ئامېرىكالىق ئۇيغۇر تىلى ئوقۇغۇچىلىرى: «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايمىز»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.12.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئامېرىكالىق ئۇيغۇر تىلى ئوقۇغۇچىلىرى: «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايمىز» ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىلاردىن (سولدىن) رەىسە، ئابدۇرېھىم ۋە ئىلھام.
Photo: RFA

مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكادىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئۆتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى دەرسلىرى مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي مەۋجۇتلۇق كرىزىسىنى چۈشىنىشىگە يول ئاچقان.

2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا شىددەت بىلەن كۆپەيتىلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىتايچىلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مائارىپى ئۇيغۇر تىل-يېزىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېغىر كىرزىسلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئانا ۋەتىنىدە كرىزىسقا دۇچ كەلگەن تىلى ۋە كىملىكىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ھەر جەھەتتىن چارە-تەدبىرلەر ھەققىدە ئىزدەنگەن. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ خۇشاللىنارلىقى ئامېرىكادا بىر قانچە ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقنىڭ ساقلىنىپ قىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتى ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش بازىسىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مەزكۇر فاكۇلتېتنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسور گۈلنىسا نازاروۋا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 100دىن ئاشىدىكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان بىر قانچە ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلدۇق. نۆۋەتتە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا گۈلنىسا خانىمدىن ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئېلىۋاتقان سىتۇ مەكلاولىن (Stu McLaughlin) نىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئىستىكى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى سەۋەبى بىلەن باشلانغان ئىكەن. كېيىنچە ئۇ پەقەت تەتقىقات ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشنى باشلىغان. ھەتتا ئۇ ئۇيغۇر دوستلىرى ئارىسىدا «ئىلھام» دېگەن ئىسمى بىلەن تونۇشلۇق ئىكەن.

ئىلھامنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە باشقا كىملىك كىرزىسلىرىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ياخشى بىلىدىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا كرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئانا تىلىنى ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە ساقلاپ قىلىشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم».

رەئىسە دىببىل(Raisa Dibble) قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر رايونىدا چوڭ بولغان ئامېرىكالىق بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى تونۇشۇش تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن ئىكەن. ھەتتا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا قازاقىستاندا ئۇلارنى ئۆيىدە تۇرغۇزغان قازاق موماي رەئىسە خانىمنىڭ ئىسمى قويغان.

ئۇ ھازىر بىر شىركەتتە بوغالتىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت بىر قانچە پايدا ئالمايدىغان ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتىكەن. ئۇ يېقىندا ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى(Uyghur Wellness Initiative) نىڭ پروگرامما دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئۇ يەنە ئامېرىكادىكى «يىپەك يولى تىنچلىق ھەرىكىتى» جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك سەپىرى»، يەنى دالادا پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.

زىيارىتىمىز جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئۇلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

رەئىسەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالغان. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانچلىققا ئېتىبار بېرىشى ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىكەن.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى دىن تارىخى پەنلىرى دوكتورى مايكىل كىراتۇكىرامىر (Michael Krautkraemer) نۆۋەتتە پروفېسور گۈلنىسا نازاروۋا خانىمدىن ئۇيغۇر تىلى دەرسىگە قاتنىشىدىكەن. ئۇنىڭمۇ باشقا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە ئىسمى بار ئىكەن. ئۇ ئۆزىنى بىزگە تونۇشتۇرغاندا شۇنداق تەبىئىيلا «مېنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىم ئابدۇرېھىم» دەپ تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرچىنى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن بىر ئامېرىكالىق مۇئەللىمدىن ئۆگىنىشكە باشلىغانىكەن. ئۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىپلا قالماستىن ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن يۈز پارچىدىن ئارتۇقىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن «پەرىجەم يېسۇن» ناملىق لەتىپىسىنى ئېيتىپ بەردى.

يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىلار خىلى كۆپ ئىكەن. پروفېسسور گۈلنىسا نازاروۋا خانىمنىڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرى قاتارىدا نىكولاس كونتوۋاس(Nikolas Kontovas) نىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلىغان «ئۇيغۇر شېئىر ئوقۇرمەنلىرى» (Uyghur Poetry Reader) نامىدىكى 58 بەتلىك تەرجىمە ماتېرىيالى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

بۇ ماتېرىيال 2011-يىلى تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوۋ، مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان داڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. شېئىرلاردىكى ئاساسلىق سۆزلۈكلەر، مىسرالارنىڭ گرامماتىكىسى چۈشەندۈرۈلگەن. ئاخىرىدا بارلىق شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوچۇق ئېنسىكلوپېدىيە بولغان ۋىكىپېدىيەنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمىغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ماتېرىياللارنى، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىشتا كۈچ چىقارماقتىكەن.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئىلھام، رەئىسە، ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىلار رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى يوللىدى: «ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قىلىش ھەقىقەتەن مۇھىم. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشنى خالايمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.