مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن: «توققۇزاقتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىنىڭ سۈيىنى خىتاي كۈچمەنلىرىدىن پۇلغا سېتىۋالىدۇ»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا 2017-يىلدىن ئىلگىرى توققۇزاقتا 150 مو بوز يەر ئاچقان. ئۇ مەزكۇر ناھىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دۆلەت مەبلىغىندىن كەڭ-كۇشادە پايدىلىنىدىغانلىقى، يەرلىك ئاھالىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ «ئالاھىدە ئىمتىيازى» ھەققىدە سوئال سورىغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ جازالنىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان.

يۇرتى توققۇزاقتا 2006-يىلدىن 2011-يىلىغىچە، 150 مو بوز يەر ئېچىپ ئانا زېمىنىنى كۆكەرتىش ئۈچۈن ھەپىلەشكەن تۈركىيەلىك مۇھاجىر مەمەتتوختى ئاكا، كۆپلىگەن زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك قاتارىدا ناھىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ئاز بولۇشىغا قارىماي، توققۇزاقنىڭ سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت جايلىرىنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ قۇزغۇن دەپ ئاتلىدىغان تاغ باغرىدىكى كەڭرى كەتكەن بوز يەرنى دۆلەت مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئېچىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان. مەمەتتوختى ئاكا ئۆزى ئىككى دېھقان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچقان 150 مو يەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇنى ئەتراپنى ئىگىلىۋالغان خىتاي كۈچمەنلىرىدىن پۇلغا سېتىۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۇ سۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىكارنىڭ ئورنىدا، يەنى بىرقانچە مىڭ مو يەرنى سۇغۇرۇش ۋە بىرقانچە شېغىل زاۋۇتىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسى 3000 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان. شېغىل زاۋۇتى قۇرغان خىتايلار، ئادەتتە يۇندا ئورنىدا ئېقىتىۋېتىدىغان سۈيىنى مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە ھەر ئالتە ئايلىقى ئۈچۈن 3 مىڭ يۈەنگە ساتقان.

مەمەتتوختى ئاكىنىڭ بايقىشىچە، توققۇزاقتىكى سايلىق ۋە دۆڭلۈكلەرنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان خىتاي كۆچمەنلىرى توققۇزاقتا يېزا ۋە ناھىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەر دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ياكى شېرىكلىرى بولۇپ، بۇلار يەرگە پۇل تاپشۇرمىغاندىن باشقا، ھەر يىللىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جىددىي مەزگىللىرىدە، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۆز يەرلىرىگە ھەقسىز ھالدا ئىشلەتكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا ياكى ئاچقان بوز يېرىگە نېمە تېرىش ياكى نېمە ئۆستۈرۈش ھەققىدە قارار بېرىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتقان. ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە ئۆز ماھارىتىگە قاراپ تۇرۇپ، خالىغىنىنى تېرىغان ۋە خالىغىنىنى ئۆستۈرگەن. مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ بىر ئوغلى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدىكى بۇ ھەق-ھوقۇق پەرقى ھەققىدە بىر يېزا كادىرىدىن سوئال سوراپ قويغىنى ئۈچۈن، ساقچىخانانىغا چاقىرتىلىپ، بىرقانچە كۈن سوراققا تارتىلغان. مەمەتتوختى ئاكا بىر قېتىم بىر كەنت سېكرىتارى بىر خىتاي كۆچمەن تېرىغان كېۋەزلىككە يەرلىك ئاھالىلەرنى ۋاقتىدا ياردەمگە ئېلىپ چىقمىغانلىقى ئۈچۈن بىر خىتاي ئەمەلدارىدىن قاتتىق تەنبىھ ئىشتىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان.

مەمەتوختى ئاكىنىڭ دېيىشىچە، يەرلىك ئاھلىلەر يېقىنقى يىللاردا ئىككى بېلىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى بوز يەرلەرنى ئېچىشقا ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىدەك ئىگىلىك تىكلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما يېزىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىشلەر، بايراق چىقىرىشلار ۋە يوقىلاڭ سەۋەبلەربىلەن ساقچىخانىغا ئەكىلىنىپ سوراق قىلىنىشلار ياكى سولاپ قويۇلۇشلار، ئۇلارنىڭ ئەزەلدىنلا چەكلىك بولغان كۈچىنى تېخىمۇ خواتقان ۋە ئىشىنى ئىلگىرى باستۇرمىغان. 2017-يىلىغا كەلگەندە يەرلىك ئاھلىلەرنىڭ ئەنە شۇ تىرىشىپ-تىرمىشىپ تىرىكچىلىك قىلىشلىرىمۇ ئارتۇقچە ۋە ياكى «دۆلەتكە تەھدىت» دەپ قارىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاگېرغا ئەكىتىلگەن. شۇ قاتاردا مەمەتتوختى ئاكىنىڭ ئىككى شېرىكىمۇ غايىپ بولغان. مەمەتتوختى ئاكا 10 يىللىق ئەجرى بىلەن كۆكەرتكەن 150 مۇ بوز يېرىنى تەرك ئېتىپ، يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنى مەدىكارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتەك ئەھۋاللار غۇلجانىڭ بايكۆل، نوغايتۇ ۋە دادامتۇ قاتارلىق يېزىلىرىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.