ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلار «كىشىلىك ھوقۇققا دائىر تىلشۇناسلىق قوللانمىسى» دىن ئورۇن ئالغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.12.12
Tove-Skutnabb-Kangas.jpg فىنلاندىيەلىك تىلشۇناس توۋې كانگاس (Tove Skutnabb Kangas) خانىم.
Social Media

يېقىندا ئامېرىكادىكى ۋايلېي بلاكۋېل (Wiley Blackwell) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «كىشىلىك ھوقۇققا دائىر تىلشۇناسلىق قوللانمىسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى قوللانمىغا خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر كىرزىسلار كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر قوللانما فىنلاندىيەلىك تىلشۇناس توۋې كانگاس (Tove Skutnabb Kangas) خانىم ۋە ئۇنىڭ ئېرى، قانۇنشۇناسلىق پرافېسورى روبېرت فىلىپسون (Robert Phillison) نىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشرگە تەييارلانغان.

قوللانمىغا تىلشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى 60 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىللىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ھەر خىل سەۋەبلەردىن ئۇچراۋاتقان بېسىم-كرېزىستلار تېما قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى كىرگۈزىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر قوللانمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن مەخسۇس بىر سەھىپە ئاجرىتىلغان.

قوللانمىنىڭ مۇندەرىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىكى سەھىپىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نورۋېگىيەدىكى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، ئامېرىكادىكى تارىخشۇناس شۇڭقار تېكىن ئەپەندى ۋە دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر بىرلىكتە تەييارلىغان.

ئامېرىكادىكى ۋايلېي بلاكۋېل (ۋىلەي بلاچكۋەلل) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «كىشىلىك ھوقۇققا دائىر تىلشۇناسلىق قوللانمىسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى قوللانمىنىڭ مۇقاۋىسى.
ئامېرىكادىكى ۋايلېي بلاكۋېل (ۋىلەي بلاچكۋەلل) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «كىشىلىك ھوقۇققا دائىر تىلشۇناسلىق قوللانمىسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى قوللانمىنىڭ مۇقاۋىسى.
thriftbooks.com

دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى 8-دېكابىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن مەزكۇر قوللانما ۋە ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەخسۇس سەھىپە ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قوللانمىنى نەشرگە تەييارلىغۇچى فىللاندىيەلىك تىلشۇناس، پروفېسسور توۋې كانگاس خانىم يەرلىك تىللار تەتقىقاتىدا ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا تونۇلغان تىلشۇناس ئىكەن.

كانگاس خانىم يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىل ۋە مىللىي مائارىپىنى قوغداش خىزمەتلىرىدە مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر يىل ئىلگىرى كانگاس خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تەييارلاشنى باشلىغان ئىكەن.

ئەركىن سىدىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قوللانمىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سەھىپىدە، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى دۇچ كەلگەن كرىزىسلار، ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل ھەققىدە چىقارغان ھۆججەت-توختاملىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ئۇچراۋاتقان بۇزغۇنچىلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدلەر قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان ئىكەن.

قوللانمىنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەھىپىسى ئۈچۈن ئاساسلىق قەلەم تەۋرەتكۈچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بولۇپ، ئۇ بۇ سەھىپىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئۇ، قوللانمىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى سەھىپىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق تەرەققىياتى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇمات بېرىلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن مەجبۇرىي يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ۋە مەدەنىيىتىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەرنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى نامىدا مىڭ يىللارچە قوللىنىپ كەلگەن بۇ يېزىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىلللىرى مەزگىلىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمىدا مەجبۇرىي ھالدا يېزىق ئۆزگەرتىش دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئەجدادلىرى بىلەن ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تىل-مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى پەيدا بولغان، يەنى خىتايچە پىنيىن ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ۋە رۇس ئېلىببەسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن سىلاۋىيان يېزىقى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم ئەجداتلىرىنىڭ يېزىقىدىن ھەم بىر-بىرىنىڭ يېزىقىدىن خەۋەرسىز قېلىشتەك ئاچچىق قىسمەتلەر يۈز بەرگەن.

ئابدۇۋېلى ئەپەندى يەنە مەزكۇر قوللانمىغا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن يوق قىلىنىش گىردابىدا قالغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى جەريانىدا، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئىملا ۋە تەلەپپۇز جەھەتتە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىي ھالدا خىتاي تىل-يېزىقىدىكى مائارىپىنىڭ دەسسىتىلىشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بارغانچە ئىستىمالدىن قېلىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن. ھەتتا 2016-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇر تىلى مائارىپ ساھەسىدە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ئىلگىرى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كىتاپ-ژورناللارنىڭمۇ نەشردىن توختىتىلىش ۋە كۆيدۈرۈلۈپ يوقۇتۇلۇشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ تەييار مەنبەلىرىمۇ يوق بولۇشقا باشلىغان.

ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى ئاخىرىدا مەزكۇر قوللانمىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارادا نەشىر قىلىنىۋاتقان بۇ خىلدىكى قوللانما-قامۇسلاردا ئۇيغۇر تىلى-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقۇتىلىۋاتقانلىقىدەك بۇ ھەقىقەتنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇتۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشتا خەلقئارا قانۇن-نىزاملارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.