ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش ساھىبخانىلىقىدا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە 8-ئىيۇلدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان «ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەركىزىي تېما نۆۋەتتىكى مەۋجۇت رېئاللىقتا، شۇنداقلا مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى چەكلىك شارائىتتا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى بولدى. بولۇپمۇ يىغىننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى، مۇستەقىل مائارىپ سىستېمىسى ۋە يېتەرلىك مائارىپ راسخوتى بولمىغان ئەھۋالدا «سۈكۈتتىن ھەرىكەت ياخشىراق» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈشنى ئەۋزەل، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەردە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۆز تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ ساھەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولغان بەزى ئۇسۇللارنى شەرھلەپ ئۆتتى.
دوكتور مەغپىرەت كامال ۋە ئەركىن ئەمەتنىڭ رەئىسلىكىدە داۋام قىلغان 3-باسقۇچلۇق مۇھاكىمىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى تەجرىبىلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى پائالىيەتلەر ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. قازاقىستاندىكى «كىچىك ئاقسۇ ئۇيغۇر مەكتىپى»نىڭ ئوقۇتقۇچىسى رۇقىيەم ئىسمايىلوۋنا، ئىسسىقكۆل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەيفۇللا ئابدۇللايېۋ قاتارلىقلار تۈركىي تىللىق زور مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا خاس تىل ۋە مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى مەۋجۇت پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت-ژۇرناللار ۋە كىتابلارنى نەشر قىلىش، مىللىي تىل ۋە مەدەنىيەتنى ئاساس قىلغان پائالىيەتلەرنى سەھنە ئەسەرلىرى شەكلىدە نامايان قىلىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسخانىلارنى ئېچىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تىل مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر مۇھىم چارە ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىش بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىرقەدەر كۆپ ساندا بولغان ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق جايلاردا ئوخشىمىغان كۆلەمدىكى مۇنتىزىم ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ھەمدە مۇنتىزىم ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈش خىزمىتىدە مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەر جەريانىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى راھىلە قەشقىرى، ئاۋسترالىيەدىكى سىدنېي ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سەلىمە كامال، ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى «غەمگۇزار ئانا» مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈرىيە ئابلىمىت، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پەرىدە نىياز قاتارلىقلار ئۆز تەجرىبىلىرى ئاساسىدا بۇ ساھەدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەمدە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
ئۇلارنىڭ ئورتاق قارىشىچە، مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش نۆۋەتتە زۆرۈرىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇنتۇلۇشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ئەنئەنىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتەلمەسلىكىگە يول ئاچىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل. ناۋادا بۇ ھال روياپقا چىقسا ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارغا خاس مىللىي كىملىكنى تەشكىل قىلغۇچى مىللىي روھ، مىللىي ئىپتىخارلىق چۈشەنچىسى، يىلتىز ئېڭى، ۋىجدان ۋە مىللىي ئارزۇ دېگەنلەر تامامەن ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. مىللىي تىل يوقالسا ئۇيغۇرلارمۇ يوقىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قېلىش نۆۋەتتە ھەممەيلەن ئورتاق باش قاتۇرىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىشى لازىم.
ئەنە شۇنداق تەخىرسىزلىك تۈپەيلىدىن بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەر قاتارىدا بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدا يەنە كۆپلىگەن خىرىسلار ۋە مەسىلىلەر ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلالماسلىقى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسلىق تىل بولماي قېلىشى، ئاتا-ئانىلاردىكى ئانا تىل مۇھەببىتىنىڭ كەملىكى، سىستېمىلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ يېتىشسىزلىكى قاتارلىقلار بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەل قىلىش چارىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشنى يالغۇز تىل مەكتەپلەرگىلا ھاۋالە قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، ھەممىلا ئائىلىدە ئۇيغۇرچە تىلدا سۆزلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شۇ ئارقىلىق بالىلاردا ئۇيغۇرغا بولغان مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈش، ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرىغا ئۇيغۇنلىشالايدىغان سىستېمىلىق دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈپ چىقىش، مالىيە جەھەتتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىش قاتارلىقلار قىزغىن ئالقىشلاندى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەسىرلەر بويى ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن ئەقىدە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ 4-باسقۇچىدا ئۆز ئەكسىنى تاپتى. ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۆز-ئۆزىگە تايىنىشتىن باشقا ئىلاج بولمىغان شارائىتتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بۇ جەھەتتە دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق تورى ئورنىتىشى بىردەك بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم چارە، دەپ قارالدى. دوكتور مەمەت ئىمىن، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت، مەمتىمىن ئابباس ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىقلار رەئىسلىكىدىكى بۇ باسقۇچتا ياۋروپادىن تاكى ئامېرىكا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىگىچە بولغان جايلاردىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقالغان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بۇ جەھەتتىكى ئىش بىرلىكىنى ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدە بولسىمۇ روياپقا چىقىرىش مۇھىم تېما قاتارىدا مۇھاكىمە قىلىندى. بۇنىڭدىكى كونكرېت تەدبىرلەر قاتارىدا مەدەنىيەت مەركەزلىرى تەسىس قىلىش، تەشكىلاتلار ئارا «باشقىلار قىلالمىغاننى مەن قىلاي» دېگەن ئىدىيە بويىچە ئىش كۆرۈش، ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، تور ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى بىر تۇتاش سىستېمىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىن مۇھاكىمە باسقۇچلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن 9-ئىيۇلدىن باشلاپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىككى كۈنلۈك مۇزاكىرە ۋە ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇزاكىرىنىڭ 1-باسقۇچىدا ئىككىنچى ئەۋلاد ۋارىسلارنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىشىگە دائىر مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدا ئامېرىكا درېكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى رىبېككا كلوسىي (Rebecca Clothey) نۇقتىلىق قىلىپ ھاۋاي خەلقىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قانداق ساقلاپ قالغانلىقى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە ھاۋاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۆرنەك ئېلىشقا بولغۇدەك بەزى ئەھۋاللار مەۋجۇت. بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار 1890-يىللاردا ھاۋاي پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن بۇ جاينىڭ «ئامېرىكالىشىشى» باشلانغان. 1896-يىلى ھاۋاي تىلى رەسمىي ھالدا مائارىپ ساھەسىدە مەنئى قىلىنغان؛ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىلەردە ھاۋاي تىلىدا سۆز قىلىشى چەكلەنگەن؛ 1900-يىلى ھاۋاي رەسمىي ھالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسا 1920-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ھاۋايلىقلار ئۆز تىلىدا راۋان سۆزلىيەلمەس بولغان. ئەنە شۇنداق ھالدىكى ھاۋايلىقلار پۈتۈنلەي جامائەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۆز ئانا تىلىنى كېيىنكى ئەۋلاد ھاۋايلىقلارغا يەتكۈزەلىگەن. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت بۇ خىل تىل كۈرىشىگە يول قويمىسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھاۋايلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئىگە بولغان شارائىتلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئىگە. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈپ بېرەلىشى تامامەن مۇمكىن.

گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىنىڭ 2-باسقۇچىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتابىنى تۈزۈپ چىقىش مۇھىم تېما بولدى. گەرچە ھازىر ھەرقايسى جايلاردا ئانا تىل مەكتەپلىرى قۇرۇلغان ھەمدە قۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇنتىزىم ۋە بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك كىتابىنىڭ بولماسلىقى ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى بىر مۇھىم توسالغۇغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنە قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق بىلىملەردىن باراۋەر ساۋاق بېرەلەيدىغان بىر يۈرۈش دەرسلىك كىتاپ قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئوخشاشلا مۇھىم.
ھازىرغا قەدەر مۇھاجىرەت مۇھىتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئەڭ زور مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتقان ئامىلنىڭ ئىقتىسادىي مەنبە ئىكەنلىكى يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان رېئاللىق ھېسابلىنىدۇ. يىغىن مۇزاكىرىسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىدا دەل مۇشۇ مەسىلە مەركىزىي مۇھاكىمە تېمىسى بولدى. مۇتەخەسسىسلەردىن گەيۋىن خېلف (Gavin Helf)، ھەمدى كاراكال (Hamdi Karakal)، ئابراھام ئارمستروڭ (Abraham Armstrong)، مەمتىمىن ئابباس، بارات ئاچىنۇق قاتارلىقلار غەرب دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇشۇ خىل تۈرلەرگە ياردەم بېرىشنى نىشان قىلغان تۈرلەر ھەمدە ئۇلارغا قانداق ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بەردى. بولۇپمۇ بۇ خىل پىروگراممىلار ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش ھالاكەت باسقۇچىغا كېلىپ قالغان تىل ۋە مەدەنىيەتلەرنى قوغداشقا بېغىشلانغان بولغاچقا مۇۋاپىق شەكىلدە ھەمدە كىشى قايىل بولغۇدەك مەزمۇندا يېزىلسىلا كۆپىنچە ھالدا تەستىق ئالىدۇ ھەمدە بەلگىلىك ساندا مەبلەغ بېرىلىدۇ. بۇ خىل مەبلەغلەر ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلدۇرۇشقا بولىدۇ.
گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسى 10-ئىيۇل يەنە بىر كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، يېقىندا تەييارلانغان ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتاب ھەققىدە پىكىر ئېلىش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قانداق قىلىپ بىر مۇكەممەل سىستېمىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.