ئۇيغۇر تائاملىرى تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكىلىكى، قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل مىللەتلەر ئارىسىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاچقان ئۇيغۇر تائاملىرى ئاشخانىسىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.
بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن قاسىمجان ھەمرايېۋ ئەپەندى كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن خىتايدىن قېچىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى قىرغىزىستان تەۋەسىگە يەرلەشكەن. ئۇ 2016-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەن بولۇپ، ھازىر چىكاگودا «كافې ئەلف» يەنى «ئەلف قەھۋەخانىسى» نامىدا ئۇيغۇر تائاملىرى ئاشخانىسى ئاچقان. قاسىمجان ئەپەندى ئاشخانىسىدا خىرىدارلىرىغا پەقەت ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنىمۇ ئاڭلىتىپ كەلگەن.

قاسىمجان ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئاشخانىنى ئائىلە ئەزالىرى بىرلىشىپ ئاچقان بولۇپ، ئۆي تائاملىرى تەمىدە چىقارغان بارلىق تائاملىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاشخانىسغا كەلگەن خىرىدارلارغا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەززىلىك ۋە ئۆزگىچە تەرەپلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ يەنە ئاشخانىسىغا كەلگەن خىرىدارلار بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇپ ئۆتكەن بەزى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئاڭلاتتى.

قاسىمجان ئەپەندى كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. دەرۋەقە، يېرىم ئەسىرىدىن كېيىن يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ ئېغىر پاجىئەگە دۇچار بولغانلىقىنى كۆرۈش، ئۇنى قاتتىق ئازابلىغان. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئائىلىسى بىلەن مەززىلىك تائاملاردىن ھوزۇرلىنىپ، ئۆز مەدەنىيىتى بويىچە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق مارىيە مۇھەممەت خانىمنىڭ يولدىشى سادىر ئەلى، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يولدىشى 2019-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. مارىيە مۇھەممەت خانىم، 2015-يىلى ئامېرىكاغا يەرلەشكەن بولۇپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ «يىپەك يولى ئۇيغۇر تائاملىرى» ئاشخانىسىنى ئاچقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى ئۇنىڭ ئاشخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولغان.

مارىيە خانىم ئاشخانىسىنى قويۇق ئۇيغۇر تۈسىگە ئىگە قىلىپ بېزەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ بۇ ئاشخانىسىنى خىرىدارلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ تەملىك تائاملىرىنىلا تونۇشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە ئائىلىسنىڭ بېىشغا كەلگەن ئېغىر زۇلۇمنى ئاڭلىتىشتىكى سەھنە، دەپ قارىغان. مارىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يولدىشىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش جەرياندا، ئۇنىڭ قىزى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ مەسىلىنى قانۇنىي يول بىلەن بىرتەرەپ قىلغان.
مارىيە خانىم زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىردا ئۆزىنىڭ ۋەتەن ۋە خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ غەيرەت قىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ھۇجۇملىرىدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر خەلقى ئېغىر كۈنلەردە قالغان بۇ پەۋقۇلئاددە مەزگىللەردە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەركىم ئۆزى قىلالايدىغان ساھەلەر بويىچە ئىش قىلىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق مىللىتىگە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەر-تىجارەتچىلارمۇ ئاز ئەمەس.
ئامېرىكانىڭ كوننېكتىكۇت شىتاتىغا جايلاشقان «ماركوپولو» نامىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسى، دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان يېل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرنىڭ بىرى.

مەزكۇر ئاشخانىنىڭ خوجايىنى غەيرەت روزى ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاشخانىسىنىڭ تاماقلىرىنىڭ تەملىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تاماق تىزىملىكىدىكى تۈرلەرگە خىتايچە سۆزلەرنىڭ كېرىپ قالماسلىقىغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ يەنە ئاشخانىسىغا «ماركوپولو» دېگەن نامنى قويۇش توغرىلىق توختىلىپ، بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يېل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوخشىمىغان ئىنستىتۇتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ھەققىدە كۆپ قېتىم لىكىسىيە بېرىشكە تەكلىپ قېلىنغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئارىسىدا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىغا كېلىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرىدىغان ۋە ئىجىتىمائىي تارتقۇلاردا ھۇجۇم قىلىدىغان خىتايلارمۇ پەيدا بولغان.

غەيرەت روزى ئەپەندى ئاخىرىدا ئاشخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارىتىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلسىنى تونۇتۇش جەريانىدا، ھەر خىل شەكىلدىكى بىخەتەرلىك مەسلىلىرىگە يولۇققاندا، چوقۇم قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇر تائاملىرىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشغا ئەگىشىپ، مەتبۇئاتلاردىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرى، بولۇپمۇ لەغمەن كۆپ تونۇشتۇرۇلماقتا. گېرمانىيە BR تېلېۋىزىيە قانىلى 2016-يىلى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىشلىگەن «يىپەك يولىدىن ميۇنخېنغا قەدەر» ناملىق فىلىمىدا گىرمانىيەدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانىنى زىيارەت قىلىپ، مەخسۇس لەغمەن ھەققىدە توختالغان.

تۈركىيەنىڭ داڭلىق تاماق پروگراممىسى رىياسەتچىسى مەمەت ياشىن ئەپەندى «CNN تۈرك تېلېۋىزىيىسى» نىڭ 2011-يىلى 5-ئايدا ئىشلىگەن «لەززەت بېكىتى» ناملىق پروگراممىسىدا «سەيياھ ماركوپولو شەرقىي تۈركىستاننى ساياھەت قىلغاندا لەغمەننى كۆرگەن. ئۇ ئىتالىيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تاماق تۈرى بولغان ماكورىنى چۆپى ئوتتۇرىغا چىققان» دەپ ئېيتقان.
ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە يېزىلغان ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تائاملىرى چوڭ جەھەتتىن 50 خىلدىن، ئۇششاق تۈرلەرگە بۆلۈنگەندە 1000 خىلدىن ئاشىدىكەن. يۇقىرىقى ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ بايانلىرىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئۇيغۇر تائاملىرى پەقەت «تائاملىق» ۋەزىپىسىنى ئۆتەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسنى ئاڭلىتىشتىكى «سەھنە» گە ئايلانغان.