كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ پائالىيىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.07.01
qazaqistan-uyghur-tiyatiri-1.jpg ئۇيغۇر تىياتىرى كوللېكتىپىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىلغان سەپىرىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل تاشكەنت.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، بەزى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن دۇنياغا تارقالغان دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەر يۈزىنىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرىدە مۇشۇ يىلنىڭ مارت ئايلىرىدىن تارتىپ بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. شۇ جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ياشايدىغان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە پەۋقۇلئاددە ھالەت، كارانتىن تەرتىپلىرى ئېلان قىلىندى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى خەۋپىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كۆپلىگەن چارىلەر قوللىنىلىپ كەلمەكتە. بۇ چارىلەر باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ھاياتىغا ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىمۇ پەۋھۇلاددە ھالەت ھەم كارانتىن تەرتىپى سەۋەبىدىن بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر تىياتىرى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان پەۋقۇلئاددە ھالەتتە قانداق ئىشلەۋاتىدۇ ھەم قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ كېلەچەككە قانداق پىلانلارنى كۆزلەۋاتىدۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ھازىرقى مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروف ئەپەندى تىياتىر بىناسىنىڭ 2018-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ چوڭ رېمونتتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتۈش كېرەك ئىدى. قۇرۇلۇشقا ئۆزۈم باش بولۇپ قاراۋاتىمەن. پەۋقۇلئاددە ھالەت ۋە كارانتىن بولغاچقا ئىشىمىز سەل ئاقسىدى. سەۋەبى قۇرۇلۇشچىلار ۋە ئىشچىلار شەھەر سىرتىدا تۇرىدىكەن. بىز مەدەنىيەت مىنىستىرىغا ۋە مىمارچىلىق-قۇرۇلۇش ئىدارىسىگە خەت يېزىپ، تىياتىرىمىزنىڭ قۇرۇلۇش قەرەلىنى ئۇزارتىپ بېرىڭلار دېدۇق. ھازىر تىياتىرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى 80-85 پىرسەنتكە تۈگىدى.»

ساۋۇتجان سونۇروف تىياتىر بىناسىنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشىنىڭ خېلى ئۆزگەرگەنلىكىنى، رېمونتنىڭ تېزرەك پۈتۈپ، ئادەتتىكىدەك مۇشۇ يىلنىڭ 10-11-ئايلىرىدا ئېچىلىدىغان يېڭى مەۋسۈمدە تىياتىر مۇخلىسلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بۇ يىللىق تەييارلىقلىرى، ئۇنىڭ پروگراممىسىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تىياتىرنىڭ بەدىئىي رەھبىرى، قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى مۇرات ئەخمەدىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «كارانتىن ۋاقتىدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىشلىدۇق. كارانتىن تۈگەپ ماي ئېيىنىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۇق. ھەممىمىز كەلمەستىن، 30 پىرسەنتچە ئادەم يىغىلىپ تۇردۇق. بىرىنچى چارەكتە «ئانارخان» ئەسىرىنى ئۆتكۈزۈپ قويدۇق. ھازىر «12 مۇقام» نىڭ 1-2-مۇقاملىرىنى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزدۇق. سەھنىنى ياساپ، پۈتتۈرۈپ بەرسە، «دەتتىكام» ئەسىرىنىمۇ ئاۋغۇست ئېيىدا رەسمىي كۆرسىتىمىز.»

مۇرات ئەخمەدىيېف يەنە مۇبادا سېنتەبىر ئېيىدا كارانتىن تەرتىپى ئېلىپ تاشلانسا، بۇ ئەسەرلەرنىڭ، شۇنداقلا «ناۋا» ۋە «رۇخسارە» ئانسامبىللىرىنىڭ يېڭى كونسېرت پروگراممىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىياتىرى بىناسىدا قويۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ۋەزىيەت ياخشى بولغان تەقدىردە مۇشۇ يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا ئالمۇتادىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا «تەبەسسۇم» ئويۇن-كۈلكە پروگراممىسىنى قويۇشنىڭ پىلانلانغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ كۆپلىگەن ئارتىسلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا تاشكەنت ۋە ئالمۇتادىكى سەنئەت مەكتەپلىرىنى تاماملىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ كۈنگىچە ئىشلىمەكتىكەن. كېيىنكى يىللاردىمۇ تىياتىر كوللېكتىپىنى يېڭى سەنئەتكارلار بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.

ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش رېزھىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىياتىرىنى ياش كادىرلار بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئاچقان ئىكەن.

يالقۇنجان شەمىيېف مۇنداق دېدى: «ئۇ ۋاقىتلاردا بالىلار ياخشى مۇئەللىملەردە ئوقۇغان، بىراق كۆپى چەتكە كېتىپ قالغان. ياشلار ئاز بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن 1988-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، بىرىنچى قېتىم ئاچقان ئىدۇق. ئۇلار 1993-يىلى پۈتتۈرگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا قىيىنچىلىق زامان ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ بەزىلىرى باشقا ياققا كەتتى. 1997-يىلى يەنە قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بۈگۈنكىچە تىياتىردا ئۈنۈملۈك ئىشلەۋاتىدۇ.»

يالقۇنجان شەمىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلىمۇ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا ياشلارنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى كېتىپ بارغان ئىكەن. كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ ئوقۇشقا چۈشكۈچىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق 7-ئىيۇلغىچە سۆھبەتكە قاتنىشىدىكەن. ئوقۇشقا ئېلىنىدىغان بالىلار سانى 10 بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ھېسابىغا ئوقۇيدىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى پۇل ھېسابىغا ئوقۇش گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەش ئىشلىرىمۇ يۈرگۈزۈلمەكتە.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دەسلەپكى ئورۇنلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئالمۇتا شەھىرىدە پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى 1934-يىل ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ سەھنىسىدە تۇنجى قېتىم «ئانارخان» كلاسسىك ئەسىرى قويۇلغانلىقتىن ھازىرغىچە تىياتىرنىڭ ئېچىلىش مەۋسۈمىنى «ئانارخان» دراما ئەسىرى بىلەن باشلاش ئەنئەنىگە ئايلانغان. ھازىر تىياتىردا ئومۇمەن 180 ئادەم ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىي كوللېكتىپى 120 ئادەمنى تەشكىل قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.