قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدە جۇمھۇرىيەتلىك، ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بوكس، كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، چامباشچىلىق، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش ۋە باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا تورنىكتا ئېسىلىپ، ھەرىكەت قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق تەنھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىنمۇ دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چېمپيون بولغان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭمۇ چىقىۋاتقانلىقى ئېنىق.
يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېف شەھىرىدە ئۆتكەن «سترىتلىفتىنگ»، يەنى تورنىكتا تارتىلىش ۋە ئىككى قاتار چەڭزىدە ھەرىكەتلىشىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىگە قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭمۇ قاتنىشىپ، ياخشى كۆرسەتكۈچلەرگە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقاتقانىدى. ئۇكرائىنا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «ئۇكرائىنا كوچا ۋوركائۇتى» بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇسابىقىگە 15 مەملىكەتتىن ھەم ئۇكرائىنانىڭ 25 شەھىرىدىن بولۇپ، 300 دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقانىكەن.

ئەمدى قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى «تېڭرى نيۇس» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قازاقىستانلىقلار سترىتلىفتىنگ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە دۇنيا رېكورتلىرىنى يېڭىلىدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاندىن بۇ مۇسابىقىگە 11 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 8 نەپىرى چېمپيون بولغانكەن. شۇنىڭ بىلەن قازاقىستان كوماندىسى ئالغان مېداللىرى جەھەتتىن مۇسابىقىدە بىرىنچىلىكنى ئىگىلىگەن. دامىر نەبىيېف، ئىلدار ياغيايېف، ۋالىد گادجىبېكوف قاتارلىق دۇنيا رېكورتى يېڭىلىغان تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدە رامىل ئابلىزوف ۋە نائىل ئىمىنوف قاتارلىق ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. جۈملىدىن رامىل ئابلىزوف ئۆز سالماق دەرىجسىدە قوشۇمچە ئېغىرلىق ۋە يەنە 20 كىلوگرامم قوشۇپ ئىككى قولى بىلەن كۈچ كۆرسىتىش ئارقىلىق رېكورت يېڭىلىغان بولسا، 16 ياشقىچە بولغان 55 كىلوگرامملىق سالماق بىلەن ئىمىنوف نائىل ئىككى قاتار چەڭزىدە 151 قېتىم تارتىلىپ، دۇنيا دائىرىسىدە يېڭى كۆرسەتكۈچ نامايىش قىلغان.

بىز ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرىدىغان رامىل ئابلىزوف بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ «ۋوركائۇت» تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجىسىدە يەتكەن ئۇتۇقلىرىدىن خەۋەردار بولدۇق. ئۇنىڭدىن ئىگىلىشىمىزچە، رامىل ئابلىزوف داموللام ئوغلى 1999-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ تەنھەرىكەت بىلەن 2012-يىلدىن بۇيان شۇغۇللىنىۋاتقانىكەن. ئۇ تورنىكتا تارتىلىشنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، 2016-ۋە 2017-يىللىرى شەھەرلىك، جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەردە ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئىگىلىگەندى. تەنھەرىكەتنىڭ ۋوركائۇت تۈرىنىڭ قازاقىستاندا تاراپ، كۈچەيگىنىگىمۇ بىر نەچچە يىل بولغانىكەن.
رامىل ئابلىزوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرى بويىچە جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋاتقانلار ئىچىدىن ئۇيغۇرلاردىن ھازىرچە ئۆزىنىڭ يالغۇز بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ۋوركائۇت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 10 يىلدەك بولدى. 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە قازاقىستان چېمپيونى بولدۇم. 2021-يىلى قازاقتستان بويىچە مۇسابىقە بولمىدى. 2019-يىلى بىرىنچى قېتىم دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 3-ئورۇننى ئالدىم. 2020-يىلى ئۇكرائىنادا دۇنيا مۇسابىقىسىدە 2-ئورۇننى ئالسام، بۇ يىلى 1-ئورۇننى ئالدىم. قازاقىستاندىن 15 بالا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىككى ئۇيغۇر بالىسى، يەنى مەن ۋە مېنىڭ شاگىرتىم نائىل ئىمىنوف بولدى. ئۇ بىر يىل بۇرۇن مېنىڭدا مەشىقلىنىشكە باشلىدى. بىزنىڭ بۇ تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە مۇسابىقىدە ئونچە قاتناشقۇچى بولدى.»
