تارىختىن بۈگۈنگە ئۇيغۇرلۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2019.05.10
Turpan-qedimqi-Uyghur-tilidiki-Mani-dini.jpg گېرمان ئېكسپېدىتسىيەچىلىرى تۇرپاندىن قېزىۋالغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مانى دىنى راھىبلىرىغا دائىر مىنىياتۇرا ۋەسىقە (مەنبە:Albert von Lecoq, Qotscho, 1913)
RFA/Qutlan

بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يېزىشىچە، مىلادىدىن 300 يىللار بۇرۇن جاھاندا يېڭىلمەس ئاتالغان ئالېكساندىر ماكېدونىسكى تەڭرىتاغلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇردىن يېڭىلگەن، ئۇ «ئالتۇن قان» دىكى ئۇرۇشتا ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى «باشقىلارغا موھتاج بولمايدىغان، ئوقنى ئالدىچىلاپ قانداق ئاتسا، كەينىچىلەپمۇ شۇنداق ئاتىدىغان مۇستەقىل، پاراسەتلىك ۋە باتۇر خەلق» دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن.

خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغان ئەجدادلىرىمىز ئوردا تارىخچىلىرىغا ئىسمىنى خىتايچە «لاچىندەك ھۆر پەرۋاز قىلىدىغان» دېگەن خەتلەر بىلەن يازدۇرغان. بۇ چاغدا ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنىڭ خىتايچە يېزىلىشى ئەسلى ئاھاڭغا ئەڭ يېقىن كەلگەن ۋە مەنىسىدە بىر ئەركىنلىك ئۇقۇمى گەۋدىلەنگەن.

چىڭگىزخان جاھان سورىغان مەزگىلدە ئۇيغۇرنىڭ ھەرپلىك يېزىقى جاھانشۇمۇل بۇ ئىمپېرىيەنىڭ يېزىقىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرچە يېزىق شەرقتە كورىيەدىن غەربتە رۇمغىچە يېتىپ بارغان. بۇ مەزگىلدە خىتاي مىرزا ئەزەملەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى خىتايچە ئۈچ خەت بىلەن ئەسلىگە تېخىمۇ يېقىن يېزىشنى ئۆگەنگەن. ھازىر خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا جايلاشقان ئۇيغۇر بەگلەر مەھەللىسى دېگەن ئىسىمدا شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خىتايچە خەت ھېلىمۇ مەۋجۇت. خىتاينىڭ موڭغۇللارنى قۇرۇتۇپ قۇرغان مىڭ سۇلالىسى تارىخنامىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر دېگەن نام ئۈچ خەتلىك يېزىلغان. شۇ دەۋردە تۈزۈلگەن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» دىن قارىغاندا، ئۇيغۇر تىلى خىتاي ئوردىسى ئۈچۈن ئۆگەنمىسە بولمايدىغان بىر تىل بولغانلىقى ئېنىق.

خىتايغا ئىسلام ئۇيغۇرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تونۇتۇلغان بولغاچقا خىتايچىدا بۇ دىن ئۇيغۇرنىڭ دىنى دەپ ئاتالغان ۋە ئۇيغۇر دېگەن سۆز بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئىسىم قويۇلغان ئىدى. ئىسلام دىنى تەيۋەندە ھازىرمۇ شۇ «ئۇيغۇر دىنى» دېگەن مەنىدىكى سۆز بىلەن قوللىنىلماقتا.

ۋەھالەنكى، مانجۇلار خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە قۇرۇپ چىققان چىڭ ئىمپىرىيەسى زامانىدا تارىخنىڭ ئويۇنلىرىغا رەڭ تەڭشەيدىغان خىتاي تەزكىرىچىلىرى ئۇيغۇر نامىنى «مۇسۇلمان» دەپلا يېزىشقا باشلىدى. ۋاقىت ئۆتكەنچە ئۇيغۇرنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغان خىتاي تىللىقلاردىن بىزنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بىزنى «چەنتۇ»، يەنى «سەللىلىك مۇسۇلمان» دەپ پۈتۈكلەرگە قوندۇردى. بۇ ئۇنۇتۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولدى. خۇددى خىتاي 1956-يىلدىن كېيىن يۇرت-ئايماقلىرىمىزنى گۇڭشې، دادۈي، شودۈي دېگەن ناملار بىلەن ئاتاپ، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئۇنتۇلدۇرغاندەك تارىختىمۇ مىللەت نامىمىزنى شۇنداق ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى. بىز شۇندىن كېيىن «سەللىلىك مۇسۇلمان»، يەنى «چەنتو» بولۇپ قالغان ئىدۇق.

ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئاۋۋال ئۇنتۇلدۇرۇلغان، ئاندىن ئۇنتۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئۆز ئىچىدە بىر بىرىگە خوتەنلىك، قەشقەرلىك، قۇمۇللۇق دېسە، خىتاينى كۆرگەندە «چەنتۇ»، ئورۇسنى كۆرگەندە «مۇسۇلمان» دەپ بىلەتتى. ئېيتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1950-يىللاردا بىر ئىستاتېستىكا قىلغان بولۇپ، ئاھالىنىڭ بەلگىلىك پىرسەنتى ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەپلا خەتلەتكەن ئىكەن.

1955-يىلى خىتاي دىيارىمىزدا ئاپتونوم رايون قۇرۇشنى قارار قىلغاندا خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ چاغدىكى ئويغاق سەرخىللار «ئاپتونومىيە دېگەن تاغ دەريالارغا بېرىلمەيدۇ، بەلكى مىللەتكە بېرىلىدۇ» دەپ چىڭ تۇرۇپ ئۇيغۇرنى قوشقۇزغان. ئەمما بۇ مەردانىلەر 1958-يىلدىكى يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى بوراندا ئۈجمىدەك تۆكۈلۈپ كەتكەن.

تەڭرىتاغلىرى، ئىلى بويلىرى ۋە تارىم قىرغاقلىرىنى ۋەتەن تۇتقان بىر مىللەتنىڭ ئىسمىنى تولۇق ئاتاش ۋە ئۇلارنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى، زېمىندارلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى كوممۇنىست خىتاي 30 مىڭ كىشىلىك مىللىي ئارمىيىنىڭ سۈرىسىز تەن ئالغان ئەمەس. 1759-يىلدىن كېيىنكى تارىختا تۇنجى قېتىم خىتايغا بۇ زېمىننى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگۈزۈش ئۇنچە ئاسان بولغان ئەمەس. ئىگىدارلىق چاقناپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى ھۆججەتلەرگە، قانۇنلارغا ۋە پەرمانلارغا يازغۇزۇش ئۈچۈن يۈزلىگەن كىشى تۈرمىلەردە «يەرلىك مىللەتچى» ئاتىلىپ جان بەردى. ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئاتىلىشى ۋە زېمىندارلىق ھوقۇقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بالقىشىغا خىتاي ھېچ قاچان تەن بەرگەن ئەمەس. خىتايلار دائىم زېمىنىمىزنى «ئاپتونوم رايون»، كىملىكىمىزنى «ئازسانلىق مىللەت»، «مىللىي» دەپ قىسقارتىپ، ئۇيغۇرنى ئىزچىل «ئۇنتۇپ» كەلدى.

ئۇيغۇرنى ئۇنتۇلدۇرۇش بورىنى بۇرۇن بېيجىڭدىكى كوھىقاپتىن چىققان بولسا، 1995-يىلدىن كېيىن تەكلىماكاننىڭ باغرىدىن ھۇشقۇيتتى. بىر خانىقا تەلۋىلەر «بىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ» دېگەن سەپسەتە بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ناركوز قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار «ئىسلامدا ئىككىلا مىللەت بار» دېيىشىپ، كىشىلەرنى قارىمۇ قارشى سەپلەرگە ئايرىدى، مەسچىتلەر ۋە جامائەتلەر ئىككى قاشقا بۆلۈندى. ئۆزىنى «ئۇيغۇر ئەمەس»، بەلكى «مۇسۇلمان» دېيىشنى تەرغىب قىلىدىغانلارنىڭ بىر قىسمى ئوت قويۇپ بېرىپ، قېچىپ قاچۇرۇپ تۈركىيە، ئافغان تاغلىرى ۋە ئەرەب چۆللىرىگە ھىجرەتچىلەرنى باشلاپ كەتتى. ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان»، «بۇ زېمىننىڭ مىراسخورى»، «ئۇيغۇرلۇقنىڭ ۋارىسى» دەيدىغان كىشىلەر قاماقلارغا مەھكۇم بولدى، ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈپ يالقۇنغا تۇتۇرۇق بولدى.

