىكى سىياسىيونلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇنىڭ تارىخىي بىر قارار ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىتان سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۈكمى مۇھىم. ياۋروپادىكى بىر دۆلەتتە قۇرۇلغان سوتتىن چىققان مەزكۇر ھۈكۈم ناھايىتى مۇھىم. مەنچە، بۇ ناھايىتى ياخشى بىر باشلانغۇچ بولۇپتۇ. بۇرۇن بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەن ئىدى. ئەنگىلىيەدىكى سوتتىن بۇ ھۈكۈم چىققاندىن كېيىن، باشقا دۆلەتلەرمۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قارار ماقۇللىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق قارار ماقۇللىغان دۆلەتلەر كۆپەيسە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى يۇمۇشىتىشقا مەجبۇر قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم».

سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇمىت ياردىمچى ئەپەندى ئەنگىلىيەدىكى سوتنىڭ قارارىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن بۇنداق بىر ھۈكۈمنىڭ چىققانلىقى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. سوتتا كۆپ ساندا كىشى گۇۋاھلىق بەردى. 3-4 قېتىم سوت بولدى، بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە بۇنداق بىر ھۈكۈمنىڭ چىقىشى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا قىشلىق ئولىمپىك ئېچىلىشتىن بۇرۇن بۇنداق بىر ھۈكۈمنىڭ چىقىشى، تېخىمۇ كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كەسەر ئەپەندى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى چىقارغان قارارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ سوتنىڭ قارارى ھەقىقەتەن بەك مۇھىم. بۇ قاراردىن كېيىن دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا قارار لايىھەلىرىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدىن چىققان ھۈكۈمنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ تۈركىيە پارلامېنتىدە بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاشنىڭ ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە بۇنىڭ بىشارىتى يوق. ھۆكۈمەت ئوچۇق-ئاشكارا خىتايغا قارشى چىقماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇمىت ياردىمچى ئەپەندى ھازىرغىچە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستراليە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ تەنتەربىيەچىلەرنى يوللاپ، ئالىي رەھبەرلەردىن تەركىپ تاپقان ۋەكىللەرنى ئەۋەتمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» چىقارغان ھۈكۈمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر دەۋانى يۇقۇرى پەللىگە كۆتەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى يوق مىللەتلەرنىڭ بۇنداق ھۈكۈملەرنى چىقىرىشىنىڭ تۈركىيەگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا مەجبۇر قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2020-يىلى 4-ئايدا ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا قۇرۇلغان ئىدى. ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففرېي نايس مەزكۇر سوتنىڭ باش سوتچىلىقىنى زېممىسىگە ئالغان ئىدى.