پروفېسسور ۋىنسېنت ۋوڭ: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنى ۋە تارىخىغا بولغان كۈچلۈك رىشتىسىنى ئۆزىگە ‹تەھدىت› دەپ قارايدۇ»

0:00 / 0:00

كانادا ۋىندسور ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىنسېنت ۋوڭ(Vincent Wong) مۇستەملىكە ۋە ئىرقلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات تىمىسى قىلغان تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ، ئۇ يېقىندا «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقىي كاپىتالىزم: شىنجاڭدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي ئامىللىرى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ 1949-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئاشۇ زېمىننى خىتاينىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن ۋەھشىيانە سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن تەتقىقاتىمنى تارىخىي ماتېرىياللاردىكى خىتاي بىلەن مۇشۇ رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن باشلىدىم. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى مۇستەملىكە قىلىش ۋە قىلىنىش مۇناسىۋىتىدۇر. خىتاي ئۇزۇن يىللارغىچە بۇ زېمىننى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىن ئايرىم تۇتقان، ئۇ يەردىكى خىتايلارمۇ يەرلىك ئاھالىلەردىن ئايرىم رايونلاردا ياشىغان، ئاسسىملىياتسىيە ھادىسىسىمۇ ئۇنچىلىك كۈچلۈك بولمىغان. لېكىن بۇ ئەھۋال 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. مىليونلىغان خىتايلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاشۇ زېمىندا يەرلەشتۈرۈلۈشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلەرنى بۇ يەرگە يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ جاينى ئىقتىسادىي كىرىم قىلىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ بەردى. يەنى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى بولغان پاختا، مېۋە-چېۋە سودىسىنى يەرلىكلەرنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ خىتايلارغا تۇتقۇزدى. ئەلۋەتتە، خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي پايدا تارىم ئويمانلىقىدىن چىققان تەبئىي بايلىقلارنى قىزىپ ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىش بولدى. مۇشۇ ئىقتىسادىي پايدىنىڭ مۇقىملىقىنى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇلار رايوندا مۇستەملىكە كاپىتالىزمىنىڭ سىستېمىسىنى يۈرگۈزدى. تارىختا بۇ سىستېمىنى كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئەلۋەتتە ئۇنى تارىخقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. خىتاي بۇ زېمىننى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن، بۇ تۇپراقنى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدىغان يەرلىك خەلقنى بىر خىل شەكىلدە بۇ تۇپراقلاردىن يۆتكەپ يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.»

ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش خاراكتېرلىك باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىنى پەقەت سىياسىي مۇستەبىتلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۆلەت كاپىتالىزمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ھادىسە، دەپ تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىخەتەر ھالدا «مۇستەملىكە كاپىتالىزمى» ئورنىتىش ئۈچۈن خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى سىياسىي ئاتموسفېرادىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي ئېكىسپىلاتاتسىيەنى پەردازلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ مۇستەملىكە ئىرقچىلىقىنىڭ كۈچىدۇر. بۇ خىل ئىرىقچىلىق ئىنسانلارغا ئىنساندەك مۇئامىلە قىلمايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ‹ئەسلىدىنلا تېرورچى›، ئۇلار ‹ئاشقۇنلۇق بىلەن زەھەرلەنگەن› دەيدۇ. بۇ يەردىكى ئاتالمىش ‹ئاشقۇنلۇق› ئاشۇ كىشىلەرنىڭ چىرايى، تەقى-تۇرقى، ساقال قويۇشى، كىيىم-كېچىكى بىلەن ئۆلچەنگەن. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قوللانغان سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئۇلارنى ئاتالمىش ‹ياخشى خىتاي پۇقراسى› قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش ئۈچۈن، دەپ تەشۋىق قىلغان. بۇ دەل مۇستەملىكىچىنىڭ ئىشلىتىدىغان تەشۋىقات تىلىدۇر. ئۇلار ئەلۋەتتە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز پىتى شەرھىيلىمەيدۇ، قىلىۋاتقانلىرىنى پەردازلاپ، رامكىلاپ كۆرسىتىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ھەر خىل شەكىلدە ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىك يامرىماقتا، ئۇلار مۇسۇلمانلارنى تېرورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بارغان قورقۇنچلۇق باستۇرۇشلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ‹بىز ئۇلاردەك ئۇنداق قالايمىقان ئۆلتۈرمەيمىز، بىز ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرىمىز› دەپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان باستۇرۇشلىرىنى پەردازلاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت مۇسۇلمانلىقنى تۇتقا قىلماستىن، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ‹قالاق مەدەنىيەت›، بىز ئۇلارغا ‹مەدەنىيەت ئۆگىتىمىز› دەۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھېچقاچان تىلغا ئالماستىن، ئەكسىچە ‹بۇ كىشىلەر مەدەنىيەتسىز، ياۋايى مىللەت، ئۇلار كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بىز ئۇلارنى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئاپىرىپ تەربىيەلەپ، ئۇلاردىكى تېرورلۇق ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتتۇق› دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن، بۇ خىل باستۇرۇشلار دۇنيانىڭ ھەر خىل جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ دۇنيادىكى بارلىق باستۇرۇشلار بىلەن بولغان باغلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.»

