ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر لوكارنو فىلىم فېستىۋالى ۋاقتىدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ باردى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.08.16
Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-1

لوكارنو فىلىم فېستىۋالىدا خىتاي سودا ئۇيۇشمىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك ياشلار. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-2

لوكارنو فىلىم فېستىۋالى مەزگىلىدە د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى ئەركىن شىۋىتسارىيە دۆلەت رادىيو تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-5

ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىدىن گۈلنىسا ۋە لىلى قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن فېستىۋال مەيدانىغا كىرىش ئېغىزىدىكى خىتاي «مەن نەدە» تەشۋىقات فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش سالونى ئالدىدا. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-12

لوكارنو كىشىلىك ھوقۇق فوندىدىن ئېسابېللا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتماقتا. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-11

لوكارنو فىلىم فېستىۋالى كىرىش ئېغىزىدا تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىۋاتقان «ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتى» ئەزالىرى. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-10

لوكارنو فىلىم فېستىۋالى كىرىش ئېغىزىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى ۋە مايكا تارقىتىۋاتقان پىدائىي تۈرك ياش. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-9

ساياھەتچىلەر «#ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ۋە «#تىبەتلەرگە ئەركىنلىك» خېتى بېسىلغان مايكىلارنى ئېلىپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ساياھەتچىلەر. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-8

ساياھەتچىلەر «#ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ۋە «#تىبەتلەرگە ئەركىنلىك» خېتى بېسىلغان مايكىلارنى ئېلىپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ساياھەتچىلەر. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-7

ساياھەتچىلەر «#ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ۋە «#تىبەتلەرگە ئەركىنلىك» خېتى بېسىلغان مايكىلارنى ئېلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ساياھەتچىلەر. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-6

ساياھەتچىلەر «#ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ۋە «#تىبەتلەرگە ئەركىنلىك» خېتى بېسىلغان مايكىلارنى ئېلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ساياھەتچىلەر. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-4

لوكارنو فىلىم فېستىۋالى كىرىش ئېغىزىدا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىۋاتقان نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارن، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

Uyghur-tibetler-lokarno-filim-naraziliq-3

بايراقلار ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ساياھەتچىلەر. 2024-يىلى 14-ئاۋغۇست، لوكارنو، شىۋېيتسارىيە. RFA/Hebibulla Izchi

نۆۋەتتە شىۋېيتسارىيەنىڭ لوكارنو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە شىۋېيتسارىيەلىك نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر 12-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ بىر يۈرۈش نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانىدى.

بۇ نارازىلىق پائالىيەتلىرى جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىلاتى ۋە لوكارنو كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! تىبەتلەرگە ئەركىنلىك! دېگەن خەت يېزىلغان مايكىدىن 1000 تال، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېما قىلىنغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىدىن نەچچە يۈزمىڭنى تارقاتتى ۋە بەزەندە توپلىنىپ ئۈنسىز نامايىشلارنىمۇ قىلدى.

نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى بۇ شىۋېيتسارىيە دۆلەت رادىيو-تېلېۋېزىيەسىدە يەر ئالدى. شىۋېيتسارىيە دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىتاليانچە قانىلىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ خەۋەردە «شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشتا شىۋېيتسارىيەنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.

شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىتاليان رايونلىرىدا تارقىتىلىدىغان «بۆلگە» گېزىتىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى ئەركىن زۇنۇننىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا غەرب شىركەتلىرىنىڭ شېرىكچىلىكى» دېگەن تېمىدىكى ئوبزورىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئوبزوردا 17 دىن جىق خەلقئارالىق ساھەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىن زۇنۇن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئوبزوردا «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا كېڭەيتكەنلىكىنى، ئۈچ مىليوندىن جىق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرىدا بولغانلىقى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، يېمەك ئىچمەك قاتارلىق ھەر ساھەدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

لوكارنو كىشىلىك ھوقۇق فوندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بولۇپ، شىۋېيتسارىيەنىڭ لوكارنو شەھىرىگە جايلاشقان بۇ فوند داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە شىۋېيتسارىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ فوندنىڭ يېتەكچى خادىملىرىدىن ئېلىسابېتا خانىممۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىلەن نەق مەيداندا ئىسسىققا قارىماي بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈن جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى، ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛ «بىز بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالمىغان شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئەيىبلىمەكچىمىز. چۈنكى بۇ كېلىشىمدە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان، بىز تېخىمۇ ئادىل ۋە تەڭپۇڭ دۇنيا جەمئىيىتىدە ھەرىكەت قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئىقتىساد ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك» دەيدۇ.

لوكارنونىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا مۈرىسىگە مايكا ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرى قاچىلانغان يوغان سومكىنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا ياردەمچى بولغىلى كەلگەن، شىۋېيتسارىيەدە ياشايدىغان تۈرك ياش گۆكخان ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆرگەنلىرىنى مىسال ئېلىپ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى ۋە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛ «مەن گۆكخان، بۈگۈن بۇ يەردە بولۇشۇمنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر مەنىسى بار. بىز بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقى ئۈچۈن بىر يەرگە كەلدۇق. بىز بۈگۈن ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقى، ئىنسانىي قەدىر قىممىتىنىڭ يەنە ئوخشاشلا ئىنسانلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ مىسالى شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستان 21-ئەسىردە قۇل ئىشچىلىقى مەۋجۇت بولغانلىقى بىلەن دىققەت تارتماقتا. بۇ ئەھۋالدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان بىزلەرمۇ ئۆزىمىزنى ئەركىن ئادەم دېيەلەيمىزمۇ؟ مەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق فىلىملىرىنى، شاھىتلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇشتىن ھەقىقەتەن چارچىدىم. تولىستوينىڭ دېگىنىدەك؛ زۇلۇم ئىنساننى كۈچلۈك قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ زۇلمىنى ئاڭلاش بولسا ئىنساننى ئىنسان قىلىدۇ. مەن بۇ يەرگە ئىنسان بولۇشقا كەلدىم. بۇ شەرقىي تۈركىستاندەك يالغۇز تاشلاپ قويۇلغان بىر خەلقنىڭ دەردى ئەمەس بەلكى ئىنسانلىقنىڭ دەردى بولۇشى».

14-ئاۋغۇست كۈنىدىكى پائالىيەتتە خىتاي سودا ئۇيۇشمىسى «مەن نەدە» ناملىق تەشۋىقات فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچقان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر بۇ جەرياندا، فېستىۋالنىڭ كىرىش ئىشىكى تەرەپكە جايلاشقان ئاخبارات ئېلان قىلىش سالونى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بايراقلىرى بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرمەكچى بولغانلارغا تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! تىبەتلەرگە ئەركىنلىك!» خېتى بېسىلغان مايكىلارنى تارقاتقاچقا بەزى ئادەملەر تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدىكى قىرغىنچىلىق مەلۇماتلىرىنى ئوقۇپ، بىز بۇنى ئاڭلىغان دەپ كەچۈرۈم سوراپ ئارقىغا قايتىشتى. خىتاي تەشۋىقات فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاران بەش-ئالتە كىشى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ مەنزىرە بۇ يەردە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنى ناھايىتى خۇرسەن قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.