2018-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى تارىختىن ئۆچۈرۈلۈش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. خىتاي ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى، روھىنىلا ئەمەس بەلكى جىسمىنىمۇ ئۆز ۋەتىنىدىن كۆچۈرۈپ، ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى. ھازىر ۋەتەندە ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاش ئىمكانسىز بىر ھالغا كەلدى. سىياسەتتىن خالى ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئاقىۋىتى مەھبۇسلۇق بولدى، پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانداش ھالدا ئۇيغۇرلۇقتا ياشاش «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئاتالدى. خىتاي ئۇيغۇرنى يوقىتىپلا بولدى قىلماقچى ئەمەس، ئۇلار بىزنى ئۆزلىرىدەك خىتايلا ئەمەس ئۆزلىرىدىنمۇ مۇكەممەل خىتاي، ئەسەبىي، ئەنئەنىۋى خىتاي قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا خىتايلار بىزگە ئۆزى كىيمەيدىغان خىتايچە ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ئۆزلىرى ئوينىمايدىغان ئۇسۇللىرىنى ئوينىتىپ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈپ بالىلىرىمىزنى ئاتا-ئانىسىز مۇھىتتا ئۆزلىرىمۇ ئۆگەنمەيدىغان چاڭچىلىگە ماھىل، كونا دەستۇرلىرىغا پۇختا قەدىمىكى خىتايلارنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلىش ئۈچۈن دەرسخانىلاردا كوڭزى ئەقىدىلىرىنى يادىلاتماقتا.

ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۇنيانى ئاتقا مىندۈرۈپ، ئىشتان كىيدۈرۈپ، ئۇزۇن چاقلىق ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزغان، ئىنسانغا مەتبەئەدە خەت بېسىشنى ئۆگىتىپ مەدەنىيەتكە باشلاپ كىرگەن بىر ئىلغارلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. ئۇيغۇرلۇق بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ كىملىكى، ئۇ دۇنياغا مەشھۇر ئالېكساندىر ماكېدونىسكى ھەۋەس قىلغان جەسۇرلۇق، ئاقىللىق، مۇستەقىللىقنى بەلگە قىلغان مىللىي خاراكتېر. ئۇيغۇرلۇق بوۋىلىرىمىز قوغلاشقان ھۆرلۈكنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىشى. ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى زامانىدا ئۇيغۇرلۇق ئۇيۇشۇشنىڭ، ھەمكارلىقنىڭ، بىرلىكنىڭ ئاتلىشى بولغان. سۇتۇق بۇغراخاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلۇق ئىمانغا ئۇيۇشۇپ، ئەقىلگە ئۇيغۇنلاشماق، پەنگە، سەنئەتكە، تەرەققىياتقا ماسلاشماق دېگەن مەنىنى چاقناتقان. ئۇيغۇرلۇق جاھاننى تىترەتكەن چىڭگىزخان قول قويغان بىر مەدەنىيەتنىڭ، ئۇيغارلىقنىڭ ئىسمى ئىدى. چىڭگىزخان قىلىچ بىلەن، زوراۋانلىق بىلەن ئالغان، بۇزغان ئالەمنى ئالىم-باخشى بوۋىلىرىمىز قەلەم، قانۇن ۋە مەدەنىيەت بىلەن تۈزەپ تەرتىپكە كىرگۈزگەن. ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلۇق ئىسلام، خرىستىئان، بۇددا، مانى ۋە شامان قاتارلىق دىنلارنى باغىرىغا بېسىپ، ئىنسانىيەتكە بىرلىك، باراۋەرلىك، جەملىك، ھەمدەملىكتە ئورتاقلىشىپ ياشاشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان.

ئۇيغۇرلۇقنىڭ يوقىتىلىشى بىر مەدەنىيلىك، بىر ئۇيغارلىقنىڭ بەربات قىلىنىشى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بەدىلىگە بىر بەدەۋىلىك، زوراۋانلىق، قەبىھلىك ۋە قاباھەتنى قورۇپ چىقىدۇ. زۇلۇمدا لېۋىنى چىشلەپ ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئىنسان، جاندىن تويغان بومبىلارغا ئايلىنىدۇ. ئاتا-ئانىسىز تىرىك يېتىم بولۇپ زار-زار قاقشاپ، مېھىرسىز، مۇھەببەتسىز چوڭ بولۇۋاتقان مىليونلىغان بالىلار كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى نەپرەتلىك بىر زوراۋان قوشۇنغا ئايلىنىدۇ. ئۇيغۇرلۇقنىڭ زاۋالىغا ئۈنسىز قالغان دۇنيا ھامان بىر كۈنى بۇ سۈكۈتنى ساراڭلىقى، تەلۋىلىكى ۋە زوراۋانلىقى بىلەن بۇزۇپ تاشلايدىغان بىر توپنىڭ پارتىلىشىغا شاھىت بولىدۇ.

(بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.