دۇنيادىكى ئەڭ كونا كەسپىي ئۇيغۇر تىياتىرى ھېسابلىنىدىغان قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكەن ئاساستا ئۆزىنىڭ 87-يىلىلىق دراما ۋە كونسېرت پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. ئۇلار بۇنى 1930-يىللاردا ئورۇندالغان ئۇيغۇر كلاسسىك درامىسى- «ئانارخان» نى ئورۇنداشتىن باشلىدى.
مەلۇمكى، مۇشۇ يىلى ئەتىياز پەسلىدە دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىمۇ بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە دەسلەپتە پەۋقۇلئاددە ھالەتنىڭ، ئاندىن كارانتىن تەرتىپىنىڭ ئېلان قىلىنىشى جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىگە، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىگە ئۆزىنىڭ قاتتىق تەسىرىنى يەتكۈزدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىغىمۇ بەزى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. جۈملىدىن ھەر يىلى ئۆزىنىڭ يېڭى مەۋسۇمىنى ئېچىپ، مىڭلىغان تاماشىبىنلارنى ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ باي مىراسى بىلەن تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىمۇ بۇ يىلقى مەۋسۇمىنى، يەنى بۇ يىللىق سەنئەت پروگراممىلىرى ئەنە شۇ بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قاتتىق ساقلىغان ھالدا باشلاشقا مەجبۇر بولدى. تىياتىرنىڭ بۇ يىلقى يېڭى 87-مەۋسۇمى 28-نويابىر باشلاندى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز تىياتىر رەھبەرلىكىنى زىيارەت قىلىپ، تىياتىرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتۇق.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىياتىر مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروف ئەپەندى ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان تىياتىر بىناسىدا چوڭ رېمونت ئىشلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈپ، مۇشۇ يېقىندا تامالىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز تىياتىرنى ۋابا سەۋەبىدىن يەنە يېپىلىپ قالمىسۇن دەپ، سەل ئالدىراپ ئاچتۇق. لېكىن تىياتىر رېمونتى 95 پىرسەنت تۈگىدى. بىزنىڭ ئاساسىي كۆڭۈل بۆلگەن يېرىمىز سەھنە ۋە تاماشىبىن ئولتۇرىدىغان زال بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز لايىھە قۇرۇلغاندەك تىياتىرنى ياساپ چىقتۇق. تىياتىرغا ھۆكۈمەتتىن ناھايىتى جىق مەبلەغ بۆلۈندى. لېكىن 2014-يىلى بىر دوللار 150 تەڭگە بولغان بولسا، ھازىر 400 نەچچىگە چىقتى. لېكىن بىز شۇ يىلى سورىغان ئاقچىدىن چەتكە چىقماي، شۇنى يەتكۈزۈپ، تىياتىرىمىزنى پۈتتۈرۈۋالدۇق. مېنىڭ بىرىنچى خۇشال بولغان يېرىم مۇشۇ».
ئۇ رېمونت باشلانغاندىلا تىياتىر مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىدا بولۇپ، پۈتكۈل رېمونت ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بارلىق تاماشىبىنلار، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار نامىدىن مەملىكەت رەھبەرلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
ساۋۇتجان سونۇروف تىياتىر مەۋسۇمى باشلانسىمۇ، ئەمما بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ قەتئىي ساقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سەنئەتخۇمار ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرى ئۈچۈن بۇ يىلى، يەنى تىياتىر قۇرۇلغان 87-يىلىدا كۆرسىتىدىغان پروگراممىلار ھەققىدە توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «تىياتىر شەخسىي بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، تىياتىر ئۇ خەلقنىڭ. بىزنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە غەمخورلۇقى خەلق ئۈچۈن. مانا بۈگۈن ئۈچىنچى كۈن ‹ئانارخان› كلاسسىك، مۇزىكىلىق دراما بىلەن ئۆتمۈشىمىزنى كۆرسىتىۋاتىمىز. چۈنكى ‹ئانارخان› تىياتىرىمىزنى بىرىنچى قېتىم باشلىغان ئەسىرىمىز. مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر شەنبە ۋە يەكشەنبە ئويۇنلار بولىدۇ.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى مۇرات ئەخمەدىيېف ئەپەندى ھازىرقى ۋاقىتتا تىياتىردا ئىشلەۋاتقان ئارتىسلارنىڭ كەسپىي ماھارىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «1960-يىللىرى تىياتىردا 75-80 پىرسەنت ئارتىسلار ھەممىسى تىياتىر ئىنستىتۇتىنى تۈگەتمىگەن، مەخسۇس ئوقۇمىغان ئادەملەر ئىشلەتتى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغما تالانتلىق ئىدى. ئۇلار تىياتىرغا بولغان مۇھەببىتى ئارقىلىق كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. ھازىرقى ۋاقىتتا ئارتىسلىرىمىز پۈتكۈل 100 پىرسەنت دېگۈدەك ئالىي بىلىملىك. ئەڭ تۆۋەن دېگەندە، سازەندىلەر مۇزىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر. ئەنە شۇ يېڭى كەلگەن بالىلار، مەن بەدىئىي رەھبەر رېتىدە ئېيتالىشىم مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تالانتلىق. ئۇلار تىياتىردا ئىشلەپ، سۆيۈملۈك ئارتىس دەرىجىلىرىگە يەتكەن ئاكىلىرىمىزنىڭ، ھەدىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىرىنى ئىگىلىدى، دەپ ئوچۇق ئېيتالايمەن».
مۇرات ئەخمەدىيېف ياشلارنىڭ دائىم ئىزدىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كادىر مەسىلىسىنىڭمۇ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدىكى چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىدە ۋە شۇنداقلا جۈرگېنېف نامىدىكى سەنئەت ئاكادېمىيەسىدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تىياتىرى 1934-يىلى «كۆك كۆڭلەكلەر» بەدىئىي ھەۋەسكارلار گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيىتى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەنىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئارتىسلار، كومپوزىتورلار، سازەندىلەر، ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار يېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قازاقىستان خەلق ئارتىسى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى دېگەنگە ئوخشاش يۇقىرى ئاتاقلارغا ئېرىشكەن.
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى ھەر يىل ئۆزىنىڭ شۇ يىلى ئورۇندايدىغان دراما، كونسېرت ۋە باشقا پائالىيەت پىلانلىرىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتە تىياتىرنىڭ يېڭى مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تىياتىر ھازىرغىچە «ئانارخان»، «غەرب-سەنەم» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى ۋە باشقا يۈزلىگەن ھەر خىل ماۋزۇدىكى دراما ئەسەرلىرىنى ھەم كونسېرتلارنى ئورۇندىدى.