كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرىنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ياخشى كۆرسەتكۈچلەرنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. پەقەت كېيىنكى ئىككى ئاينىڭ ئىچىدىلا بىرنەچچە ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنىڭ دۇنيا ۋە ئاسىيا چېمپىيونى بولغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەرلەر تارقىلىپ، بۇ، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئالاھىدە دىققەت قوزغىغانىدى. مەسىلەن، ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ-زەبىدە برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش تۈرى بويىچە دۇنيا ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى ئۆتۈپ، ئۇنىڭدا بەختىيار قەھرىمان، گۈلمىنەم ئىمىنوۋا ۋە ئىلىياس ئابدۇللايېفلار چېمپىيون بولغانىدى. شۇنىڭدەك يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئانتالىيا شەھىرىدە ئۆتكەن ئۇنىۋېرسال، يەنى يەكمۇيەك ئېلىشىش تۈرى بويىچە تۆت نەپەر قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياش شۇ جۈملىدىن ئاللىيار قەمىردىنوف، رەۋقەت زېرىپوف، تۇرغانجان راسۇل ۋە ئىلھام غاپپاروفلار بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ۋۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىق، سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا ئۇنىۋېرسال، يەنى يەكمۇيەك ئېلىشىش، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىلىرى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلارغا قازاقىستاندىن ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىمۇ قاتناشقان.
شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئىبراھىم ئايتاخۇنوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزبېكىستاندا بولىدىغان مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلاندىم. بىزنىڭ كوماندا بىر كۈن بۇرۇن بېرىپ، سالماقلىرىمىزنى ئۆلچەيتۇق. مۇسابىقىگە 13-14 ياشلىق تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشتى. تەنھەرىكەتچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر خىل مەملىكەتلىرىدىن بولۇپ 1000دىن ئوشۇق قىز-يىگىت كۈچ سىناشتى. بىزنى 52 كىلوگرام سالماقتىكى دەرىجىلەرگە بۆلدى، شۇنىڭ ئىچىدە مەن 1-ئورۇننى ئىگىلىدىم. مەن مېنى مۇشۇ مۇسابىقىگە تەييارلىغان ترېنېرىم كامىل ئاكىغا ۋە شۇنداقلا مېنى ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئاتا-ئانامغا چوڭ رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. مەن تاشكەنت شەھىرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، قازاقىستان تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىمدىن ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پەرزەنتى بولغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىش ئۈچۈن يەنە تىرىشىمەن».
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىبراھىمنىڭ دادىسى مارات پالتايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىبراھىم 2007-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ھازىر ئۇ مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-ئۇيغۇر گىمنازىيەسىدە 9-سىنىپتا ئوقۇۋاتىدۇ. بالام ئون يېشىدىن تارتىپ ترېنېرى كامىل ئابدۇرېيىموفنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەۋاتقان ‹سوكول› تەنھەرىكەت كۇلۇبىدا ۋۇشۇ-ساندا بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ تۆت يىل ئىچىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا يەتتى. بىر نەچچە قېتىم قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋە باشقىمۇ شەھەرلىرىدە ئۆتكەن مۇسابىقىلەردە بىرىنچى ئورۇنلارنى ئالدى. ئەمدى ئىبراھىمنىڭ بۇ يىلقى چوڭ ئۇتۇقى ئۇنىڭ يېقىندا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئاسىيا چېمپىيونى بولغىنى».
1990-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان سېربىيە پايتەختى بېلگراد شەھىرىدە ئۆتكەن ئۇنىۋېرسال، يەنى يەكمۇيەك ئېلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن رېنات قۇربانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تەنھەرىكەت بىلەن 12 يېشىمدىن باشلاپ شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. 2002-يىلى دېكابىر ئېيىدا تۇنجى قېتىم بوكس بويىچە مەشىق زالىغا باردىم. ئۇ يەردە مېنى نۇرمۇھەممەت رازىيېف شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدى. ئۇ يەردە مەن 2006-يىلغىچە بوكس بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاندىن ئالمۇتا شەھىرىگە كېلىپ تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بوكس، ۋۇشۇ ساندا ۋە شەرق كۈرەشلىرى بويىچە مەشھۇر تەنھەرىكەت ماھىرى ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىپ كېلىۋاتىمەن. شۇ ۋاقىت ئىچىدە مەن بوكس، كىكبوكسىڭ، يەنى چامباشچىلىقتىن قازاقىستان بويىچە مۇسابىقىلەردە يېڭىپ، كىكبوكسىنڭ بويىچە تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن ئاتاققا ئېرىشتىم. 2006-يىلى تۇنجى قېتىم يەكمۇيەك ئېلىشىش بويىچە رۇسىيەگە دۇنيا مۇسابىقىسىگە بېرىپ، كۈمۈش مېدال يېڭىۋالدىم. كېيىنكى يىللاردىمۇ بىر نەچچە قېتىم دۇنيا ۋە ئاسىيا مۇسابىقىلىرىدە، شۇ جۈملىدىن خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكەن مۇسابىقىدىمۇ چېمپىيون بولدۇم. ئاخىرقى قېتىم سېربىيەگە بېرىپ، يەكمۇيەك ئېلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدال ئېلىپ، خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن ئاتاققا ئىگە بولدۇم».
رېنات قۇربانوفنىڭ ئېيتىشىچە، سېربىيەدە 20-26-دېكابىر ئارىلىقىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىگە 14 مەملىكەتتىن 350 ئەتراپىدا تەنھەرىكەتچى قاتناشقانىكەن. قازاقىستاندىن ئوندىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى، شۇ جۈملىدىن ئالمۇتادىن رېنات قۇربانوف قاتناشقان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، موسكۋادا ئۆتكەن برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش تۈرى بويىچە دۇنيا ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى ئۆتۈپ، ئۇنىڭدا بەختىيار تايىپوف رەھبەرلىكىدىكى «گراتسىياباررا-ياركەنت» تەنھەرىكەت كۇلۇبىنىڭ شاگىرتى ئۇيغۇر قىزى گۈلمىنەم ئىمىنوۋا ئۈچ مەرتەم دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا ئېرىشكەن.