ميۇنخېندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2023.03.01
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتقاندا ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش پائالىيىتى دىققەت قوزغىغان.
28-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گاستايگ» (Gasteig) دەپ ئاتالغان چوڭ كۇتۇپخانا زالىدا «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن. پائالىيەتنى «مورگېن ئې. ۋ» دەپ ئاتالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «ئانا تىلى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش»، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولغان. ئانا تىلى ئاسسىمىلاتسىيە ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى زورلۇق بىلەن يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ نوپۇزلۇق مېھمىنى بولغان.
«گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پەرىدە خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ پائالىيەت سورۇنىدىن ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر تىلىنى، بۇ تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە بۇ تىلنىڭ نېمە ئۈچۈن يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى چۈشەندۈرۈش ئاساسلىق تېمىغا ئايلانغان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۆزلىرىگە ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئورۇندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى، ماددىي بويۇملارنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق يەرلىك گېرمان جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
\
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى 2020-يىلى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» ناملىق بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىپ، بۇ تەشكىلات تەركىبىدە «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نى تەسىس قىلغان ئىدى. بۇ مەكتەپنىڭ ھازىر 10 ئەتراپىدا پىدائىي ئوقۇتقۇچىسى، 80 بىلەن 100 ئارىلىقىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بار. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بۇ يەردە ئاساسلىق ھالدا ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن دەرس ئالماقتا. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى پەرىدە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ مەكتەپنى تەسىس قىلىشتىكى تۈپ مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مەڭگۈ ياشىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«ئانا تىلى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش» پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى ھەلىمە خانىم بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان سورۇننى كۆرگەن كۆپلىگەن گېرمان پۇقرالىرىنىڭ «چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان زور پىداكارلىقىدىن ئۆزلىرىنىڭ تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى» ئىپادە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بۇ پائالىيەتتە كۆپلىگەن تاماشىبىنلار ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرىغا قىزىققان. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بۇ دوپپىلار ھەققىدە ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر دوپپىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇيغۇرلار يەنە ئۆزلىرى لايىھەلەپ نەشىر قىلدۇرغان 2023-يىللىق ئۇيغۇر كالىندارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق تائاملىرىنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ كۆرگەزمە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.