«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتتى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.09.10
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنجى قېتىملىق ۋە شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 10-سېنتەبىر رەسمىي باشلاندى.
Social Media

داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايىس باشچىلىقىدا ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنجى قېتىملىق ۋە شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 10-سېنتەبىر رەسمىي باشلاندى. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئادۋوكاتى ھامىد سابى مەزكۇر يىغىنغا جەمئى 27 مۇتەخەسىس ۋە سەككىز گۇۋاھچىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ھېچقانداق ماددىي پايدا ئالمايدىغان يەتتىدىن ئارتۇق ئادۋوكات ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بىر سوت كوللېگىيەسى ئىكەن. مەزكۇر سوت كوللىگېيەسى ھېچقانداق بىر دۆلەت، تەشكىلاتقا باغلىق بولمىغان مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى بولۇپ، ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئەمەسلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

جېففىرىي نايىس ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسىنىڭ مەقسىتى بۇ يىل 4-ئىيۇن كۈنىدىن 7-ئىيۇن كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ۋە نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا توپلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلارغا تايىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئىكەن.

ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە لوندون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا باشلاندى. ئالدى بىلەن ئاۋسترالىيەلىك مېھرىئاي مېزېنسوف خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان يولدىشى مىرزات تاھىر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يولدىشى مىرزات تاھىر تۇنجى قېتىم 2017-يىلى 4-ئ‍ايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ ئ‍ۆتكەن يىلى 9-ئايدا 3-قېتىم قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ يىل 4-ئايدا 25 يىللىق كېسىلگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «يولدىشىمدىن ۋە باشقا گۇۋاھچىلاردىن ئاڭلىشىمچە، ئۇلار (تۈرمىدە ۋە ياكى لاگېردا) ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، دىنىنى، مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر قىلىنىدىكەن. يەنى ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن.»

مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر مىھرىئاي خانىمدىن يولدىشى ھەققىدە ۋە يولدىشى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرمە سىسىتېمىسى ھەققىدە ناھايىتى ئىنچىكە سۇئاللارنى سوراشتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونيەدە تۇرۇشلۇق خالمەت روزاخۇن يۇرتىدىكى ئاكىسى ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىدىن تاپشۇرۇۋالغان خىتاينىڭ ۋىدېيولۇق تەھدىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. خالمەت ئەپەندى خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان قارا قولى ئارقىلىق ئۆزىگە ئوخشاش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر تۈرلۈك بېسىم قېلىۋاتقانلىقنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن كېيىن مۇتەخەسىسىلەردىن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەلىس ئاندېرسون گۇۋاھلىق بەردى. دوكتور ئەلىس ئاندېرسون UHRP نىڭ 2020-يىلدىكى «ئىدىيەۋى ئۆزگەرتىش» دوكلاتىدا خۇلاسىلەنگەن مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى. مەزكۇر دوكلات خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەققىدە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىەسىدىكى بوستان يزىسىدىنلا 311 كىشى تۇتۇلغان. تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر. خىتاي دائىرىلىرى ‹ئۇيغۇرلار ئەركىن› دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئەركىن ئەمەس.»

ئەلىس خانىمدىن كېيىن شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئوقۇتقۇچىسى دەۋىد توبىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بىڭتۈەن- «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نىڭ رولى ۋە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلەرنى قانداق يولغا قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تېڭ بياۋ ئەپەندى خىتاينىڭ تارىخىتىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ جازا لاگېرلىرى، ئاتالمىش ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نىڭ ھەممىسدە ھەر خىل قىيناش ئۇسۇللىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، لېكىن ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى، بۇ جايلاردا باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي خورلاش تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلدى.

يېقىندا نەشىردىن چىققان «قىزىل قىيامەت» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا «سۈكۈت قىلىشى» نى سېتىۋالغانلىقىنى مىساللار بىلەن شەرھىيلەپ ئۆتتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خانىم پەقەت ئاۋازلىق گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش سىسىتېمىسى بولغان «ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى (IJOP)» ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە IJOP سىستېمىسى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىش ۋە ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىسىتېمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر رايوننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ‹گۇناھسىز› لىقى ئىسپاتلانغانغا قەدەر ‹گۇناھكار› دەپ قارالغان.»

يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار نەشر قىلىنىدىغان تور ژۇرنىلى «خىتاي ھۆججەتلىرى» (ChinaFile) نىڭ ئالىي مۇھەررىرى جېسىكا باتكې خانىم بولۇپ، ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىنچىكە مەلۇمات بەردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يوقىرى دەرىجىلك ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر كادىرلارغا ئورۇن يوق. يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە خىتايلار ھوقۇق تۇتىدۇ. بۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلغان بالىلار ياتاقلىق مەكتەپكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. خىتاينىڭ باشقا ھېچقانداق جايلىرىدا بۇنداق ياتاقلىق مەكتەپ يوق. بۇ پەقەت ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پەقەتلا خىتايچە سۆزلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر سىستېما. ئاتالمىش ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› ھەرىكىتى پەقەت مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بىر خىل شەكلى. كىشىلەر لاگېرلارغا ئەۋەتىلىدۇ، ئاندىن زاۋۇتلاردا ئىشلىتىدۇ.»

گۇۋاھلىق بېرىشكە قاتناشقانلاردىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئادۋوكاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسىلەر تەرەپسىز ھالدا ناھايىتى ئىنچىكە سۇئاللارنى سوراشتى. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ھەر بىر سۇئالغا ئەستايىدىل جاۋاب بەدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ھۇجۇم قىلغان ئىدى. 9-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يەنە بېيجڭدا «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 54-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى قۇرغان ئاتالمىش ​​‹ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى› ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئاچىدىكەن. بۇ سوتنىڭ خەلقئارا قانۇندا ھېچقانداق قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس، ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر شەكىلدە گۇۋاھلىق ئاڭلاش ھوقۇقى يوق،» دېگەن. خىتاي تەشۋىقات ماشىنىلىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا ھۇجۇم قىلغاندەك، بۇ قېتىممۇ تەرەپ-تەرپتىن تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلىغان.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ھامىد سابى ئەپەندى ئالدىنقى قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› دائىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. خىتاي بىزگە جازا ئېلان قىلدى، تېلېفۇنلىرىمز قالايمىقان ئۇچۇر، ئېلخەتلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇمچىلىرى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقانلارنىڭ سىياقىدا بىزنىڭ بېتىمىزگە ھۇجۇم قىلدى. بىز ئىزچىل خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىزنىڭ ئاخىرىقى قارارىمزغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› تەرەپسىزلىكىنى ساقلايدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارلىرىمىزغا تەسىر قىلىشىغا يول قويمايمىز. بۇ بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ناھايىتى مۇھىم سىگىنالىمىز.»

جېسىكا باتكې خانىمنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتى جېففىرىي نايىس ئەپەندى بۈگۈنكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئەتىكى، يەنى 11-سېنتەبىرىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئەتە ئوخشاش ۋاقىتتا باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يۇتۇب قانىلىدا ۋە رادىيومىزنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. رادىيومىز بىرىنچى كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا نەق مەيداندىن يىغىن ئانالىزى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. رادىيومىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىگە دىققەت بەرگەيسىزلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.