رامىل ئابلىزوفنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇئەللىملەر بولۇپ، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق ئاردولاتا يېزىسىدىن ئىكەن. ئۇ ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدىكى «بانزاي» تەنھەرىكەت كۇلۇبىدا ۋوركائۇت بويىچە ترېنېرلىق قىلىپ كەلمەكتە.
رامىل ئابلىزوف يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقىگە فىرانسىيە، بېلگىيە، چېخىيە، بولغارىيە، چىلى، خىتاي، مولدوۋا، پولشا يەنە باشقا مەملىكەتلەردىن قاتناشتى. ‹بىرىنچى ئورۇن ئالدى› دېگەن خەۋەر كەلگەندە بەك خۇشال بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغۇچۇم نائىل ئىمىنوف بىرىنچى ئورۇن ئالغاندا ئۇنىڭدىن ئارتۇق خۇشال بولدۇم. مۇسابىقە پۈتۈپ، ئالمۇتاغا قايتىپ كەلگەندە بىزنى داقا-دۇمباق، كارناي-سۇرنەيلەر بىلەن ناھايىتى ئۇمدان كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭغىمۇ خۇشال بولدۇق. ئۇكرائىنادا بىز قازاقىستاننىڭ ئابرۇيىنى يەنە بىر قېتىم كۆتەردۇق. بىز ئۇيغۇرلار، كېلەچەكتىمۇ ئېلىمىزنىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز. ئاپام بىلەن دادام مېنى ناھايىتى قوللىدى. شۇلارغا مىڭ بىر رەھمەت!»
رامىلنىڭ ئانىسى ھەمرابۈۋى زايىروۋا خانىم ھەر قانداق پەرزەنتنىڭ خۇشاللىقى بۇ ھەم ئاتا-ئانىنىڭمۇ خۇشاللىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بالامنىڭ دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگىنىگە ۋە قازاقىستاننىڭ تۇغىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتقىنىغا مەن خۇشالمەن. مەن بالامغا كېلەچەكتە ئۇنىڭدىنمۇ ئېگىز چوققىلاردىن كۆرۈنۈشىگە ۋە سالامەتلىگىنىڭ زور بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»
رامىل ئابلىزوف كىچىكىدىنلا ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە قىزىقىپ، مىللىي ئۇسسۇللارنى ئىجرا قىلىشنى ياقتۇرۇپ كەلگەنىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ ئۆزى تاللاپ ئالغان تەنھەرىكەت بويىچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، يەنە كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا يېتىشنى ئارمان قىلىدىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رامىل ئابلىزوفنىڭ كەسىپدىشى ۋە ترېنېر تاھىر سەيدۇللايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بەش-ئالتە يىل بولدى رامىلنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن تەنھەرىكەتنىڭ ۋوركائۇت تۈرى بويىچە چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىۋاتىدۇ. يېقىندا ئۇ دۇنيا چېمپيونى ئاتىلىپ كەلدى. ئۇ شاگىرتلىرىنىمۇ ئېلىپ بېرىپ، نائىل ئىمىنوفمۇ دۇنيا چېمپيونى ئاتالدى. بۇ، ئەلۋەتتە خەلقىمىز ئۈچۈن، مەملىكىتىمىز ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق دەپ ئويلايمەن. ۋوركائۇت بويىچە رامىللار بىرىنچىلەردىن بولۇپ كۆچ باشلاپ كېلىۋاتىدۇ. مەن رامىل ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن»
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە دۇنيا مىقىياسىدا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ باركەن. شۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ بوكس بويىچە چېمپيون ئاتالغانلارمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتىكەن.