ميۇنخېندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى كۆرۈكى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن قۇتلۇقلىدى.

10-مارت كۈنى «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كېچىكىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ميۇنخېن شەھىرى ۋە ئەتراپ رايونلاردا ياشاۋاتقان 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پائالىيەت «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلاندى.

بۇ پائالىيەت يالغۇز «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى قۇتلۇقلاش، ئۇيغۇر تىلىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ۋە زوقلاندۇرىدىغان بىر پائالىيەت بولغان ئىدى.

1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن يىگىت-قىزلار، ھەر يۇرتنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشكەن ئوماق پەرزەنتلەر، ئۇلار ئورۇندىغان كىيىم مودېللىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى، لەرزان ئۇسۇللار ۋە مۇڭلۇق ناخشىلار تاماشىبىن بولۇپ ئولتۇرغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھاياجانلىق ياشلارنى تۆكۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پائالىيەت خاتىمىسىدە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرى بېسىمى پەيدا بولغان 2 يىلدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئىچ-ئىچىدىن كۈلۈش پۇرسىتىگە ۋە زور مەنىۋى ئېنېرگىيەگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ميۇنخېندىكى بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللىي روھىنى مەڭگۈ ياشىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە نومۇر كۆرسەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 100 گە يېقىن بولۇپ، ھەتتا ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن سەبىيلەرمۇ بۇ سەپتىن ئورۇن ئالغان ئىدى. بۇ ئۆسمۈرلەر ميۇنخېن شەھىرىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان «بوغدا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.