21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» ھەرقايسى دۆلەتلەردە خاتىرىلەندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1999-يىلى رەسمىي قارار چىقىرىپ 21-فېۋرالنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دەپ ئېلان قىلغانىدى. ئۇنداقتا 21-فېۋرالنىڭ «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دەپ بەلگىلىنىشىگە قانداق تارىخىي ئامىللار تەسىر كۆرسەتكەن؟ نۆۋەتتە خىتايدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن چەكلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى ئېغىر كىرىزىسقا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا «دۇنيا ئانا تىل» كۈنىنى خاتىرىلەش قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2000-يىلى 21-فېۋرالدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر يىلى دېگۈدەك خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ قارار باڭلادىش (ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي پاكىستان رايونى) دا يۈز بەرگەن بېنگال تىلىنى قوغداش ھەرىكىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جۈملىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپى مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش تەشەببۇسى كۈچەيگەن. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىدە «21-فېۋرال ئانا تىل كۈنى» نى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، 21-فېۋرالنىڭ «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بەلگىلىنىشىگە، سەۋەب بولغان بېنگال تىلىنى قوغداش ھەرىكىتى، ئەينى چاغدا پاكىستانغا تەۋە بولغان شەرقىي پاكىستاننىڭ، يەنى ھازىرقى باڭلادىشنىڭ مەركىزى داككا شەھىرىدە 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى يۈز بەرگەن. 1947-يىلى پاكىستان ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت بولغاندا، ھازىرقى باڭلادىش دۆلىتى شەرقىي پاكىستان رايونى دېيىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى ھىندىستان دۆلىتى ئارقىلىق، پاكىستاندىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى بېنگال تىللىق خەلق بولغان بۇ رايون تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن غەربىي پاكىستان رايونىدىن پەرقلىق ئىدى. ئەمما 1948-يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئوردۇ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ جاكارلىغاندىن كېيىن، شەرقىي پاكىستان رايونىدا بېنگال تىلىنىمۇ ئوردۇ تىلى بىلەن بىرلىكتە قوللىنىش تەشەببۇسلىرى كۈچەيگەن.
1952-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى شەرقىي پاكىستان رايونىدىكى داككا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بېنگال تىلىنى قوغداش، مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە بېنگال تىلىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن زور كۆلەملىك نامايىشى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نامايىش شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ساقچىلار تەرىپىدىن ئوق چىقىرىلىپ قانلىق باستۇرۇلغان. ئابدۇسالام، ئەبۇل باركات قاتارلىق نامايىش باشلامچىلىرى قازا قىلغان، نەچچە يۈز كىشى يارىلانغان. كېيىنكى يىللاردا باڭلادىشلىقلار ھەر يىلى 21-فېۋرال كۈنىدە ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنى خاتىرىلەپ كەلگەن.
1999-يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى رەسمىي قارار ئېلان قىلىپ، باڭلادىشتا يۈز بەرگەن «ئانا تىلنى قوغداش نامايىشى» نى خاتىرىلەش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقان تىللارنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان.
ئامېرىكادىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئېزىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىمۇ ئەينى چاغدىكى باڭلادىشتا ئانا تىل چەكلەنگەن ۋەزىيەتكە ئوخشاش دېيىشكە بولىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى مائارىپ ۋە باشقا ھەر ساھەدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلا ئۈچۈن ئېيتقاندا 21-فېۋرال ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2017-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، رايوندا بارلىق دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
گۈلنار ئېزىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرچە مائارىپ پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، ئۇيغۇر تىلى مائارىپ سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇۋاتقان نۆۋەتتىكى شارائىتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن.
گۈلنار ئېزىز خانىم يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۇيغۇر تىلىنى ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشتا تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بولۇپمۇ ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان دىققىتى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتى كۈچەيتىلىشى كېرەك ئىكەن.
نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ياش ئەۋلادلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى ئىكەن.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سالامەت ھاشىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سالامەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى بالىلارغا پەقەت ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولماستىن بەلكى بالىلارنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى بىلەن بولغان تونۇشىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا كۆرۈنەرلىك ھەسسىلەرنى قوشماقتا ئىكەن.