خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول ياسىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبى نېمە؟

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مال تەمىنلەش زەنجىرى، ئېنېرگىيە ۋە خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول ياساش قارارى ئالغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ تۆمۈر يول ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى ۋە تىبەتنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېگرا رايونلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، چەت ئەلدە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىكى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي تۆمۈر يول ئىدارىسى غەربىي رايوندىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتكە كىرىپ-چىقىدىغان ئاساسلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يوللارنىڭ تېخى ياسالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن «غەربىي رايوننىڭ تۆمۈر يول تورىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، مەزكۇر رايونلار بىلەن ئىچكىرى خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ لىنىيەلىك قاتناش يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى» ئىلگىرى سۈرگەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول ياساش قارارى ئالغان.

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۆمۈر يول پىلانلىغۇچىسى ليۇ ۋېنشەن (Liu Wenxian) ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەت تۆمۈر يولى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تۆمۈر يولنى ياساش قارار قىلىندى. بۇ، شىنجاڭ ۋە تىبەت بىلەن تۆمۈر يول ئالاقىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ شىنجاڭ ۋە تىبەت تۆمۈر يولى دۆلەت تۆمۈر يول تورىدىكى ‹بوشلۇق› نى تولدۇرۇپ، ‹ئاساسلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسى› ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول ياساش قارارىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۆمۈر يولنى مال توشۇش ئۈچۈنلا قوللىنىپلا قالماستىن بەلكى زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي تارىختىن بۇيان تۆمۈر يوللارنى زېمىنىنى كونترول قىلىش، زېمىنىنى كېڭەيتىش ۋە يۈك ۋە مال توشۇش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن. خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا ئاقساي چىن قاتارلىق زېمىنلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە ئىختىلاپلىرى بار. خىتاي ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولنى ياساش ئارقىلىق ئاقساي چىننىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ۋە ئۆزىنى ھەقلىق چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ يەردە ئۇرۇش ئېھتىمالىمۇ بار. يول ۋە تۆمۈر يول قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە داۋاملىق خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش ئارقىلىق بۇ رايوننى كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي خەلقئارادا تونۇلۇشىنى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت بىلەن سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ رايونلاردىن خىتايغا بايلىقلارنى يۆتكەش، كۆپلەپ خىتاي نوپۇسىنى بۇ رايونلارغا يۆتكەش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىن شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتنى خىتايلاشتۇرۇش، شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇ ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول ياساش قارارىنى ئالدى».

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تەتقىقاتچى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىكى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭغا ۋە تىبەتكە قارىتا ‹چوڭ پىلانى› بار، بۇ رايون ياۋروپا سودىسىنىڭ دەرۋازىسى بولۇپ، چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجىۋسك (Henryk Szadziewski) خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە قارىتا يولغا قويغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە «چوڭ پىلانى» نىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي دەۋاتقان چوڭ پىلان نېمە دېسىڭىز، بۇنى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. يەنى خىتاي خەلقئارادا تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولىنى ياساشنى پىلانلىدى. خىتاينىڭ كۆپ ئارزۇلىرى بار. ئۇلار دۇنياۋى چوڭ دۆلەت بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ خىتاينىڭ بۇ چۈشىنىڭ 2050-يىلىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ تۆمۈر يول خىتايدىن مال ئېكسپورت قىلىپلا قالماستىن، ھۆكۈمەتنىڭ قىممەت قارىشىنىمۇ ئېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئىنسانلارنى قورقۇۋاتىدۇ. بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىگە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا چوڭ پىلان نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمىز. ئەمما بىز پەقەت بۇ چوڭ پىلاننى پەرەز قىلالايمىز. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى خىتاي چېگرا رايونلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، چەت ئەلدە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ».