23-ئۆكتەبىر ۋە 3-نويابىر كۈنلىرى ئارىلىقىدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە بوكس بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر قىزى ئەلانۇر تۇرغانوۋا 50 كىلوگراملىقلار بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئاسىيا چېمپىيونى بولدى.
مەزكۇر ئاسىيا مۇسابىقىسىگە دۇنيانىڭ 23 مەملىكىتىدىن 500 گە يېقىن تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئۇلار ئارىسىدا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ياپونىيە، خوڭكوڭ، جەنۇبىي كورېيە، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، ۋىيېتنام، تايلاند، ئىراق، كۇۋەيت، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆسمۈرلىرى ۋە ياشلىرى ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇر قىزى ئەلانۇر مانا مۇشۇ مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغانىدى.
ئاستانادا ئۆتكەن مەزكۇر خەلقئارالىق ياش-ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسى قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دىققەت مەركىزىگە ئىگە بولغان ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

قازاقىستاننىڭ تەنھەرىكەت بويىچە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىسى «سپورت» يېڭىلىقلار قانىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئاسىيا بويىچە ياشلار بوكس مۇسابىقىسىدە بەش قازاقىستانلىق قىز ئالتۇن مېدال ئۈچۈن تىرىشىدۇ» ناملىق ماقالىدە باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا ئەلانۇر تۇرغانوۋانىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
مۇسابىقە باشلىنىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ «ۋرېميا» گېزىتى «ياشلار كۆڭۈلنى قالدۇرمىدى» دېگەن ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىدە قازاقىستاننىڭ ياشلار كوماندىسى 15 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، بىرىنچى ئورۇننى ئالغان. ماقالىدە يەنە قازاقىستانلىق ياش بوكسچىلارنىڭ يۇقىرى ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
بىز ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قورام يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلانۇر تۇرغانوۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئاستانادا ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. 23 مەملىكەتتىن 520 تەنھەرىكەتچى كەلدى. مەن ئۈچ قېتىم يەكمۇيەك ئېلىشتىم. بىرىنچىسىدا كورېيە، ئىككىنچىسىدە خىتاي، ئۈچىنچىسى ھىندىستان قىزى بىلەن ئېلىشتىم. ماڭا يار-يۆلەك بولغان ترېنېرلىرىم ئاخمېتوف سەمەت، ئابدۇقادىروف زاكىر ۋە توختاخۇنوف ھېمىت ئاكىلىرىمغا كۆپ رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ. شۇنداقلا بوۋىلىرىم، مومىلىرىم، ئاتا-ئانامغا، ئۇستازلىرىمغا كۆپ رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ. شۇلارنىڭ دۇئالىرى ئارقىسىدا مەن بىرىنچىلىكنى ئېلىپ كەلدىم. ئەمدى ئالدىمىزدا دۇنيا مۇسابىقىسى كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. مەن سىلەرگە ۋەدە بېرىمەن. دۇنيا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئورۇننى ئالىمەن».

ئىگىلىشىمىزچە، 2006-يىلى قورام يېزىسىدا تۇغۇلغان ئەلانۇر تۇرغانوۋا ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى بوكس بويىچە بىر قانچىلىغان خەلقئارا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىنىڭ غالىبى ئىكەن. پەقەت يېزا جامائىتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئەلانۇرنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن مەغرۇرلانماقتا. بىز ئەنە شۇ قورام يېزىسىنىڭ چوڭ يىگىت بېشى قۇربانجان ئىسلاماف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىزنىڭ مەھەللىدە چوڭ خۇشاللىق. ئەلانۇر قىزىمىز ئاسىيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرىنچى ئورۇننى ئېلىپ كەلدى. ئۇ قىزىمىزنى بايرام قىلىپ، كۈتۈۋالدۇق. بىزنىڭ تىلەيدىغىنىمىز - شۇ قىزىمىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسۇن. شۇنداق ئۇتۇقلىرى بولۇۋەرسۇن. ئېگىز چوققىلاردىن كۆرەيلى. ئەمدى دۇنيا چېمپىيونى بولسۇن. بۇ قىزىمىز پۈتكۈل قازاقىستاننىڭ داڭقىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. پەخىرلىنىمىز.»
قورام يېزىلىق ھۆكۈمەت باشلىقى تۇرسىن ئېمېنبايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك تۇرغانوۋا ئەلانۇر پەرھات قىزى! بۇ ئاجايىپ غالىبنى چوڭ خۇشاللىق بىلەن پۈتكۈل يېزا بويىچە قارشى ئالدۇق. يېزا خەلقى ھەم شەخسەن ئۆزۈم نامىدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ قىزىمىزنىڭ چىداملىق، يۇقىرى دەرىجىدىكى چېۋەرلىك ۋە غەيرەت كۆرسىتىپ، ئاستانادىكى ئاسىيا مۇسابىقىسىدە بىزنىڭ ئېلىمىزنىڭ شۆھرىتىنى ئېگىز كۆتۈردى. يېڭى غەلىبىلەر ۋە ئۇتۇقلار تىلەيمەن. بۈگۈن ئالغان ئالتۇن مېدالغا مۇبارەك بولسۇن!»

قورام يېزىلىق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بېكتۇرسىن ئۇزاقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك يېزا تۇرغۇنلىرى، بىزدە چوڭ خۇشاللىق بولۇۋاتىدۇ. بارلىقىڭلارنى شۇ خۇشاللىق بىلەن تەبرىكلەيمەن! قىزىمىز ئەلانۇر تۇرغانوۋا چوڭ ئۇتۇققا يېتىپ، ئاسىيا چېمپىيونى بولۇپ، يېزىمىزغا كەلدى. ئۇنىڭ كۆكرىكىدىكى يوغان ئالتۇن تېخىمۇ پارقىراپ بىزنى خۇشال قىلدى، بىز قاتتىق خۇشال بولدۇق. كۆك بايرىقىمىزنى لەپىلدىتىپ، قازاقىستاننى دۇنياغا تونۇتتى. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ ئۇتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىمىزدا چوڭ توي بولۇۋاتىدۇ. قىزىمىزنىڭ باتۇرلۇقى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچىيىپ، ئۇنى چوڭ مۇسابىقىلەردە كۆرەيلى».
ئۇ يەنە ئەلانۇر تۇرغانوۋاغا بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇق قازىنىشنى تىلىدى.
ئەلەنۇر تۇرغانوۋا 2021-يىلى سېربىيەدە ئۆتكەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىگە قىزلاردىن قاتناشقان بىردىن-بىر قازاقىستانلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنىدى. ئەلەنۇرنىڭ بۇ ئۇتۇقى شۇ چاغدا قازاقىستانلىق بوكس ماھىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى.
قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىدىن تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە بىر قانچىلىغان تالانتلىق تەنھەرىكەتچىلەر يېتىشىپ چىققان. شاخناز ئىسايېۋا، رانو پەرھاتوۋا، ئادىلەم ھوشۇروۋا، گۈلمىنەم ئىمىنوۋا، ئامىنەم مەشۈروۋاغا ۋە باشقىلاردىن قازاقىستان چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.