غەرب ئالىملىرى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

دانىيەلىك ئانتروپولوگ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې ستىنبېرگ بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئۇيغۇر مەسلىسى تەتقىقاتىغا قاراتقان. لېكىن ئۇ بۈگۈنكى ۋەزىيەت تۈپەيلى ئۇيغۇر دىيارىغا بارالمايدىغان بولغاچقا، ئۆز تەتقاتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، جۈملىدىن قىرغىزىستاندا داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەتكە.

رۇنې ستىنبېرگ ئۇيغۇر خەلقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى 2006-يىلى بىرىنچى قېتىم قىرغىزىستاندا ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇ شۇ چاغلاردا بىر تەتقىقات تۈرى بويىچە بىشكەك شەھىرىدە بىر مەزگىل تۇرغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا بىشكەكتىكى بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2009-يىلى دوكتورلۇق ماقالىسىنى يازىدىغان پەيتتە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن. ئۇ شۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىگىنى رەسمىي تونۇپ يېتىپ، دوكتورلۇق ماقالىسىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىشقا باشلىغان.

دانىيەلىك ئانتروپولوگ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې ستىنبېرگ ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت قىلماقتا. 2022-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان.

رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇنې ئەپەندى دوكتۇرلۇق تەتقىقاتىنى قەشقەر شەھىرىدە يۈرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

رۇنې ستىنبېرگ 2009-يىلدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىزاھلاش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىقتىساد ۋە ئىشسىزلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى ۋە لاگېرلار قاتارلىق ماۋزۇلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلماقتا.

بۇ ھەقتە توختالغان دوكتۇر رۇنى ستىنبېرگ شۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىشىنىڭ بىردىن بىر سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىغا بولغان ساداقىتىدىن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

2021-يىلى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە رۇنې ستىنبېرگ لاگېر شاھىتلارنىڭ تەرجىمانى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ نىشانى ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ بايلىقلىرىنى خىتايلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئىكەن.

ھازىرقى مەۋجۇت سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن رۇنې ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەتقىقات يۈرگۈزەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، جۈملىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار جامائىتى ئارىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قاتلاملىرى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئەسەرلەر ئېلان قىلماقتا.

رونىي ئەپەندى قىرغىزىستاندا چەت ئەللىك بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە بىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان سورۇن-زىياپەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، چاقچاق ۋە ھېكايىلەرنى ئېيتىپ كۆپچىلىك بىلەن ئىشقىيۇن-تاشقىيون بولۇپ ياشىماقتا.

رۇنې ستىنبېرگنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇندىغان ناخشىلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان نوۋوپوكروۋكا يېزىسى ياشلار مەشرىپىنىڭ پاشاببېگى ئىسمائىل ئەنساروۋ ئۆز ھېسسىياتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يىگىت بېشى سىدىقجان يۈسۈپوۋ ئۆز مىللىتى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىغىنى ئىزھار قىلدى.

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئىچىدە قازاقىستاندىن قالسىلا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇرلاشقان بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتناشماقتا. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چەت ئەللەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارغا يەردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى شەرەپ ۋە مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ.