مەخسۇس سۆھبەت: ئۇيغۇر تىلى ۋەتەندىن يىراق تۇپراقلاردا كۆكلىمەكتە
2022.12.13
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان كرىزىسلارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكى ھەققىدىكى سادالار كۈنسېرى كۈچەيمەكتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان ئامېرىكادىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مەخسۇس دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى تەتقىقاتى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى سىسىتېمىلىق ئۆتۈلگىلى خىلى ئۇزۇن يىللار بوپتۇ. 2011-يىلىدىن باشلاپ ۋىسكانسېن ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى يازلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى يازلىق تەتىلدىكى سەككىز ھەپتىلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پروگراممىسىدا ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۆتۈلۈپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق باشقا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش پروگراممىسى تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسلىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، تارىخىنى بۇرمىلاپ ئۇيغۇرلارنى ئوچۇقتىن ئوچۇق خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئامېرىكادا كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشقا ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرغان.
بىز ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىغا ئائىت تېخىمۇ تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تىل ۋە مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلنار ئەزىز خانىم ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى گۈلنىسا نازاروۋا خانىملارنى بۈگۈنكى پروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.