ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنىڭ كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكى بارغانچە ئىسپاتلىنىپ، يېقىنقى20، 30 يىل مابەينىدە خەلقئارادىمۇ ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغانىدى.
خەلقئارا بازاردىكى تېبابەت دورا بازىرى سودا ئېھتىياجى ۋە دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى بايقاپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق تۈرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق مەبلەغ سېلىش ۋە ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» 1-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنى داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە باشلىغان. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى 5 مىللىي تېبابەت دورىسىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى داۋالاش تۈرلىرى مۇندەرىجىسى، دورا تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىققان؛ بۇنىڭ ئىچىدە بەش مىللىي تېبابەت دورىسى، 44 داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دورىلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.
خەۋەردە يەنە، بۇ قېتىم مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى سۇغۇرتىغا كىرگۈزۈشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي تېبابىتى دورىگەرلىكى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللاش ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى تەخمىنەن 600 مىليون يۈەن تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، سۇغۇرتىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ قايسى دورىلار ئىكەنلىكى شەرھلەنمىگەن.
بىز بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى، يەرلىك مىللىي دورىلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، بىر خىتاي خادىم تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلارنىڭ ئىسىملىرى بەك مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئېسىدە تۇتالمىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
خىتايچە مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىل «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، ھەر يىلى دېگۈدەك دەلىللىنىپ ماقۇللانغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىنىپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قەدەر كەسىپلەشكەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى دوكتور خالمۇرات غوپۇر باشچىلىقىدا 2001-يىلى قۇرۇلغانىدى. بۇ شىركەت بازارغا سېلىپ ئۈنۈم ياراتقان دورىلاردىن زۇكام كۇمىلىچى گەرچە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئىناۋىتى ئېشىپ مېڭىۋاتقان پەيتتە، خالمۇرات غۇپۇر2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ شىركىتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانىدى.
دوكتور خالمۇرات غوپۇر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، 2019-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان زۇكام كۇمىلىچىنىڭ سېتىلىشى خىتاينىڭ ئېغىز بوشلۇقى پاتېنتلىق دورا مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە 11-ئورۇنغا تىزىلغان.
ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، -2016 يىلىدىن بۇيان ناھەق جازالانغان، لاگېرلارغا قامالغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى دوكتور خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سەرخىللار، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۇستا تېۋىپ ۋە دورىگەرلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
2022-يىلى-24 يانۋار، «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى دورا سانائىتىنىڭ سېتىش كىرىمى 2021-يىلى تەخمىنەن 8 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان. ھازىر رايوندا 64 دورا سانائىتى شىركىتى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2021-يىلى سېتىش كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 12 شىركەت، سېتىلىش مىقدارى 500 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 3 شىركەت بار ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى «جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خەزىنىسى، مىللىي تېبابەتچىلىك بۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى» دېگەن شوئار بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇيغۇر تېبابەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تارىخىي ماتېرىياللار، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇنىڭ تارىخىي مەنبەسىنىڭ 4000 يىللارغا بارىدىغانلىقىنى، خىتاي تېبابىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم 2010-يىلىدىن باشلاپ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2010-يىلى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا 4 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، شۇ يىل ئاخىرغىچە، 40 قا يېقىن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارغان.
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تېبابەت ۋەخپىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى باشقىلارغا تونۇتۇشتا ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان پىروفېسسور مۇتەللىپ ھاجىم ئەمچىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر تۈرلۈك توسقۇنلۇق ۋە قىيىنچىلىققا قارىماي ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تېۋىپ ۋە دورىگەرلەر، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنىكەن. ئىلگىرى سۇغۇرتىغا كىرگۈزۈش تەس بولغان ئۇيغۇر دورىلىرىنىڭ ئەمدى خىتايلارنىڭ قولىدا ھۆكۈمەت ئاتچوت قىلىدىغان دورىلار قاتارىغا كىرىشى بۇ دورىلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە سانائەتلەشتۈرۈلۈشى ۋە تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
2023-يىلدىكى خىتاي مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاي سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئىچكى موڭغۇلىيە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ رۈيشيا «مىللىي دورىلارنى دۆلەتلىك داۋالاش سۇغۇرتا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ» نى سۇنغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۆزگىچە داۋالاش ئۈنۈمى بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك مىللىي دورىلار دۆلەتنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەچكە، پۇقرالار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشتا جۇغراپىيەلىك چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مىللىي دورىلارنى سېتىۋالغاندا، قولدا ئىشلەنگەن بۇ دورىلارنىڭ تەننەرخى ۋە باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۇنىڭ بازار تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ.
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىكى ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي دورىلىرى ۋە ياكى ھەر قانداق دورىنى دۆلەتلىك دورا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، كىلىنىكىدا ئىسپاتلانغان بىر قانچە ھەتتا بىر قانچە ئون يىللىق، ئەمەلىي تەجرىبە ۋە دىياگنوز قويۇش جەريانلىرى بولۇشى شەرت ئىكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنى سۇغۇرتىغا كىرگۈزگۈدەك دەرىجىگە ئېلىپ كېلىشتە، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسېپلاردىن ياسالغانلىقى، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بۇنىڭ بازار قىممىتىنى بايقىغانلىقى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىشى ئاساسلىق رول ئوينىغان. دوكتور مايسەم مۇتەللىپ بۇ ئىشتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولى بارلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى كونكرېت دورا تەجرىبىلىرى ئۈچۈن خۇددى تەجرىبە چاشقانلىرىدەك قوللانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مايسەم خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا كىرگۈزۈلۈشى مىللىي تېبابەتچىلىك كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىجىل، مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتىنى كۆرسىتىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ بارغانچە چەتئەللەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىنىشتىن بېشارەت بېرىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ پاتېنت ھوقۇقى پۈتۈنلەي خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ پايدىسى ۋە شۆھرىتىدىنمۇ مەھرۇم قالماقتا ئىكەن.
دۇنيادا ھازىر يېشىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە دورىلارغا بولغان ئېھتىياج يۇقىرى بولماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدا دەل بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن؛ خام ئەشيا، پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇل تېخنىكىلىرى پۈتۈنلەي يېشىللىق ئۆلچىمىگە ماس بولغاچقا، پەقەتلا ئەكس تەسىرى يوق، بۇ ئۇيغۇر تېبابەتنىڭ ھەقىقىي كۈچى. دېمەك دورا تۈرىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ، بازار تېپىش ئېھتىمالى زور. مانا بۇ دەل خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىغا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن.