«ستراسبۇرگ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بايانلىرى

0:00 / 0:00

فرانسۇز ياشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ستراسبۇرگ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق تەشكىلات ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى كۆرەش قىلماقتا.

د ئۇ ق مەركىزىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى مەركىزى ۋە قارار ئېلىش ئورگىنى جايلاشقان فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھرىدىكى بىر بۆلۈك ياشلار بۇندىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى ئۆزلىكىدىن قوزغىلىپ، «ستراسبۇرگ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى كۆرەشكە ئاتلانغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى فرانسىيەدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرگە تەۋە بولغان، كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئاساس قىلىدىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىگە ھېسداشلىقى قوزغالغان، خىتايغا بولغان نەپرەتلىرى كۈچەيگەن بۇ ياشلار ئالدىنقى ئايلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، فرانسىيەدە زور تەسىر قوزغىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا «ستراسبۇرگ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق بۇ تەشكىلاتنىڭ 9 نەپەر رەھبەرلىرى 15 - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىگە يېتىپ كېلىپ، د ئۇ ق مەركىزىنى زىيارەت قىلغان، ئۇيغۇرلار خۇسۇسىدا سۆھبەتلەردە بولغان ھەم ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تەگكەن.

بىز بۈگۈن «ستراسبۇرگ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق بۇ تەشكىلاتنىڭ بەزى رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ھەرىكەت قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى ۋە د ئۇ ق مەركىزىنى زىيارەت قىلىشتىن ھاسىل بولغان تەسىراتلىرى توغرىسىدا سوئاللار سورىدۇق.

«ستراسبۇرگ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى بولغان چەيما خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت بىزنىڭ جىددىي دىققىتىمىزنى چەككەن نازۇك تېما بولدى. بىز ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ئۇ پەيدا قىلغان قاباھەتنى قوبۇل قىلالمىدۇق. بىز فرانسىيەلىكلەر مائارىپ تەربىيەسىدە كىشىلىك قىممەت قاراشلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋە قوغداشتىن دەرس ئالىمىز. بىزنىڭ كىشىلىك ھەقلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.»

c.jpg

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان تولگا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرى بىزنى قاتتىق تەسىرلەردۈردى ۋە بىزنىڭ تېخىمۇ جانلىق ھەرىكەت قىلىش ئىرادىمىزنى كۈچلەندۈردى. بىز بارغانسېرى سېپى كېڭىيىۋاتقان بىر قوشۇن. بىز ئۆزىمىزگە نېسىپ بولغان ھەرقانداق يىغىلىش پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەشۋىق قىلىشنى قولدىن بەرمەسلىك قارارىغا كەلدۇق ۋە پائالىيەتلىرىمىز شۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى تەشۋىق قىلىۋاتىمىز. ستراسبۇرگدىكى خۇاۋېينىڭ زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بىز يەنە ستراسبۇرگدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن جىددىي تېما. بىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلىرنى ئېلىپ بارىمىز.»

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك قىزى ھۈليا خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بىز ميۇنخېن زىيارىتىدە د ئۇ ق رەئىسى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتىۋېلىندۇق ۋە كۈچلۈك ئىلھامغا ئېرىشتۇق. د ئۇ ق رەئىسى بىزگە ھەقىقەتەنمۇ زور مەدەت بەردى ۋە بىزنى باشقىدىن جانلاندۇردى. ئۇنىڭ بىزدىن كۈتكەنلىرىنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانلىرىمىز بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز. بىز د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقمىزدىن كۆپ مەمنۇنلۇق ھېس قىلىۋاتىمىز. بىز بۇندىن كېيىن قانداق ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىمىزنى د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە تەپسىلىي مەلۇم قىلدۇق. ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقىلىق بولغان ھەرقانداق سورۇنلاردا بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. رەئىسنىڭ ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر توغرىسىدىكى بايانلىرى بىزنىڭ غەيرىتىمىزگە غەيرەت قوشتى. مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلالىغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن.»