25-ئاۋغۇست ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورىن شەھىرىدە خوڭكوڭغا مەدەت بېرىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا مېلبورىندىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىرقىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرىمۇ قاتناشتى. مېلبورىن شەھىرىدىكى ۋېكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئەپەندى مەزكۇر نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى نامايىش خوڭكوڭلۇقلارنىڭ يېقىندىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان نامايىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، نامايىشقا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن 400 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.»
نامايىشقا قاتناشقان ۋېكتورىيە تىبەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تېنزەن كەنسا نامايىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىنىڭ ئىسمىم تېنزەن كەنسا، ۋېكتورىيە تىبەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئاۋسترالىيە تىبەت جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى بولىمەن. بۈگۈن بىز خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نامايىشىنى قوللاش ئۈچۈن بۇ يەردە نامايىش قىلىۋاتىمىز. تىبەت 70 يىل مۇقەددەم خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى. ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن تىبەت خەلقى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولدى. تولىمۇ ئەپسۇس، شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستانمۇ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن بىزگە ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچار بولدى.»
تېنزەن كەنسا يەنە ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ خىتاينىڭ تەسىرىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئالتە جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ھەرۋاقىت خوڭكوڭلۇقلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ يەردە نامايىش قىلىۋاتىمىز. ئاۋسترالىيە خەلقىنى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىدىن ساۋاق ئېلىپ خىتاينىڭ تەسىرىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.»
مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان ئاۋسترالىيەلىك روب نامايىشتىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، مۇنداق دېدى: «ئاددىي بىر ئاۋسترالىيەلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. بۇ يەردە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان نامايىشقا مەدەت بېرىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مۇشۇنداق بىر پۇرسەت ئارقىلىق ئاۋسترالىيە خەلقىنى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى تەسىرىدىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرىمەن.»
بىر قانچە كۈندىن بېرى تاراتقۇلاردا خوڭكوڭدىكى نامايىشچى بىر قىزنىڭ نامايىشچىلارغا خىتاب قىلىپ، «ئەگەر بىز مەغلۇپ بولساق شىنجاڭدىكى جازا لاگېرىدىكىلەرنىڭ كۈنىگە قالىمىز» دېگەنلىكى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ قىز نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىدە ئىشلەيدىغان بىر خوڭكوڭلۇقمەن. 30 يىللىق ھاياتىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرمىساق بولمايدۇ. سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زاۋاللىق دەرۋازىسىنى ئاچتى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىدىن ۋاز كەچسەك شىنجاڭدىكى جازا لاگېرىدىكىلەرنىڭ كۈنىگە قالىمىز. شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئەگەر بىز مەغلۇپ بولساق، خوڭكوڭ شىنجاڭغا ئايلىنىدۇ، ئۇ چاغدا بىز جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈشكە مەجبۇر بولىمىز.»
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ تەسىرى بىلەن يېقىندىن بېرى ئاۋسترالىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە خوڭكوڭلۇقلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا كىچىك دائىرىدە توقۇنۇشمۇ يۈز بەرگەنلىكى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە يېقىندىن بېرى خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مېلبورىندىكى بۇ قېتىمقى نامايىش خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق نامايىش ئىكەن.