ۋىنسېنت ۋوڭ ئەپەندى خىتاينىڭ 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ياشلارنى تۇتۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇلار جىسمانىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن كۈچلۈك، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرى ھەم قاتناشقۇچىلىرى بولالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ياشلار ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا بىلەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئويغىنىشى چوڭلارغا قارىغاندا تېزراق بولىدۇ. ياتاقلىق مەكتەپلەر، يەنى مۇستەملىكە مەكتەپلىرى بولسا، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن بولغان بارلىق مەنىۋىي بېغىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ مەكتەپلەر بالىلارنى ئۇيغۇر تىلىدىن، ئۇيغۇر تارىخىدىن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. ئۇ بالىلارنى كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ تىلىنى، تارىخىنى، كېلىپ چىقىشىنى بىلمەس قىلىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە تۇپراققا ۋە ئۆزىگە خاس مۇستەقىل تارىخقا باغلانغان كۈچلۈك رىشتىسىنى، خىتاينىڭ تېرىتورىيە بىرلىكىگە تەھدىت، دەپ قارايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى مۇستەملىكە شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنى باستۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەممىمىز ئىنسان. ‹تارىختا سەنمۇ قىلغان، ئەمدى مەن قىلىمەن› دېيىش، ئەخلاقىي پۈچەكلىكتۇر.»

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا خىتايدىكى خۇۋاېيغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا سىناق قىلغان چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى ئافىرىقادىكى ئۇگاندا، زىمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساتقان. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئاستا-ئاستا پۈتۈن دۇنياغا يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىقنى يېيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا تارىختىكى بارلىق كېڭەيمىچى ۋە مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، تارىخنىڭ بۇ قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا مۇتلەق بىر چىقىش يولىنىڭ بارلىقنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ كاللىسىدا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن مېنىڭچە ئۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكانىڭكىدىن ئېشىپ چۈشكەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خىتاي تەختىدە داۋاملىق ئولتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇ تارىختا مۇشۇنداق بىر ئىز قالدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قانلىرىنى تۆكتى. ئۇيغۇرلار ھازىر قىلالايدىغان بىر قانچە ئىش بار. بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئۆزىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ھەر قانداق كۈچ بىلەن ھەمكارلاشسا بولىدۇ. مەن بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن: بۇ ئىرقىي قىرغىنچلىق، ئىرقىي كاپىتالىزم، مۇستەملىكە، ئوغرىلانغان ئەۋلادلار. . . ھەرگىزمۇ يېڭى بىر تىما ئەمەس. كانادا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى بەش قولدەك بىلىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەپ، ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەر قايسى خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن توسۇپ كەلدى. مەسىلەن، دولقۇن ئەيسانى ب د ت نىڭ يىغىنلىرىدىن كۆپ قېتىم قوغلاتقۇزدى. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەملكەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىللەت ۋە رايونلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى بەك مۇھىم. شۇڭا ئۇلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇستەملىكە سىستېمىسىنى چۈشىنىدىغان كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇستەملىكىگە، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوللايدىغان ئىتتىپاقداشلارنى تىپىشى لازىم.»