ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياشاپ، بۇ رايوندىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۇيغۇر ئېلىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شۇنداقلا تەرەققىيات جەھەتتىنمۇ بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇنىڭغا مەملىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي مەكتەپلىرى، مەتبۇئاتى، ئەدەبىياتى، ئىلىم-پەنى ۋە سەنئىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى دەلىل بولالايدۇ.
مەتبۇئات سەھىپىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاق خەلقى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ئارىلىشىپ، بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ ياشلارغا بولغان ئىشەنچ-ئۈمىد بارغانسېرى ئاشماقتا. قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 2019-يىلنى «ياشلار يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ مەسىلە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدىن سىرت قالمىدى. يېقىندا جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە «ياشلار يىلىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق تەكلىپىڭىز بار؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا ھەر ساھەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر-تەكلىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئۇلار مىللىي مائارىپنى ساقلاش، ياشلاردا مىللىيلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەربىيەلەش، بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلدۈرۈش، ياشلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىقنى يوقىتىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىش، مىللىي قەدرىيەتلەرنى ساقلاش ھەم تەرەققىي ئەتكۈزۈش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر بويىچە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار، بولۇپمۇ يېزا ياشلىرىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىش ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن ئىدى.
بىز شۇ مۇناسىۋەت «ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تەقدىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ياشلىرى نېمە ئويلايدۇ؟»، ئۇلارنى «كۆپرەك نېمە بىئارام قىلىدۇ؟»، دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار ياشلارنى سۆھبەتكە تارتتۇق.
ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ ئىسمائىل ساتتاروف نامىدىكى غەيرەت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پېداگوگ-ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ھازىر قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر تەقدىرىنىڭ ئويلاندۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مىللەت تەقدىرى! ئۇنىڭ يوقىلىشىمۇ، راۋاج تېپىشىمۇ ۋىجدانىمىزغا باغلىق. مىللەتنىڭ تەقدىرىگە ۋايىم قىلساق، مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ ساقلىنىشىنى ئويلىساق، ئەڭ ئاۋۋال ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئانا تىلىمىزسىز بىز تىرىك يېتىم. ئانا ۋەتىنىمىزدە مىللەت تەقدىرى دوغا تىكىلىۋاتقان پەيتتە قازاقىستان دۆلىتى يارىتىۋاتقان مۇمكىنچىلىك-شارائىتلارنى توغرا ۋە ئىزچىل پايدىلىنىپ، ئۆزلۈكىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا بار كۈچ-غەيرىتىمىزنى سېلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. ئۇنىڭ بېشىدا، ئەلۋەتتە، زىيالىيلار تۇرۇشى ئەۋزەل. ئۇلارنى ئەگىشىپ ئاۋام خەلق ئويغىنىدۇ. ياشلار ئۆگىنىدۇ».
ئالمۇتا شەھىرى ئەدلىيە شىركىتىنىڭ خادىمى ئېلەمجان تالىپوف مۇنداق دېدى: «ئاساسىي مەقسىتىمىز كېلەچەكتە مىللىي روھىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش. مىللىي روھىمىز، ئانا تىلىمىزنى ۋە بىباھا مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىز مىللىي مائارىپقا كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ھازىرقى ۋەزىيەت باشقا مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان قانداشلىرىمىزنىمۇ تەشۋىشلەندۈرمەكتە. روھ ئۆلمىسە، مىللەتمۇ ئۆلمەيدۇ.»
تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخچى ئالىمە زۇلپىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ھەر ساھەلەر بويىچە جۇشقۇن راۋاجلانغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆزۈمنىڭ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا كۆپ يىللار بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى قازاقىستاننىڭ بىر پۇقراسى سۈپىتىدە ئۆز ۋاقتىدا ئاكادېمىكلار غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، ئابدۇۋەلى قايداروف، شۇنداقلا مالىك كەبىروف، داۋۇت ئىسىيېفقا ئوخشاش ئاتاقلىق ئالىملىرىمىز ھۈلىنى سالغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ كېلەچىكى بەك تەشۋىشلەندۈرىدۇ. ئومۇمەن ئالساق، ھازىر ياشلار ئارىسىدا ئىلىمغا بولغان قىزىقىش بەك كېمىيىپ كەتتى. ھازىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ سانى بەك ئاز. كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ ئورنىنى كىم باسىدۇ؟ دېگەن تەشۋىش بار. يەنە بىر ئېيتىپ كېتىدىغان نەرسە، ئۇيغۇر ئالىملىرى ئاساسەن تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ياشايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇلار بىلەن بولغان ئالاقىلىرىمىز تامامەن ئۈزۈلدى. ئىلمىي ئالاقە بولمىسا تەرەققىيات ھەرگىز بولمايدۇ. ئاتاقلىق ئالىملىرىمىزنىڭ تۈرمىلەرگە، لاگېرلارغا قامالغانلىقى بىزنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئىلمىنىڭ تەقدىرىمۇ خەلقىمىز تەقدىرىنىڭ بىر بۆلۈكى.»
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئىلزات جالالوف قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە بىرىنچى نۆۋەتتە مىللىي مائارىپنىڭ كېلەچىكى كۆپرەك ئويلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سەۋەبى مىللىي كىملىكىمىز شۇنىڭ بىلەن ئۆلچىنىدۇ ئەمەسمۇ؟! . ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا پۈتكۈل خەلقىمىزنى، شۇ جۈملىدىن بىز، ياشلارنى، تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە باشقىمۇ قانداش مىللەتلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى بەك ئويلاندۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى جازا لاگېرلىرىنى ئېچىپ، ئۇ يەردە قىيناش، كەمسىتىش، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق دىنىمىزنى يوقىتىپ، تىلىمىزنى، دىلىمىزنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەھۋالىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ئېغىر. خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، بارلىق خەلقئارا ۋە ئىنسان ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز.»
ئىلزات جالالوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى كېيىنكى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ يېقىندىن ئارىلاشماقتىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر ۋاقىتتا بىز قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەخمەتوف باشچىلىقىدا قازاقىستان قانۇنلىرى دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ياشلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە ۋەتەن داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئايرىم شەخسلىرىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە جەلپ قىلىۋاتىمىز ھەمدە ئۆزىمىزمۇ شۇلارغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا تىرىشىۋاتىمىز. يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ماۋزۇسىدىكى يىغىنغا قازاقىستاندىن 15 ئادەم قاتنىشىپ كەلدى. بىز شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ياشلار ئارىسىدا ئانا تىلىمىزنى، تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى تەرغىب قىلىش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتىمىز. مىللىتىمىزنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ياشلاردا بولغانلىقتىن بىلىملىك، مىللەتپەرۋەر، ئىشبىلەرمەن ياشلىرىمىزنى تەربىيەلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تورلار ۋە ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىپ تۇرماقتا. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇنداق خاتىرىلەش مۇراسىملىرىغا كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتىكەن.
0:00 / 0:00