خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتەك تەخىرسىز ۋەزىپىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچتى.
بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس سۆز قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى، نىشانى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەلقئارالىق يىغىنغا 15 دۆلەتتىن 30 غا يېقىن تەشكىلات ۋە جامائەت، 14 ئانا تىل مەكتىپىدىن مۇتەخەسىسلەر، يېتەكچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان. يىغىننىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ھەمدە بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا دۇچ كېلىۋاتقان توسقۇنلۇق ۋە قىيىنچىلىقلار، شۇنداقلا ئۇنى قانداق يېڭىش ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىكەن.

ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمىنى دىرېكتورى سكوت ۋوردېن (Scott Worden) سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كۆپچىلىكنىڭ بىر يەرگە كېلىپ بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەم كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاسىيا مەسىلىلىرى بويىچە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى برىيان ۋوگت (Brian Vogt) بۇ مۇراسىمدا سۆزگە چىقىپ، ئامېرىكادىكى دېموكراتىيە، تىنچلىق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئورگانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇننىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جامائەت پىكرى توپلاپ، ئۇنىڭغا قارشى بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتقاتلىقىنى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئاممىۋى دىپلوماتىيە ياردەمچىسى ۋىراج لىبايلى (Wiraj M. LeBailly)، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىتئەلەر بويىچە تاراپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان مۇھىم رىشتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، دوكتور سەلجۇق ئۆزداغ بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەيلى قايسى دۆلەتكە بارسۇن، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىدىن، تىلىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تىل بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى توشۇيدىغان قورالدۇر، تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق بەلگىسىدۇر، سىلەر 5 مىڭ يىللىق بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىز باسارلىرى، 5 مىڭ يىلدىن بېرى تىلىڭلار، ناخشا-مۇزىكاڭلار، سەنئتىڭلار، مىمارچىلىقىڭلار ۋە تائام مەدەنىيىتىڭلارنى ساقلاپ كەلدىڭلار، ئەمدى ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا يەتكۈزۈش مەجبۇرىتىڭلار بار. مەيلى نەگە بېرىڭلار، تىلىڭلارنى ھېچ ئۇنتۇماڭلار، ئۇنى شەرەپ بىلەن قوللىنىڭلار».

تۈركىيە دېموكرات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتور رىفات مەلىھ ئاقتاش سۆزگە چىقىپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئاپەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا رايونلاردا ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنى توختىتىشقا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭمۇ تېخى مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تىلىڭلارنى يوقاتساڭلار، ھەممە نەرسەڭلارنى يوقاتقان بولىسىلەر، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىشلار بار» دېدى.
يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بىرىنچى مەيدان مۇھاكىمە يىغىنى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، يەنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى تېمىسىدا بولدى.

مۇھاكىمىگە قاتناشقان مۇتەخەسىسلەردىن ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت خاراكتېرلىك ھۇجۇمى ھەققىدە مۇھىم پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئادرىيان زېنز سۆزىدە، 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە نوپۇس كۆپىيىشى 73 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ، 2019-يىلدىمۇ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتكەنلىكى، مىليونلىغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئەنگىلىيە شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى لېكتورى دوكتور داۋىد توبىن (David Tobin) دۆلەت ھالقىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلىدى.
ئۇ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشمىغان دەرىجىدە خىتاينىڭ كۆزىتىشى، كونترول قىلىشى ۋە تەھدىت سېلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالمايۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھېچكىمگە ئۇنداق مۇنداق دەپ باھا بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئۇيغۇر رادىيوسىنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ئويناۋاتقان رولى، خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا قوشقان تۆھپىسى، شۇنداقلا رادىيونىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە ئىشلىتىشتە كۆرسىتىۋاتقان ئىجابىي تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى بىلەن شۇ دۆلەت مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە چەت ئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى، يەنى ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيتىنى ساقلاپ قالماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولىنى بايان قىلدى.
ئۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئەشەددىي دۈشمەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش ياكى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ كەينىدىكى سۈيقەستنى چۈشىنىش كېرەكلىكىنى، ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشىنىپ، ئادالەتسىزلىككە، زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ پەرز، تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى قوغداپ قېلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە بالىلارغا ئۇيغۇر تىل ئۆگىتىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىسلامىي مەدەنىيەتنى بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزگەنىدى. بۇ قېتىم ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى مۇھىم تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە جارى قىلدۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىندى.