جوئاننې سىمىس: «ئۇيغۇرلار ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىقنىڭ تەجرىبە ماتېرىيالى بولۇۋاتىدۇ!»

0:00 / 0:00

ياۋروپادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردىن بولغان «ئوتتۇرا ئاسىياغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 2019-يىللىق 1-سانى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىنغان بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇلار ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىخەتەرلىك» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قاتار سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىگە بۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەھلىللەر بىرقەدەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەنگلىيەدىكى نېۋكاسل (يېڭى قەلئە) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس جوئاننې سىمىس (Dr. Joanne Smith Finley) بولسا بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىگە باغلىغان ھالدا چۈشەندۈرىدۇ.

دوكتور جوئاننېنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قاتار سىياسەتلىرىگە ئومۇمىي نەزەر سالغاندا بۇلارنى 2008-يىلىنى بەلگە قىلغان ھالدا روشەن بولغان بىرنەچچە باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدىكەن. بۇ ۋاقىتلار بىر ياقتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزى قىسمەن ئىجتىمائىي كىرىسىزلارغا دۇچ كېلىۋاتقان، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر دىيارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئۆتەر يولى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ مەزگىلدە خىتاي كومپارتىيەسى ھەممىنى قايىل قىلغۇدەك بىر دۆلەت ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىقالمايۋاتقان بولغاچقا بۇ خىل چوڭ ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنكاسى باشقىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.

بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا دوكتور جوئاننې خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئاچقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ياكى ئىدېئولوگىيەلىك بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى 2008-يىلىلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. شۇ ۋاقىتتا خۇ جىنتاۋنىڭ ‹ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ۋە ئوخشىمىغان تەبىقىلەردىكى نارازىلىقلارنى تۈگىتىش ئارقىلىق ئورتاق گۈللىنىش ۋەزىيىتى بەرپا قىلىش› نەزەرىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ چەكلىك ئۈنۈم يارىتىشقىلا يارىغانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆسۈش ۋەزىيىتىدە توختاپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ خىل ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى. دەل ئەنە شۇ مەزگىللەردە كۆرۈلگەن 2008-يىلىدىكى لاسا ۋەقەسى ۋە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەندىشە تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تايىنىپلا غەربتىكى چېگرا رايونلارنى ئەمىن تاپقۇزالمايدىغانلىقى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ئەنە شۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك ‹شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى› نى ئاچتى ھەمدە مۇشۇ يىغىندا ‹ئۇزاق مەزگىللىك ئىدارە قىلىش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك بەرپا قىلىش› نى بۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشانى قىلىشنى بېكىتتى. بۇ شىنجاڭدىكى ئومۇمىي سىياسىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش، ‹ئىدىيەۋى خىزمەت› نى مەركەز قىلغان ھالدا ‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى ۋە ساداقەت قارىشىنى تەرتىپكە سېلىش›نىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.»

دوكتور جوئاننېنىڭ پىكرىچە، شۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشنىڭ دەسلەپكى ئۇلى سېلىنغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي دۆلىتى «خەلقئارا ئىسلام تېررورلۇقى» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چوڭ خەۋپ بولغان ئامىل، دەپ قارىغان. ئۇلار بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىب سۈپىتىدە «ئۈچ خىل كۈچلەر» باشچىلىقىدىكى «ئەسەبىيلىك» ئامىلىنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» گە مەنبە بولغانلىقىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىققان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «2014-يىلىدىكى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ‹شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى› دا ‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات› سىياسەت رامكىسىدىن چىقىرىۋېتىلدى ھەمدە ‹ئەبەدىي ئەمىنلىك بەرپا قىلىش› قا يانداشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق› تېمىسى سەپلەندى. بۇنىڭ بىلەن 2016-يىلى ‹مۇقىملىقنى قوغداش› سىياسىتى چېن چۈەنگونىڭ بۇ رايوندىكى يېڭى پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلىنىشى بىلەن رەسمىي ئىجرا بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بىز ئىدېئولوگىيەلىك خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ كۈچىيىپ ماڭغانلىقىنى، جۈملىدىن ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› ۋە ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› ياكى ‹ئەسەبىي بولغان دىنىي ئىدىيەلەرنى تازىلاش› نىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. 2017-يىلى مارتتا ‹ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى›نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خىتاي دۆلىتى ‹دىنىي ئەسەبىيلىك بىر تۈرلۈك زەھەرلىك ۋىرۇس ياكى خۇمار› دەپ خۇلاسە چىقاردى. بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتىدە بولسا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىسلامىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى قانۇنسىز پائالىيەتلەر قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىنىشقا باشلىدى. ھالبۇكى بۇ پائالىيەتلەر ھەممىگە ئورتاق بولغان تىنچلىق شەكلىدىكى پائالىيەتلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى مۇشۇ يوسۇندا جەمئىيەت ئۈچۈن بىئولوگىيەلىك تەھدىت، دەپ قارىلىشقا باشلىدى.»

«ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا بۇ ھەرىكەتنى قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋالغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى كۆپلىگەن ھادىسىلەرنى «ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ چىققان. شۇنىڭدەك بۇ ھالنى «ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى كېسەللىك» دەپ ئاتاپ، ئۇنى تېزدىن «داۋالاش» كېرەكلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان. ئەنە شۇ خىل «ئېھتىياج» تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى ئەڭ دەسلەپكى لاگېرلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

جوئاننېنىڭ پىكرىچە، ئىشلار «ئەسەبىيلىك» بىلەن «يۇقۇملىنىپ قالغان» ئۇيغۇرلارنى «ئىدېئولوگىيەلىك كېسەل» نى داۋالايدىغان جايغا ئاپىرىپ قويۇش بىلەنلا تۈگىمىگەن. ئەكسىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ يادرولۇق قىسمى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ پۇقرالىرىدىن ئۇلارنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇماسلىق ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنى ھىمايە قىلىش تەلەپ قىلىنغان. ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى بولسا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى كومپارتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغىنى دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بولدى. بۇنىڭدا خىتاي دۆلىتى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتچىلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ۋە كومپارتىيەگە سادىق بولۇش لازىملىقىنى ئۇلارنىڭ يادىغا سېلىپ تۇرۇشنى ئىستىگەن ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيەسى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتچىلىرىنىڭ خۇدانى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، كومپارتىيەگە ئىشىنىشىنى، كومپارتىيەگە ئەگىشىشىنى ھەمدە كومپارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. بۇ ھال يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۈچۈنلا شۇنداق بولۇپ قالماستىن، يەنە خرىستىئان گۇرۇپپىلىرى، كەيفېڭدىكى خىتاي يەھۇدىيلىرى، شاۋلىن بۇددىزىمىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگىلا تەتبىقلاندى. مەسىلەن ئالساق، تېخى يېقىندا خىتاي ئەمەلدارلىرى مەلۇم بىر جايدىكى خرىستىئانلار جامەسىنى چېركاۋنىڭ تېمىغا ئويۇۋېتىلگەن مۇقەددەس ئون پەرمان (ھۆكۈم) نىڭ بىرىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇغان. تامدىن قومۇرۇۋېتىلگەن بۇ پەرمان ‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر› دېگەن ماددا ئىكەن. بۇ خىلدىكى تىپىك مىساللاردىن يەنە بىرى قاتارىدا ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مەسچىتلەرنىڭ پەشتاقلىرىغا ئېسىلغان ‹دۆلەتنى سۆيەيلى، دىننى سۆيەيلى› دېگەن شوئارلارنىڭ ئەمدىلىكتە ‹پارتىيەنى سۆيەيلى، دۆلەتنى سۆيەيلى› دېگەنگە ئالماشقانلىقىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ خىلدىكى ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىقتا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ پىكىر ئېقىملىرى ياكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى نەرسىلەر نارازىلىقنىڭ مەنبەسى، دەپ قارىلىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئويلاۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىلا خاتا، دەپ قارىلىپ، تۈزىتىش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقادنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسىنى ھەمدە شى جىنپىڭنى مەركەز قىلغان يېڭى «ئىلاھىي مەركەز» نى بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئەمما چەتئەللەردىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە دىنىي زاتلار «بۇ خىلدىكى ئۇرۇنۇش تارىختا ھېچقاچان ئۇتۇق قازىنالىغان ئەمەس» دەپ قارىماقتا ئىكەن.